بالىلار زۇكام رىسالىسىدىكى جەۋھەرلەرنى تونۇشتۇرۇش
ۋاقتى: 2015-05-22
ئاۋاتلىقى: 542 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىلار زۇكام رىسالىسىدىكى جەۋھەرلەرنى تونۇشتۇرۇش
1 . تۇرۇپ زەنجىۋىل شەربىتى
ئوزۇقلۇق تەھلىلى: تۇرۇپ تەمى ئاچچىق، تاتلىق،سوغۇق تەبىئەتلىك بولۇپ، قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى پەسەيتىش، كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىپ زەھەر قايتۇرۇش رولى بار. ئىسپىرتتىن ئىكىستىراكىتلاپ ئايرىۋىلىنغان ماددىنىڭ گرام مۇسپىي باكتېرىيەسىگە نىسبەتەن كۈچلۈك قارشى تۇرۇش رولى بار. چىلىغۇچنىڭ تېرىگە نىسبەتەن كۆپ خىل زەمبۇرۇغنى كونترول قىلىش رولى بار. زەنجىۋىل ئاچچىق، ئىسسىق، سوغۇقنى تارقىتىپ ئاشقازاننى قىزىتىدۇ. بۇ دورىنىڭ شەربىتى سوغۇقنى ھەيدەپ،زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش رولى بار.
ياساش ئۇسۇلى:
1)تۇرۇپ، زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ ،تۇرۇپنى تېرىسى بىلەن زەنجىۋىلنىڭ تېرىسنى ئاقلىۋىتىپ،ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ ئېزىلگىچە سوقىمىز. ئاندىن پاكىز داكا بىلەن چىڭ سىقىمىز.
2)شەربەتنى بۆلۈپ ئاستا- ئاستا يۇتۇش.
2.قېرىقىز يىلتىزى ئۇمىچى
ئوزۇقلۇق تەھلىلى: قېرىقىز يىلتىزى ئاچچىق چۈچۈمەل، سوغۇق، قېرىقىزنىڭ رولى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىسسىقلىقنى تارقىتىش رولى بار. كانايدىكى ئىسسىقلارنى ياندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا قېرىقىز يىلتىزىنى ئىچىدىن ئىشلەتكەندە مېتابولىزىمنى كۈچەيتىدۇ. قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەت ۋە ئادەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولى بار، ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ كاناي ۋە ئاشقازانغا بولغان ئۈنۈمى ياخشى.
ياساش ئۇسۇلى
1)ئاۋۋال گۈرۈچنى ئۇماچ قىلىپ، سۇ بىلەن قېرىقىز يىلتىزىنى بەش مىنۇت قاينىتىمىز، ئېزىپ شەربىتىنى ئالىمىز، شېكەر قوشۇپ تەمىنى تەڭشەيمىز.
2)ئىسسىق-سوغۇقلۇقىنى تەڭشەيمىز.