كىچىك ئاشپۇزۇللاردىن تاماق يىيىش كىرەكمۇ ياكى يىمەسلىك كىرەكمۇ؟
ۋاقتى125 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇختۇرۇش, تاغدىن-باغدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 06ئاي 18كۈنى | : 701 قىتىم كۆرۈلدى°
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار مەن بۈگۈن بلوگىمنىڭ ئەسلى ماھىيتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولغان بىر تىمىنى يوللىدىم، لىكىن بۇ بىر مۇنازىرە قىلىشقا ھەل قىلىشقا بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش، شۇنداقلا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىزچىل ئويلاپ كىلىۋاتقان مەسىلەم ئىدى، شۇڭا بۇ مەسىلىگە باشقا قىرىنداشلىرىمىز قانداق قارايدۇ دەپ بۇ يەرگە يوللىدىم
نىمە ئۈچۈن كىچىك ئاشپۇزۇللاردىن تاماق يىيىش كىرەكمۇ ياكى يىمەسلىك كىرەكمۇ دەپ سۇئال قويىسىز دىيىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا تۆۋەندە مەن يولۇققان بىرقانچە مەسىلىنى ئاڭلاپ بىقىڭ.
بىر كۈنى بىر كىچىك ئاشپۇزۇلغا كىردىم، ۋە بىر تەخسە لەغمەن يىدىم، تاماقنى يەپ بولۇپ پۇل تۆلىگىلى بارسام ئايال خوجايىن پۇل يىغىدىغان ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ چۆچۈرە تۈگىۋىتىپتۇ، باشقا ئادەم يوق ، پۇلنى ئالدى 10 سوم بەرگەنتىم، 6 يۇەن تۇتۇپ قىلىپ 4 يۇەن قايتۇردى، پۇلنى قايتۇرۋىتىپ يەنە چۆچۈرە تۈگۈشكە باشلىدى، ئويلاپ بىقىڭلار چۆچۈرىنىڭ قىمىسى يۆل مۇشۇ يۆل نەرسىنى تۇتۇۋاتقان ئادەم پۇلنى تۇتسا ئاندىن كىيىن يەنە ئاشۇ پۇل تۇتقان قولىدا ئاشۇ چۆچۈرە قىمىسىنى تۇتۇپ چۆچۈرە تۈگۈرسە، پۇل دىگەن نەرسە قانچىلىك مەينەت نەرسە بىلەمسىلە ؟ بۇ پۇلنە قارىم موللام ئوغىرى يانجۇچى پاھىشۋاز باي كەمبەغەل ھاجەتخانىغا كىرگەن چىققان ئادەم ئىشلەمچى ھەممىسى تۇتىدۇ، بىرسىنىڭ قولىدىن بىرسىگە ئۆتۈپ بۇ پۇل دىگەن نەرسە ئىنتايىن بىر مەينەت نىىجاسەت نەرسىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ، مانا مۇشۇنداق تۇرۇپ ئاشۇنداق بىر نىىجاسەت نەرسىنى تۇتقان قولدا ئاشۇ قىمىنى تۇتسا ئاشۇ تائامغا نىىجاسەت قوشۇپ ئەتكەن بولمامدۇ؟
يەنە بىر مىسال ئالاي:
بىركۈنى بىر كىچىك ئاشپۇزۇلغا كىرىپ ئۇنىڭدىمۇ لەغمەن يەپ پۇل تۆلىگىلى قارىسام ھىچ بىرسى يوق ئۇياق ئىزدەپ بۇ ياق ئىزدەپ لوبەن دەپ چاقىرسام لەزمەت تارتىدىغان ئۆيدىن بىر لەغمەت تارتىپ قوللىرى ماي بىر كىشى چىقىپلا قولىنى ئىشتانلىرغا پەشتەمانلىرىغا ئىيتىۋىتىپلا پۇلنى ئالدى تارتمىدىن بىر مۇنچە پۇلنى ئاختۇرۇپ پۇل قديتۇرۇپ بەردى، ئاندىن يەنە كىرىپلا لەغمەن تارتىپ كەتتى،
يەنە بىر مىسال:
بىر كۈنى سىرتىغا چىقماقچى بولۇپ ئاپتۇبۇس بىكىتىد ماشىنا ساقلاپ تۇراتتىم بىكەتنىڭ يىنىدىكى بىر ناۋاي بالىنىڭ قىلىۋاتقان ھۈنىرىگە كۆزۈم چۈشۈپ قاراپ تۇراتتىم ، ئۇ بالا ئىش ھەلەكچىلىكىدە مىنى كۆرمىدى، نان يىقىۋىتىپلا ( بۇ سەل سەتراق گەپتى شۇنداقتىمۇ دەۋىرەي) كاسىسى قىچىشىپ كەتتىمۇ قانداق نان يىقىۋاتقان بالا شۇ يىرىنى قاشلىۋىتىپ يەنە قولنى يۇيۇپ چىقماي يەنە نان يىقىشقا چۈشۈپ كەتتى، شۇندىن بىرى شۇ ناۋايخانىدىن نان ئالماس بولدۇم،
