تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى قانداق ھېسابلايمىز؟
يانفوندا كۆرۈش
بۇ يەردە ئىككى خىل ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز: بىرى، تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدىدىكى 1-2 كۈن ئىچىدە، سىرتقى جىنسى يول ئاجراتما ماددىلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ، تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، سۈزۈك، تىرناقنىڭ ئۇچى بىلەن تۇتقاندا سوزۇنچاق ھالەتتە بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە بەزى قىز ئاياللارنىڭ تۆۋەنكى قورساق ئوڭ تەرىپى بىر خىل ئاغرىيدۇ.
ھامىلىدار بولماقچى بولغان ئايال ئەرمەك ھايۋانلاردىن يىراق تۇرىشى كېرەك
نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ تېنىدە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كىچىك جانلىقلار بولىدۇ، بۇ خىل ھاشارەت ۋە جانلىقلار بەزىبىر يۇقۇملىنىپ قېلىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مۇبادا يۇقۇملىنىش دەل ھامىلىدار بولۇش مەزگىلىدە يۈز بەرسە، تۆرەلمىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ھامىلىدار بولۇشنى ئويلىغان ھەر بىر قىز چوقۇم ئەرمەك ھايۋانلاردىن يىراق تۇرۇشى، ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشقان بولسا قولىنى دەرھال يۇيۇۋېتىش كېرەك.