تېرە قۇرغاقلىشىش
ۋاقتى: 2015-08-01
ئاۋاتلىقى: 825 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تېرە قۇرغاقلىشىش
تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ سەۋەبى
بوۋاققا قااش بىلەن بولۇپ كىتىپ تېرىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا سەل قاراش. تېرىدە سۇ كەمچىل بولغاندا يرىكلىشىپ تېرە تاشلاش، قىسمەن سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ.
تېرە قورغاقلاشقاندىكى تەكلىپ
ئاۋال مۇسكۇللارنى جانلاندۇرۇش، قېرىغان مۈڭگۈز ماددىسىنى تازىلاپ چىقىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى مۈڭگۈز ماددىسى ھۈجەيرىللىرىنى تولۇق سۇ بىلەن تەمىنلەش، نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
قىزىق ساپ سۇ بىلەن مۇزدەك ئېمۇلسىيەنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلەشتۈرىمىز، سۇ بىلەن ئېمۇلسىيەنىڭ نىسبىتى 2:1 ، بۇ خىل ئارلاشما ماددىنى ئاستاغىنە يۇيۇپ تازىلانغان تېرىگە ئالقان بىلەن تېرىگە سىڭىپ كەتكىچە سۈركەيمىز.
دائىم بىر نەملىك ساقلايدىغان پۇركىگۈچنى تەييارلاپ، مەلۇم ۋاقىت ئارلىقىدا بىر قېتىمدىن پۇركەپ قويۇش ئارقىلىق تېرىگە سۇ تولۇقلايمىز.
سېللۇلوزا مول بولغان سەي-كۆكتات، مېۋە ۋە ۋېتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش ئارقىلىق ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ۋە تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
توغرا بولغان سۇ ئىچىش ئادىتى تېرىنىڭ نەملىكىنى تىز سۈرئەتتە ئەسلىگە قايتۇرىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان ئىلىمان سۇ ئىچىش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى غىدىقلاپ، ئىچكى قىسىم ئەزالارنى خىزمەت ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ. ئەگەر يېڭى ئانا بولغۇچىلار قەۋزىيەت بولسا سۇغا تۇز قۇشسىمۇ بولىدۇ.