ھامىلىدارلىقنىڭ 17-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولۇپ 17 ھەپتە بولغاندا، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ، ئىلگىرى كىيگەن كىيىمىنى كىيەلمەيدۇ، پەقەت ئازادە بولغان ھامىلىدارلار كىيىمىنى كىيگەندىلا ئاندىن ئۆزىنى راھەت ھېس قىلالايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئاز دېگەندە تۆت جىڭ ئارتىدۇ، بەزى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئېغىرلىقى ھەتتا ئون جىڭ ئارتىدۇ. كۆكسى تېخىمۇ سەزگۈرلىشىپ، يۇمشاپ كېتىدۇ، ھەتتا ئازراق ئاغرىيدۇ. كىندىك بىلەن دوۋسۇن سۆڭىكى ئارىسىنى تۇتقاندا، بىر قاتتىق نەرسە ئۇرۇلغاندەك بولىدۇ، بۇ بالىياتقۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى. بەزىدە سىزدە قورساقنىڭ بىر تەرىپىنى تۇتقاندا ئاغرىش ئەھۋالى بولسا، بۇ بالىياتقۇنىڭ تېز سۈرئەتتە چوڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئىزچىل ئاغرىپ توختىمىسا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك.