ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپ ھامىلىدارلىقنىڭ سەككىزىنچى ھەپتىسىگىچە بالىياتقۇ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ كېڭەيگەنلىكتىن، ئېھتىمال سىز بىرىنچى قېتىم قورسىقىڭىزنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەنسىرەش ھاجەتسىز، بۇ باسقۇچتا داس سۆڭىكىنىڭ ھەرقانداق بىر تەرىپى ئاغرىسا نورمال بولىدۇ، بولۇپمۇ بەلنى تولغىغاندا ياكى ئورنىدىن تۇرغاندا روشەن بولىدۇ. گەرچە سىزنىڭ قورسىقىڭىز قارىماققا تۈز بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ بالىياتقۇڭىز مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا بولغان بولىدۇ، ئۇزۇن-قىسقىلىقى بەش سانتىمېتىر ئەتراپىدا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ كېتىدۇ، جىنسىي يول دىۋارى بىلەن بالىياتقۇ بوينى قان تولغانلىقتىن يۇمشايدۇ، بۇمۇ قورساقتا ئاغرىش پەيدا قىلىدىغان سەۋەبىنىڭ بىرى.