يانفوندا كۆرۈش
تۇغۇت دەم ئېلىشى بولسا خىزمەت قىلىۋاتقان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتنىڭ ئالدى-كەينىدە ئارام ئالىدىغان ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، تۇغۇت دەم ئېلىشى ئادەتتە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى يېرىم ئاي ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى ئىككى يېرىم ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېچىكىپ توي قىلىپ، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرگەنلەر بولسا تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتى تۆت ئايغا يېتىدۇ. ئومۇمەن ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر 98 كۈندىن كۆپرەك دەم ئېلىش كۈنىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەتلىك قانۇن تۈزۈش ئىشخانىسى «ئايال خىزمەتچىلەر ئالاھىدە ئەمگەك قوغداش نىزامى»نى تولۇق ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا تۇغۇت رۇخسىتىنى ئەسلىدىكى 90 كۈندىن 14 ھەپتىگە ئۇزارتىپ، ھامىلىدار بولۇش، بويىدىن ئاجراپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ راسخوتىنى تۇرۇشلۇق ئورگان ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلىگەن. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى «ئايال خىزمەتچىلەر ئەمگەك ئالاھىدە قوغداش بەلگىلىمىسى» دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (گوۋۇيۈەن) دائىمىي ئىشلار يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىدىن ئۆتكەن. لايىھەدە ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى 90 كۈندىن 98 كۈنگە ئۇزارتىپ يەنە بەزى ھوقۇقلىرىنى قېلىپلاشتۇرغان.