بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ تەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2016-03-16
ئاۋاتلىقى: 530 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئېغىرلىق يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
بوۋاقنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3~3.3 كىلوگرامغىچە بولىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 30~40 گىرامغىچە، ھەر ھەپتىدە 200~300 گىرامغىچە، بىر ئايدا تەخمىنەن 1000 گىرام (بىر كىلوگىرام) ئاشىدۇ.
بوي ئېگىزلىكىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر بولۇپ، ئوغۇل، قىز بوۋاقلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىدە 0.2~0.5 سانتىمېتىرغىچە پەرق بولىدۇ. تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بوي ئېگىزلىكى بىلەن ئىرسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس. ئېيىغا توشۇشنىڭ ئالدى كەينىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3~5 سانتىمېتىرغىچە ئۆسىدۇ.
باش ئايلانمىسىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ باش ئايلانمىسى تەخمىنەن33~35 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ، ئېيىغا توشۇشنىڭ ئالدى كەينىدە2~3 سانتىمېتىرغىچە چوڭىيىدۇ.
مېڭە لىپىلدىقىنىڭ يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئالدى مېڭە لىپلدىقنىڭ يانتۇ ئوقى تەخمىنەن 2.5 سانتىمېتىر بولىدۇ، بىر سانتىمېتىردىن كىچىك ياكى 3 سانتىمېتىردىن چوڭ بولسا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.