بالا كېچىسى يىغلىغاندا يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟)(1)
ۋاقتى: 2015-06-25
ئاۋاتلىقى: 570 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالا كېچىسى يىغلىغاندا يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟)(1)
1. كېسەلنىڭ تەسىرى . بەزى كېسەللەرمۇ بالىنىڭ كېچىسى ئۇخلىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن بىرلەمچى كېسەلدىن باشلاپ تەدبىر كۆرۈپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. راخىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارمۇ كېچىسى بىئارام بولۇپ تىنىچ ياتمايدۇ. يەنە بەزى بوۋاقلار يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ يىغلاپ توختىمايدۇ. قارايدىغان بولساق بوۋاقنىڭ چىرايى باشقىچە جىددىي. بۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۈندۈزى بىرە نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بەك روھلىنىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان. بۇندىن باشقا تۈتۈ مەددە كېسىلىگە گىرىپدار بولغان بالىلار. مەددە قۇرت ئادەتتە مەقەت ئەتىراپىدا تۇخۇمدايدىغان بولغاچقا ،تېرىنى غەيرى قىچىشتۇرۇپ بوۋاقنىڭ تىنىچ ئۇخلىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
فىزىئولوگىيېلىك يىغلاش. بالىنىڭ تەرەت لاتىسى ھۆل بوپ كەتسە،بەك چىڭ يۆگىۋەتكەن ياكى قورسىقى ئېچىپ ئۇسساپ كەتكەن، ئۆينىڭ تېمىراتۇرسى مۇۋاپىق بولمىغان قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ ئۇخلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ سەۋەبلەرنى يوقىتىۋەتسىلا بالا ئىنتايىن تېزلا يىغلاشتىن توختايدۇ