ئاق تۇرۇپ شەربىتى
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: بەش ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: بىر تال تۇرۇپ، بىر تال نەشپۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ئاق تۇرۇپنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، نەشپۈتنى ئىككى پارچە قىلىپ، بىر پارچىسىنى نېپىز ياپراقچە قىلىپ توغرايمىز.
2. تۇرۇپنى قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە سۈزۈك سۇ قۇيۇپ پەس ئوتتا قاينىتىمىز، 10 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، نەشپۈت ياپراقچىسىنى سېلىپ يەنە بەش مىنۇت قايناتساقلا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: ئاق تۇرۇپ تەركىبدە ۋېتامىن C، ئاقسىل، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەلنى توختىتىش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق دورىلىق قىممىتى ۋە ساقلىق ساقلاش رولى بار. بىر كېچە تۇرۇپ قالغان ئاق تۇرۇپ شەربىتىنى بوۋاققا بېرىشكە بولمايدۇ.