بۇنداق ئىشلار جەمىيتىمىزدە كۆپ بولۇپمۇ مانا مۇشۇنداق كىچىك ئاشپۇزۇللىرىمىزدا، ئەمدى مۇشۇنداق كىچىك ئاشپۇزۇللاردا تاماق يىمەيلى دىسەك بۇ كىچىك ئاشپۇزۇللارنى كەمبەزەل تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئاچقان ئەگەر پۇلى كۆپ بولغان بولسا چوڭ چوڭ ئاشپۇزۇللارنى ئىچىپ ئادەمنى توشاق ئىشلىتىپ ئۆزى پۇل يىغىش سۇپىسىدىن چۈشمەي پۇل يىغىپ ئولتۇرغان بولاتتى، يەيلى دىسەك مانا مۇشۇنداق مەينەت قوللار بىلەن تاماق ئىتىۋاتسا بۇنداق تاماقلارنى يىسەك ئەمدى بىز نىمە بولماقچى،
بۇنى دىسەم يەنە بەزەن دوستلىرىمىز بۇنداق دىسىڭىز ئۇيغۇرلار خەنزۇنىڭ زاۋۇتىدا يىمەكلىك ياسىتىپ ئۇيغۇرچە خالتىغا قاچىلىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر شىركىتىنىڭ مۇسۇلمانچە دەپ خەتنى چاپلاپ سىتىۋاتسا بۇنىڭغا نىمە دەيسىز دىيىشى مۇمكىن،
ئەمدى سىلەر بىر پىكىر بىرىپ باقساڭلار مانا مۇشۇنداق ئىشلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش قانداق ھەل قىلىش كىرەك، ئامال يوق دەپ كۆرمەسكە سىلىپ ئۆتۈش كىرەكمۇ ياكى قانداق ھەل قىلىش كىرەك.
بۇ ھەقىقەتەن بىر ئىجتىمائى مەسىلە. بۇنى تۈپتىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. لېكىن ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىزدىكى ھۈنەر – كاسىپلىق ساپايىمىزنىڭ تۈۋەنلىكىدە. جەمىيەت ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان مەزگىللەردە ھۈنەرۋەن – كاسىپلارنىڭ شاگىرتلارغا بولغان تەلىپى شۇنداق قاتتىق ئىدى. ئىلگىرى شاگرتلار ئۇستاملارغا يالۋۇرۇپ ھۈنەر ئۈگۈنەتتى. ھازىر ئۇستاملار شاگىرتلارغا يالۋۇرۇپ ھەنەر ئۈگۈتىۋاتىدۇ. چۈنكى ھازىر جاھاندا پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى ئىلگىركىدىن كۆپ بولغاچقا، بۇ ئەشپەزلىك ھۈنىرىنى ئۈگۈنىدىغانلار يوق دىيەرلىك. ئۆلچەملىك ئۈگۈنۈپ چىققانلارنىڭ ئىش ھەققى تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى. دېمەك زىدىيەت كۆپ ھەم مۇرەككەپ. ئەمما ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ۋە خىرس نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇلار ھامان بىر كۈنى ئىشنى ئوڭشاپ قىلمىسا تىجارىتىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىدۇ. شۇ چاققىچە ئاز – پازدىن ۋايساپ تۇرايلى.
مەن بۇ ئىنكاسنى يېزىپ بولغۇچە باشقىلار دىۋاندا ئولتۇرۇپ بولدىمىكىن دېسەم، ئادەم يوققۇ!
دىمىسىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار بىزنىڭ كۇچاردىمۇ كۆپ ئىدى،سودىگەربازىرىغا كىرسىڭىز ئۇنداق ئاشخانىلار تولا.بىرقېتىم كىرىپ دىڭ-دىڭ سمەن دىسەم ئاچىقىپتۇ يەي دەپ قارىسام ئاشنىڭ ئارىسىدا سەينىڭ ئاقلەپ تاشلىۋەتكەن شۇپۇكلىرى تۇرمامدۇ؟!!!قارىغاندا تاللاپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت يوق ئارلاشتۇرۇپ قۇرىلىۋەرگەن ئوخشايدۇ!
ئامال يوق، بۇنداق ئاشپۇزۇللار دوقمۇشتا بىر، كۆپىنچە ئاشپۇزۇللارنىڭ خىزمەتچىلىرى تاماقتىن بىر نەرسە چىقىپ قالسا «چوڭ قازاننىڭ تامىقى ئەمەسمۇ، ئازراق بىر نەرسە ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ» دەپ ئادەتلىنىپ كەتكەن، بىراق شۇنداق دەپ بولۇپ بۇندىن كېيىن ئارىلىشىپ كەتمىسۇن دەپ دېققەت قىلىدىغانلىرى كۆپ ئەمەس… چۈنكى كۆنۈپ كەتكەندە، بۇرۇندىن تارتىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىشنى ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
مىنىڭچە ئامال بار سىرىتتىن تاماق يىمەسلىك كىرەك.