ھامىلىدارلىقنىڭ 34-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
ۋاقتى: 2016-01-11
ئاۋاتلىقى: 658 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھازىر تەخمىنەن 2.2 كىلوگرام، بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن 45.7 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ھامىلىنىڭ تېرىسىنىڭ ماي قەۋىتى بارغانسېرى قېلىنلاش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ماي قەۋىتى ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاشتا ياردىمى بولىدۇ. ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىمۇ يېتىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما ھامىلىنىڭ ئۆپكىسى ئاللىبۇرۇن يېتىلىپ بولدى. ئەگەر سىز بالدۇر يەڭگىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز-- ئەنسىرىمەڭ! چۈنكى بۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان ھامىلىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %99 كە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى سەۋەبلىك باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىمۇ ناھايىتى تۆۋەن.