ئافغانىستاننىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىپ بىقىڭ!

ۋاقتى160 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 04ئاي 30كۈنى | : 3,789 قىتىم كۆرۈلدى°

تۆۋەندىكى فىلىم بولسا دۆلىتىمىزدىن بىر ئايال بىرىپ ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغان بىر قىسقا فىلىمى بولۇپ بۇنى كۆرسىڭىز ئافغانىستانلىق قىرىنداشلىرىمىزغا چوقۇم ھىسداشلىقىڭىز قوزغىلىشى مۇمكىن! مەن فىلىمنى ئەزەلدىن بۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كۆرمەيتىم لىكىن بۇنى باشتىن ئاخىرى بىر كۆرۈپ تۈگىتىپتىمەن! بۇنى كۆرۈپ مەندە ئافغانىستاندىكى قىرىنداشلىرىمىزغا بولغان چۈشىنىشىم يەنىمۇ بىر قەدەر چۇڭقۇرلىدى.

قوشۇمچە: مەن ئاساسلىق بۇ فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندىم لىكىن تەرجىمە قىلىشقا سەل ئاجىزلىق قىلغۇدەكمەن تەرجىمە قىلالايدىغان دوستلىرىمىز بولسا تەرجىمە قىلىپ بەرسە شۇ دوستىمىزنىڭ نامىدا بلوگقا يوللاپ قويساق بولىدۇ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلاندىمۇ ئەڭ سەرخىل ئۇچۇر چىقىدۇ

ئاللىبۇرۇن8تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • ھەمزە ئىيتىدۇلەركى:2011/04/30 2:21 سەھەر جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئاپغانىستانىدىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننى قانۇن قىلغان ۋە قۇرئان قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىپ كىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان توختىماي بۇلىۋاتقان ئۇرۇش ئۇلارنى تەرەققىياتتىن تۇسۇپ قويدى.
    ئاياللىرىنىڭ كىينىشى ھەقىقەتەن ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىگە تۇلۇق چۇشىدۇ. ئاللاھ ئافغانىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلرىمىزغا ياردەم قىلسۇن!
    بولسا تەرجىمە قىلىپ قويغان بولساڭلار… ئەرەپچە بولغان بولسا ئۈزۈملا تەرجىمە قىلىتتىم.

  • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/30 9:26 سەھەر جاۋاب

    ۋاھ بۇ ھىجاپلىق ئاياللار نىمە دىگەن چىرايلىق كىيىنگەن…….

  • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/04/30 2:29 كەچ جاۋاب

    يۇقارقى فىلىمدىن كورۋىلىشقا بولدۇكى ئۇ يەردىكى بالىلار تۇغۇلشىدىنلا ، ئاچارچىلىق، ئۇرۇش خانىۋەيرانچىلىقى ئۇستىگە تۇغۇلدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ خاراكتىرى قانداق بولۇپ يىتىلدۇ ؟ بۇ بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا تىگىشلىك مەسىلە

  • رېتسىپ ئىيتىدۇلەركى:2011/05/01 11:16 سەھەر جاۋاب

    ھەقىقەتەن قاپالىقكەن جۇمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ،خۇداغا شۇكرى دېسەك بولغۇدەك….

  • بىلىمدان ئىيتىدۇلەركى:2011/05/01 4:39 كەچ جاۋاب

    خەنزۇلار نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ ئۇ يەردە

  • بۇلبۇلناز ئىيتىدۇلەركى:2011/06/01 7:15 كەچ جاۋاب

    ئافغانىستاننىڭ مەركىزى_ كابۇل

    2009 يىلى 7- ئايدا فىلىم ئىشلىگۈچى لىياڭزى ئافغانىستاننىڭ مەركىزى كابۇلغا كەلدى ، بۇ ئۇنىڭدىن ئارىدىن ئالتە يىل ئـۈتۈپ ئىككىنچى قىتىم كىلىشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا لىياڭزى ئۇرۇش ئەمدىلا ئاياقلاشقان كابۇلنىڭ ئەينى چادىكى ھالىتىدىن خاتىرە قالدۇرۋالغان ۋە تەلىيگە يارىشا پەقەت ئاياللارلا كىرىش ئىمكانىيتى بولغان ئاممىۋى سورۇنلارغىچە كىرگەن ئىدى. ئالتە يىل ئـۈتۈپ كەتتى ، كابۇل يەنىلا ئاۋالقىدەك قۇپقۇرۇقمىدۇ ، ئاشۇ بىر قىسىم كۆرۈشكەن ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى قانداقراقتۇر؟ ئۈتۈپ كەتكەن ئالتە يىلدىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ، لىياڭزى يەنە بىر قېتىم كابۇلغا كىرىپ كەلدى.
    لىياڭزى : مەن تۇنجى قېتىم بارغان چېغىمدا، شەھەرگە كىرىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ۋەيران بوپ كەتكەن قۇرۇلۇشلارنى بايقىغانىدىم . ئادەملەر كۆپ ئەمەس ، ماشىنىلارمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى . ھەرقاچان ئامرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئارمىيسىنىڭ ھەربىي ماشىنلىرى ۋە تانكىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى ، كابۇلنىڭ شەھەر ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن بىرەرمۇ مۇكەممەل قۇرۇلۇشنىڭ يوقلىقىنى ئاندىن بايقىدىم .

  • بۇلبۇلناز ئىيتىدۇلەركى:2011/06/03 4:33 كەچ جاۋاب

    داۋامىنى قىلىشقا ۋاقىت يار بەرمەيۋاتىدۇ ، تاما – تاما كۆل بولار دەپ باشقىلارمۇ بىرەر ئېغىزدىن تەرجىمە قىلىپ قويغان بولسا تەرجىمە پۈتۈپمۇ قالاتتىكەن!!!

  • ئەرتەن ئىيتىدۇلەركى:2011/06/12 3:27 كەچ جاۋاب

    فىلىمنى كۆرمىدىم ، بۇبۇر بىلەن بىزنىڭ ھېچقانداق قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز يوق دەپ قارايمەن .

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

CommentLuv badge