ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى ئىستېمال قىلىش كېرەك
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى ئىستېمال قىلىش كېرەك
يوپۇرماق كىسلاتاسى ئاياللار ئانا بولۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم تولۇقلاشقا تېگىشلىك بولغان بىر خىل ۋىتامىن، چۈنكى ئۇ ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق. ئەرلەرمۇ ئەمەلىيەتتە يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىشى كېرەك، چۈنكى يوپۇرماق كىسلاتاسى DNA نىڭ بىرىكىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاشنىڭ چارىسى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسىلا بولىدۇ. دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى ناھايىتى مول. بۇنىڭدا ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدىكى ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئورتاق ئىشى، شۇڭا ساغلام قارا ئاشلىقتا تاماق ئېتىپ ئەر-خوتۇن تەڭ يېسە ناھايىتى ياخشى.