QQ نىڭ ئۇيغۇرچىسى تارقىتىلدى
ۋاقتى145 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: چۈشۈرۈلمىلەر | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 05ئاي 15كۈنى | : 2,545 قىتىم كۆرۈلدى°
بىز ئالدىقى قېتىم مۇنبىرىمىز ئارقىلىق QQ نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىۋاتقىنىنى خەۋەر قىلغان ئىدۈق .
بۇگۈن بىز QQ بىكىتىمىز تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان نۇسخىسىنى رەسمى تارقاتتۇق .
QQنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى QQ2011 دىتالىنىڭ خەت نۈسخىسى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپلا قويۇلغان بولۇپ باشقا ھەر قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىمىغان.
بۇ QQ2011 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدى . ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلدا ھەقلىق تارقىتىشىغا بولمايدۈ .
بۇ QQ دىتالىنىڭ نەشىرى ھوقۇقى يەنىلا پىنگىۋىن شېركىتىگە تەۋە .
بىكىتىمىز بۇندىن كىيىن يىڭىدىن چىققان QQ نەشىرلىرى ۋە ياماقلىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت ئامال بار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يىڭى نەشىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۈ .
تەرجىمە قىلىنغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز بۇ تېمىنى كۆرۈڭ
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14792&page=1
بۇ QQ نىڭ پەقەت كۆرۈنمە ھالىتى ۋە باشقۇرۇش تىزىملىكلىرىلا ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە خەت ئالاقە ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى . ئۇيغۇرچە خەت ئالاقىنى قوللىمايدۇ ئەمەس ، بەلكى قوللايدۈ ، لىكىن QQ مۇلازىمىتىرى سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان خەتلىرىڭىزنى سۈزۈپ تاشلاپ قارشى تەرەپكە ئەۋەتىشكە يول قويمايدۈ .
ئەسلى QQ ئۇيغۇرلاشنىڭ ئىشلىتىشگە ماس كەلمەيدۈ دىسەكمۇ بولىدۈ . چۈنكى ئۇيغۇرچىنى يەكلەيدۈ ۋە ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۈ . بىزغۇ ئۇنىڭدىن قانۇنسىز ئىش قىلمايمىز ، لىكىن سىزنىڭ ئالاقىڭىزنى ھەر ۋاقىتى بىرسى كۆرۈپ تۇرسا سىزمۇ خالىمايسىزدە .
ئەسلى ئۇيغۇرلارغا skype دىتالى بەك ماس كېلەتتى ، ئۇنىڭغا ئالىپ ئەپەندىن تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان تىل كودىنى قوشىۋالسىڭىز پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۈ ۋە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا بىمالال ئالاقىلىشىلالايسىز . ۋە ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ خېتىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇشىدىن خاتىرجەم بولىسىز .
مانا بۇ ئالىپ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرچە قىلغان skype دىتالىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=689
لىكىن بىز ئۇيغۇرلار يەنىلا QQ دىن ئايرىلالمىدۈق .شۇڭا مەن بۇ قاملاشمىغان سېستىمىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۈم . دىتالنى چۈشۈرپ قاچىلىسىڭىز ئۇنى ئايرىم مۇندەرىجىگە قاچىلايدۈ . ئەسلىدىكى خەنزۈچە QQ نىمۇ نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۈ ئۈستەل يۈزىدىكى uyghurQQ دىگەن ھۆججەتنى قوزغىتىپ كىرسىڭىز بولىدۈ .
چۈشۈرۈش
بۇنى بىۋاستە قوزغاتسىڭىز خەت نۇسخىسى نورمال بولمايدۈ .
خەت نۇسخىسىنى نورمال قىلىش ئۈچۈن سىز ئەگەر سېستىمىڭىز wnxp بولسا تۆۋەندىكى تېمىدىكى كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات ئېلى بارسىڭىز بولىدۈ .
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14808
ئەگەر سىزنىڭ سېستىمىڭىز wn7 بولسا سىز بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىسىڭىز بولىدۈ .
ئاپاراتنى قايتا قوزغىتىشنى ئۇنۈتماڭ .
alip.rar (5306 K) 下载次数:1
ياكى ئالىپ ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى كۆرۈڭ :
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=702
بۇ تېمىنى ۋە دىتالنى ھىچكىمدىن سورىماي ، مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ھەر قانداق تور بەت ياكى ئورۇندا ئېلان قىلسىىڭىز ۋە ھەقسىز تارقاتسىڭىز بولىدۈ .
بارلىق ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇرچە QQ ئىشلەتسە بەلكىم پىنگىۋىن شېركىتى ئۇيغۇرچە نەشىرىنى چىقىرىش ۋە ئۇيغۇرچە چەكلىمىسىنى ئېلىۋىتىشنى ئويلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
ئاللا ھەممىڭلارغا رەھمەت ئاتا قىلغاي .ئېھتىرام بىلەن : ئەلقۇت تور بېتىمىزنىڭ ئادرىسى: www.elqut.cn
كەمىنە ئەلشات بلوگىمۇ بۇ ئۇيغۇرچە QQ غا كۆچۈپ بولدى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ بولسا سىلەرمۇ دوسلىرىڭلارغا تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار. ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە QQ دىن بىرقانچە سۈرەتلەر:
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ جۇمۇ !!!! كۆپ رەھمەت . خەۋەر يەتكۇزگىنىڭىزگە…
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، ئەمما بۇ بىرنېمە ئۇيغۇرچە قوللىغان بولسا ھە… بىزنىڭمۇ كوت-كوت دەپ بىر مۇڭداشقۇلىرىمىز بولىدىغان، ھازىر يوقاپ كەتتىدە…
«كۆيگەن يامانمۇ كۆيگنمۇ؟» دېسە – كۆنگەن يامان يامان دەپتىكەن. ئۇزۇندىن بىرى خەنچىسىنى ئىشلىتىپ كۈنۈپ قالغان ئىكەنمىز. ئۆزىمىزنىڭ تىلى بولغاندىكىن بۇنىڭغىمۇ تىز كۈنۈپ كىتەرمىز.
كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دىمەكچى ئىدىم.
بۇرۇنمۇ كوت-كوت دەپ ئۇيغۇرچە چىچى چىققان ئىدى،ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە،شۇلانى بىز قوللىماي،ئۇنى ۋەيران قىلغان،ئەسلىدىنلا بىز بۇچىچنى ئىشلەتمىسە ك بۇلىتى،ئۆز تىل يېزىقىمىزدا ئالاقە قېلىدىغان دىتال تۈزەپ چىقىش كېرەك ئىدى.تۈزۈپ چىقىپ تارتقاتسا ھۆكۈمەت ھەرگىز ىارشى تۇرمايتى….بۇ يېرىم تەرجىمە قىلغان چىچى نىڭ شۇ بىر قىسىم خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارغا پايدىسى بار….لېكن،….
يەنىلا شۇ skyp msn نى ئىشلەتكىنىمىز ئەۋزەل
ئىغزىمىزدىغۇ دەيدىكەنمىز لىكىن تورخانىلاردا ئاشۇ دىتالنى ئىشلىتەمدا مانا ئاشۇ دىتاللار تورخانىلاردىمۇ قاچىلانغان بولسا ئاشۇ دىتاللارنىمۇ ئىشلەتسەك بولاتتى نىمە ئامال! كۆنگەننى ئىشلەتمەي! بۇنىمۇ ئۇيغۇرچە خەت قوللايدىغان قىلىش ئۈچۈن قارلۇق شىركىتى QQ شىركىتىگە تەكلىپ سۇنغاندا ئۇلار رەت قىلغان ئىكەن شۇڭلاشقا ھازىر QQ ئۇيغۇرچە خەت تونۇمايۋاتىدۇ. بولمىسا بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ تەرەققىيات چوڭ ئىدى. مۇشۇ ئۇيغۇرچە QQ نى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ بولۇپ قالسا QQ شىركىتى بەلكىم ئۇيغۇرچە فونىت قوشۇشقا قوشۇلۇپ قالسا ئاجەپ ئەمەس
ھاھا…. ئاۋۇ دوسىت تىزىملىكى ئادەمنى ھەرئويلارغا سالىدىكەن جۇمۇ
ئاللا ئاللا ما ئىشنى ئاشكارلىنىپ كىتىپتۇيا
ھەي .. ئەگەر مۇشۇ ئۇيغۇرچە يازغىلى بولدىغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىدە ئەمما .. ئاڭلاشلاغا قارغاندا تېڭشۇننىڭ مۇلازىمىتىدا مەخسۇس مۇشۇنداق ئەرەپ يېزىقىغان ئوخشاش يېزىقلارنى سۈزۋېلىپ نۇرمال ئۆتكزمەسمىش .. بولمىسا ئۇيغۇرچە قىلىشقا ئەمكانىيەت تۇغلاركەن…
شۇنداق!ھەي! نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ! ئۇيغۇرلارنىڭ QQ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ نەچچە مىلىيوننى ئىگىلەيدىغۇ
ۋاڭبادا qq دىن باشقا skyp ۋە msn بارغۇ،بىز كۈندە يا خەنزۇ تىلىدا پاراڭلاشمىغانكىن،نىمشىقا بۇ qq دىن ۋاش كېچەلمەيمىز..ئارتۇق سۆزلىمەي
چەتئەلنىڭ ۋاڭبالىرىدا بولغان بىلەن بۇ يەرنىڭ ۋاڭبالىرىدا يوق دەيمەن.قۇتلۇق بەگ
مەنمۇ م س ن غا كۈنۈپ قالدىم ھازىر . ئىشلىتىدىغانلار قوشىۋىلىڭلار pakdil@msn.com
«رېتسىپ» داۋاملىق 24 سائەت f5 بىسىپ دىۋانغا بىشىنى قويۇپ ياتامدۇ نىمە ؟
ئەسلىغۇ بۇ چ چ نىڭ ئازۇلغۇدەك يىرى يوق ئادەتتە مەن ھازىر چ چ رىمنىمۇ ئاچمايمەن پەقەت مەھەلەمدىكى قوي پادىلىرىمنى باقىمەن شۇ
چ چ نى ئۇيغۇرچىلىلاش سېستىمىسى چىققىنى بەك ياخشى ئىش بۇپتۇ ، بۇلسا پۇتۇنلەي ئۇيغۇرچە بۇپ كەتكەن بۇسا ئۆز تىلىمىزدا تورخانىدا بۇلسۇن ياكى ئائىلىدە بۇسۇن ئەركىن ئالاقە قېلالىغان بۇلساق بەك ياخشى بۇلاتتى ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ خوش خەۋەرنى تېخىمۇ جىق ئادەمگە خەۋەر قېلىشىنى ئۈمۈد قېلىمەن.
MSN ئىشلىتىڭ پۇتۇنلەي ئۇيغۇرچە،،
ئىملادىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىۋەتسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاركەن
پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، بۇ تىمىنى ئەسلىدە ئىلقۇت ئەپەندىم يازغان، شۇنداقتىمۇ مەن بىر ئوقۇپ چىقىپ بەزەن ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ قويدۇم، ئەلشات بلوگى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، پات پات كەپ تۇرۇڭ