ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ 10 چوڭ پىرىنسىپى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ 10 چوڭ پىرىنسىپى

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 647 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. تەرتىپلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش (ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە)، ھەرگىزمۇ بىر كۈن ھەرىكەت قىلىپ، ئىككى كۈن خىيالىدا يوق يۈرمەسلىك كېرەك. 
2. ھامىلىدار بولغاندا، ھەر كۈنى تەخمىنەن 300 كالورىيە ئېنېرگىيە خورىتىش كېرەك، شۇڭا، ئەگەر ھەرىكەت قىلىنسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، ھەمدە يېتەرلىك سۇ ئىچىش ئارقىلىق سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 
3. ئاچ قورساق بەدەن چېنىقتۇرماسلىق كېرەك. ئەگەر تاماق يېمىگەن بولسىڭىز، بەدىنىڭىزدە بەلكىم كېتون ھاسىل بولۇشى مۇمكىن، كېتوننىڭ ھامىلىگە زىيىنى بار.شۇڭا ھەرىكەت قىلىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئازراق پېچىنە-پىرەنىك يەپ، ئازراق ئاپېلسىن شەربىتى ئىچىش ناھايىتى زۆرۈردۇر.
4. ھەر قېتىم بەش مىنۇتلۇق بەدەن قىزىتىش مەشىقى قىلىش، ھەرىكەت ئاخىرلاشقاندىمۇ ئاستا-ئاستا توختاش كېرەك. ھەرىكەتتىن كېيىن تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرماسلىق كېرەك، بۇنداق بولمىغاندا، ئاسانلا قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز يۇقىرىلاپ كېتىشى مۇمكىن. 
5. بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا، يۈرەك رىتىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. يۈرەك رىتىمى ھەر مىنۇتىغا 140 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچەشتە يۈرەك رىتىمى ئۆلچەش ئەسۋابى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە سۆزلەش ئارقىلىقمۇ ئۆلچىگىلى بولىدۇ. يەنى بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا نورمال گەپ قىلغىلى بولمىسا، يۈرەك رىتىمىنىڭ تېز، ھەرىكەت سىجىللىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر قېتىم ھەرىكەت سىجىللىقى 20 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق. تۆۋەن سىجىللىقتىكى ھەرىكەت (مەسىلەن پىيادە سەيلە قىلىش) 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 
6. ھەرىكەت قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى تاختايلىق يەردە ياكى گىلەم سېلىنغان يەردە ئىشلەش كېرەك، چۈنكى بۇ جايلارنىڭ بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتى چوڭ بولىدۇ. 
7. ھەرىكەت قىلغاندا، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنىڭ تېزلىشىشى سەۋەبلىك، سىز ئادەتتىكىدىن ئىسسىق ھېس قىلىسىز. پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش (37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشماسلىق)، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيى ھامىلىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ جەرياندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى تېخىمۇ مۇھىم.
8. ھامىلىدار بولۇپ 4ئايدىن كېيىن ، گەۋدىنى تەكشى ياتقۇزۇش تىپىدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ خىل بەدەن ھالىتى بالىياتقۇنى كېرىلدۈرۈپ، ۋېنانىڭ بېسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاننىڭ يۈرەك ۋە بالىياتقۇغا يەتكۈزۈلۈشىگە تەسىر يېتىدۇ.
9. تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەت ياكى مەشىقلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن: ئات مىنىش، تاغدا ۋېلىسىپىت مىنىش. سىز ئادەتتە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى ناھايىتى ياخشى قىلغان تەقدىردىمۇ، شۇنى چوقۇم ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز كېرەككى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى داس بوشلۇقىنىڭ تۇتىشىش نۇقتىسىدا سىڭىرنى بوشاشتۇرۇپ، سىزنىڭ ئاسانلا يارىلىنىشىڭىز ۋە يېقىلىپ چۈشۈشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. سىجىللىقى جىددىي ھەرىكەتلەرنى سىناپ بېقىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قورساققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىش كېرەك. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلىش، بالدۇر تۇغۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى