Wordperss قا كۆچۈش خىيالى بارلارغا خۇش خەۋەر!

ۋاقتى181 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇختۇرۇش | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 04ئاي 24كۈنى | : 1,856 قىتىم كۆرۈلدى°

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار! ماڭا شۇنداق قىلىپ بۇ بلوگبۇس تىن ئايرىلغىلىمىۇ 20 كۈنچە بوپ قاپتۇ، بۇ جەرياندا راستىنى دىسەم نىمىشقا بالدۇرراق Wordperss قا كۆچمىگەندىمەن دەپ قالىمەن، چۈنكى Wordperss ھەقىقەتەن ياخشى بىلوگ سۇپىسى ئىكەن، ئارقا بەتلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە، قىستۇرمىلىرى  ئىلغار، ھەم قاچىلاش ئاسان، ھەم ئۇيغۇر بەگ پىرىستان دەك مۇقىم يىتەكلىگۈچىلەر بار،تىما يىزىش رەسىم يوللاش ئىشقىلىپ ھەر جەھەتتىن بلوگبۇس تىن ياخشى سۈرتى تىز خاتالىق ئۇچۇرلىرىنىڭ چىقىۋىلىش نىسبىتى 1% ،بلوگبۇس تەك رەسىم يوللىسىڭىز ، ھۆججەت باشقۇرۇشنى ئاچسىڭىز، سۇئالغا جاۋاب يازسىڭىز، خاتالىق چىقىۋالىدىغان ئىشلار قەتئى يۈز بەرمەيدىكەن يەنە تىخى ئۆز ئالدىڭىزغا تور نامىڭىز بولىدۇ بلوگبۇس تەك خەخ نىڭ چاپىنىدا تەرلىمەيسىز. ئىسىمنىڭ كەينىگەن بلوگبۇس دەپ قوشۇپ ،يەنە پات پات مۇلازىمىتىر ئالماشتۇرۋاتىمىز دەپ ئومومەن ئىچىلمايدىغان رەسىم ئامبىرىدىن چاتاق چىقتى دەپ بلوگنى رەسىمى يوق ئىسكىلىت قىلىپ قويىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ!ئىشقىلىپ دىمەك Wordperss ھەقىقەتەن ياخشى بىر بلوگ سىستىمىسى! ئەمدى بۇنى ماختاۋەرمەي ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مەن بۇ Wordperss قا كۆچكەندىن كىيىن دوستلارمۇ مۇشۇ سىستىمىغا كۆچۈشنى ئويلاپ ماڭا خەت يازدى مەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قويدۇم لىكىن بوشلۇق Wordperss تا بوشلۇق ۋە ئىسىم ساندان ئالىدىغان بولغاچقا باھانى سەل قىممەت كۆرۈپ رايى يىنىپ قالدى، دىمىسىمۇ بلوگبۇس تاھەقسىز تىما يىزىپ كىلىۋاتقان دوستلىرىمىز ئۈچۈن بىراقلا بۇنداق كۆپ چىقىم قىلىش كەپ قالسا ئەلۋەتتە رايى يانىدۇ دە! مەن مانا مۇشۇ ئىشنى كۆزدە تۇتۇپ شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق چوڭ توربىكەتنىڭ قۇرغۇچىسى يەنە http://xjcfan.com/ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قىسمەت ئەپەندى بىلەن تىلفۇن قىلىپ كۆرۈشتۈم شۇنداقلا يۇقارقى ئەھۋاللارنى بىر قۇر ئىيتتىم بۇ كىشى بۇ تەكلىۋىمگە قوشۇلدى شۇنداقلا مۇنداق بىر ئىشنى ئىيتتى!  مەخسۇس  Wordperss سىستىمىسىغا ماس كىلىدىغان ئايرىم بىر مۇلازىمىتىر قۇرۇپ شۇنداقلا باھانى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ھەقسىز بلوگ يىزىپ كىلىۋاتقان دوستلارغا ئىغىر كەلمىگۈدەك قىلىپ باھا تەڭشەپ بىرىدىغان بولدى شۇنداقلا يىڭى دوستلارنىڭ قىيىنىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بوشلۇق ساندان ئىسىم سىتىلۋالغاندىن كىيىن Wordperss سىستىمىسىنى قاچىلاپ ئۆزى ياختۇرغان ئۇسلۇبنى يوللاپ بەرسە ئۇسلۇبنىمۇ قاچىلاپ نەخ قىلىپ بىرىدىغان بولدى شۇنداقلا بۇ تەكلىپنى مەن بەرگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا مىنىڭمۇ ياردەم قىلىشىمنى ئىيتتى مەنمۇ بۇ تەكلىپگە قوشۇلدۇم مانا مۇشۇنداق قىلىپ Wordperss قۇرىدىغان دوستلار ئۈچۈن ياخشى بىر ئىشنى باشلاش ئالدىدا تۇرۋاتىمىز،شۇڭا ئەمدى دوستلار ئاخىردا سىلەرگە بىر ئىشنى دەي بلوگبۇس ئەمدى تۈگەشتى ئەمدى تەرەققى قىلالمايدۇ، مىنىڭ بىلىگەن سەۋەبلىرىم ، بىرىنجىدىن ئىنكاس سانىغا چەكلىمە بىرىپ قويدى ئىككىنجىدىن بىر قىتىملىق رەسىم ئامبىرىدىن چاتاق چىقىش سەۋەبلىك14 كۈن مۇلازىمىتىر ئەسلىگە كىلىپ بولالماي نەچچە مىڭ بلوگ يازغۇچى مۇشۇ ئىككى ئىش سەۋەبلىكلا بلوگبۇس تىن ۋاز كەچتى ھەتتا بلوگبۇس تا دۇنيا قارا ئەپەندىگە ئۇستازلىق قىلغان mobanxx.blogbus.com نىڭ يازغۇچىسى  万徳 ئەپەندىمۇ (خەنزۇ) بلوگبۇستىن ۋاز كەچتى ئەگەر زىيارەت سانىنى دىسىڭىز مانا مۇشۇ كىشى ۋاز كەچمىسە بولاتتى مەن ھەم بلوگبۇس نىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە كىرىپ باقتىم قەتئى يىڭىلىق يوق يىڭى ئۇسلۇبلار يوق بۇرۇن بلوگبۇس تىن بۇنداق چاتاقلار چىقماس ۋاقىتتا ئۇسلۇبلار يىڭىلىنىپ چىقىپ تۇراتتى شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇسلۇبلارمۇ يوق دىمەك بلوگبۇس كۈندىن كۈنگە ۋەيران بولۇش گىردابىغا يىتىپ بىرىۋاتىدۇ شۇڭا سىز ئەمدى بۇ ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ بلوگنىڭ زىيارەت ئىقىمىنى ئاشۇرىمەن سەپ كۈچىمەڭ بولمىسا كىيىن تىخىمۇ يۇقىرى زىيارەت سانىغا ئىرىشكەندە بلوگبۇس تاقىلىپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا تىخىمۇ ئىچ ئاغرىقىغا قالىسىز شۇڭا بولدى ئەمدى ئۇ قوتۇر يىلى چىقىپ كەتگەن ئاپتۇبۇس تىن ۋاز كىچىڭ ھەقىقى ئۇيغۇرچە بلوگ يىزىڭ! ھازىرقى بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت سانى يۇقىرى بولسا زىيارەتچىلىرىڭىز كۆپ بولسا تىمىلىرىڭىز كۆپ بولسا بۇلارنى قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرمەڭ! تىمىڭىزنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا زاپاسلاپ Wordperss قا كۆچۈرۈپ ئەكىلەلەيسىز، زىيارەتچىلىرىڭىزنى بولسا بلوگىڭىزغا بىر ئۇسلۇب بىرىمىز بۇ ئۇسلۇبنى قاچىلاپ يىڭى بلوگقا كۆچكەنلىىڭىزنى ئىيتىپ يىڭى بلوگ ئادرىسىن يىزىپ قويسىڭىز ئىشىنىمەن ئۇ زىيارەتچىلىرىڭىزنىمۇ ئۇزۇنغا قالماي قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالىسىز! مانا ئەمدى يىڭى بلوگدا يىڭىچە ھوزۇر بىلەن تىما يازسىڭىز بولىدۇ! بولدى مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي! ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى:5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن باشلاپ باشلىنىدۇ شۇڭا دوستلار يىڭى بلوگقا قەدەم بىسىشقا تەييارلىق قىلىپ پەچەت ئىسىملارنى ئويلىشىپ قويغاچ تۇرۇڭلار! پائالىيەت باشلانغان ھامان دوستلارغا مۇشۇ بلوگىمىز ئارقىلىق ئۇختۇرۇش قىلىمىز! ۋاقىپ بولغايسىلەر!
ئاخىردا بىر سۆزنى يەنە دوستلار سەمىگە سىلىپ قوياي! بۇ قۇرۇلىدىغان مۇلازىمىتىر مەخسۇس Wordperss ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ شۇنداقلا Wordperss قۇرغۇچىلار ئۈچۈنلا بۇ بوشلۇق شۇنداق ئەرزان باھادا تەمىنلىنىدىكەن ئىسىممۇ ھەم شۇنداق شۇڭا باھادىن ئەنسىرمەڭلار، سىلەر قوبۇل قىلالىغىدەك ھالدا تەڭشىلىشىنى ئىيتىپ قويدۇم!

تۆۋەندە قىسمەت ئەپەندى ( شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى) نىڭ ئۇختۇرۇشىمىزغا قارىتا يازغا جاۋابۇ شۇنداقلا خۇش خەۋرىنى كۆرۈپ باقايلى تۆۋەندىكىسى رەسىمى 24- قەۋەتتە ئىنكاسى بار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1
postmessage

ئىلاندىمۇ ئەڭ سەرخىل ئۇچۇر چىقىدۇ

ئاللىبۇرۇن60تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • ئۇرنىش ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 10:24 سەھەر جاۋاب

    خوش خەۋەركەن

  • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 10:33 سەھەر جاۋاب

    مەندەك Wordperss قا كۆچۈش خىيالى بارلارغا كاتتا خوشخەۋەركەن بۇ .
    بۇندىن كىيىن مۇشۇ Wordperss توغورسىدا كۆپرەك تىما يوللاسىز .

    • بىلىكيار ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 10:40 سەھەر جاۋاب

      بۇ توغىرلىق تېمىنى ئۇيغۇربەگنىڭ تۇراسىنى ئانچە-مۇنچە مارىلاپ تۇرسىلا تاپالايدىلا… ئەمگەك تەكرارلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوققۇ دەيمەن.

    • ئاقدۆڭ ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 10:45 سەھەر جاۋاب

      مەن ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم تېما ئىكەن .تىزاراق بىلوگگىمنى يوتكىۋالسام قالتىس ئىش بولاتتى.
      چ چ :964235758

  • بىلىكيار ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 10:39 سەھەر جاۋاب

    ماۋۇ ئوبدان پىكىر بوپتۇ. بۇرۇن ئاپتوبۇستا تولا قاتراپ ھالىم قالمىغان. ئەمدى بۇ يەردە ھەرقايسىلىرىغا مۇلاقاتتا بولايمىكىن دەپ مەنمۇ كۆچۈۋالدىم.. كەپەمنى يېتىم قويۇشمىغايلا…
    بۇرۇنقىدەكلا…ياردەم لازىم بولسا(ئالاھىدە ياردەمدىن باشقىسى) قولۇم كۆكسۈمدە،خالىس خىزمەت قىلىمەن.

    • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 11:02 سەھەر جاۋاب

      ئەپەندىم بۇ توغۇرلۇق تىمىنىڭ ئۇيغۇر بەگ نىڭ تۇرايىدا بارلىقىنى بىلىمەن، كۈندە دىگۈدەك مارىلاپمۇ تۇرىمەن. بۇ يەردە ئەمگەك تەكرارلىنىش دىگەن گەپ يوق . مەن ئەلشاتنى ئۇيغۇربەگنىڭ تۇرايىدىكى تىمىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىڭ دىمدىم. ھەممە ئادەمنىڭ قوساقتىكىي ئۇمىچى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇمۇ ئۆزنىڭ بىلگىننى يازىدۇ، بۇمۇ بىلگىننى يازىدۇ،

  • ئەكبەر ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 10:43 سەھەر جاۋاب

    بۇ ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ ، blogbus تىن بەكلا زىرىككەنتىم .
    ئەمدى Wordperss دىن دەرىس سوزلەيدىكەنسىز دە~!

  • شۇڭقارى ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 10:45 سەھەر جاۋاب

    ئەمدى بىلوگبۇسنى چۇشەنگەنتىم .

    Wordperssقاچان چۇشىنەمەن :lol:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 11:16 سەھەر جاۋاب

      Wordperss بلوگبۇستىن ئاسان ئىكەن قورقماڭ

      • شۇڭقارى ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 12:22 كەچ جاۋاب

        ئۇنداق بولسا بولىدىكەن :grin:

  • ئاقدۆڭ ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 10:50 سەھەر جاۋاب

    دوستۇم ،ۋاقتى كەلگەندە مېنى ئۇنتۇپ قالماي ،ۋاقتىدا خەۋەر قىلسىڭىز.مەن بىلىىگبوستا باشقىلار تەمىنلىگەن كود ئارقىلىق بىلوگ يېزىپ كەلگەن ئىدىم.كود دىگەننى زادى بىلمەيمەن،بىراق بىلوگ يېزىش ئارزۇيۇم كۈچلۈك.

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 11:15 سەھەر جاۋاب

      ۋاختى كەلگەندە مۇشۇ بلوگدا يەنە ئۇختۇرۇش قىلىمىز ھەم توپلاردا ئىلان قىلىمىز

  • مۇئەللىم ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 11:01 سەھەر جاۋاب

    بولسا شۇنداق بولسىكەن.Wordperss كە كۆچسەك.ئىسىم بىلەن بوشلۇققا جىق پۇل كەتمىسە :lol:

  • زوقلان ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 12:27 كەچ جاۋاب

    مەنمۇ ئاللىبۇرۇن كۇچۇپ كەتمەكچى ئىدىم ،لىكىن قانداق قىىلىشنى بىلەلمەي تۇرغان، تەلىم بەرسىڭىز؟مىنىڭمۇ سىلەنىڭ سەپكە قۇشۇلغۇم بار؟بۇ ھەقتە مىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 4:00 كەچ جاۋاب

      ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قالمايمىز ھازىرقىدەك بلوگ دەۋىر سۈرۈۋتقان بۇ كومپىيۇتىر دەۋرىدە بىر دوستىمىزمۇ بولسا بۇ سەپكە قوشۇلسا تەڭ ئىلگىرلىسەك نىمدىگەن ياخشى!

  • ئاغىنىلەر ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 2:50 كەچ جاۋاب

    ئەمىسە بىر كۇچەپ بىزمۇ ۋورپىرىسكە كۆچىۋالساق بولغۇدەك

  • جاھانگىر ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 2:54 كەچ جاۋاب

    بۇ بلوگنى مەن ئەمدىلا قۇرغانتىم :cry:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 3:59 كەچ جاۋاب

      ئەمدى قۇرغان بولسىڭىز جىق زىيان تارتمايلا كۆچىۋالىسىز باشقا دوسلاردەك كۈچەپ ئاران بىر زىيارەت سانىنى ئاشۇرغادا كۆچكەندىن ياخشى

  • رېتسىپ ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 2:59 كەچ جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەلشاتكا ، قانداق ئەھۋاللىرى ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىلىگە ھەم پىروگرامما ھەۋەسكارلىرى تورىدىكى بارلىق ئۇستازلارغا . بەكلا خوش بولدۇم ، مېنىڭ يېقىندا ئالغان تور نامىم بار ئىدى http://www.ritsip.com بۇ تور نامىنى ئىشلەتسەم بولامدۇ؟ مەنمۇ بىلوگبۇستىن شۇنداق زېرىككەن ئىدىم …….

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 3:57 كەچ جاۋاب

      ئەلۋەتتە بولىدۇ ئىسىمنى ياخشى ساقلاڭ ۋاختى كەلگەندە ئۇلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ

      • ماھام ئىيتىدۇلەركى:2011/04/29 11:12 سەھەر جاۋاب

        ئۈستىدىكى قىسقا فىلىم قانداقراقكەن؟
        دەيدىيا، قىسقا فىلىم يوللىمىغان تۇرسىڭىز ئەلشات ئەپەندىم!

  • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 4:22 كەچ جاۋاب

    ۋاي ۋۇي ھەجەپ قىززىپ كىتىپتىغۇ، Wordperss قا كۆچىدىغان تورداشلار خىلى كۆپكەن جۇمۇ

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 11:54 كەچ جاۋاب

      سىزمۇ تەييارلىق قىلىپ قويىدىغان ئىسىملارنى ئويلىشىپ قويۇڭ

    • ئاغىنىلەر ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 6:21 سەھەر جاۋاب

      ئاداش ئارقا تەرەپتىن يەنە بىرە پويىز ئادەم كىلىۋىتىپتۇ ئەلشات ھويلىسىغا قىستىلىشىپ دىگەندەك ئاران كىردىم

  • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 5:00 كەچ جاۋاب

    ئاللا-ئاللا خەۋەرسىز يۇرگەنلەردىن مەنلا قاپتىمەن
    قىسمەت ئەپەندى Wordperss قا ئاجراتقان بوشلىق linux سىستىمىسىمۇ؟

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/24 11:54 كەچ جاۋاب

      دەل شۇنداق ئاجرىتىلغان بوشلۇق linux بوشلۇقى ئىكەن بۇ Wordperss ئەڭ ماس كىلىدىغان بوشلۇق ئىكەن

  • ھەمزە ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 1:28 سەھەر جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئەجەپ ياخشى خەۋەركەن. مەن ئىسىمنى ئېلىپ بولدۇم، بوشلۇق ئالىدىغان ئىشنى تاشلاپ تۇرايمۇ ۋاقتى كەلگۈچىلىك. مىنىڭ بلوگىممۇ تۇنۇگۇن بىر كۇن تاقالدى. شۇنچىلىك ئىچىم ئاغىرغان ئىدى كاساپەتكە. يەنە ئەسلىگە كەپتۇ. ئەمما رايىم سەت قايتتى.
    بولسا ئەلشات بۇرادەر. ماڭا ئوڭ كۈزىڭىز بىلەن قاراپ قويسىڭىز…. :roll:

    • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 4:46 سەھەر جاۋاب

      سىزنىڭ ئوڭ كۆزىڭىز قاناپ كىتىپتىغۇ، باشقىلارغا ئوڭ كۆزىڭىزدە تولا قارامسىز نىمە ……ھى ھى ھى (چاخچاق )

    • ئەلشات بلوگى ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 5:54 سەھەر جاۋاب

      چوقۇم شۇنداق قىلىمەن ئالدىرماي تۇرۇڭ قالايمىقان يەرلەردىن بوشلۇق سىتىۋالماي تۇرۇڭ

      • ھەمزە ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 3:36 كەچ جاۋاب

        سىزنىڭ تور سۈرتىڭىز تىزكەن. ئۇيغۇربەگنىڭ بەكلا ئاستا. ماڭىمۇ سىزنىڭكىدەك ياخشىسىنى ئېلىشىپ بىرىڭ! مەن سىزگە قاراپ تۇراي. ئىش باشلانغاندا 1.بۇلۇپ مەندىن باشلايلى. مەن بلوگقا تىما يېزىشتىنمۇ زىرىكتىم. تايىنلىق يىڭى ئۆيگە كۆچكەندىن كىيىن ئاندىن يوللاشنى باشلاي

        • ئەلشات بلوگى ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 5:19 كەچ جاۋاب

          بولىدۇ شۇنداق قىلىڭ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ ۋە ئىسىمنى ئويلىشىپ قويۇڭ

  • ئىقبال ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 3:09 سەھەر جاۋاب

    blogbus تىن بەكلا زىرىككەنتىم . Wordperss قانداق كۆچۇشننى زادىللا ئۇقالماي تۇرغان ،ئەلشات بۇرادەر سىزنىڭ ئىىغزىڭىزغا قاراپ تۇردۇم ئەمسە،

  • ئاغىنىلەر ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 6:23 سەھەر جاۋاب

    دىمىسىمۇ خەخنىڭ ھويسىدا ئادەم نىملا بولسۇن بىكارغا ئولتۇرسىمۇ تىكەننىڭ ئۇستىدە ئولتۇرغاندەك تۇيىلىدىكەن ئەمما زە ئۆزۇمنىڭ دىگەن يەنىلا ئۆزۇمنىڭ

  • قانۇنچىلىق ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 7:45 سەھەر جاۋاب

    مەنمۇ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن Wordperss دىگەن سىستىمىغا

  • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 9:53 سەھەر جاۋاب

    تىزراق باشلىسا بولاتتى.

  • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 9:55 سەھەر جاۋاب

    ئاللا ئاللا جاھاندا ئىسىم قالمىدىمۇ نىمە؟ قانداقلا ئىسىم ئويلاشسام باشقىلار ئىلىپ بوپتۇ ئەمەسمۇ……… :roll:

  • ئەزىز ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 12:36 كەچ جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەنمۇ كۆچەي دەپ ئىسىم ۋە شاڭگاڭنىڭ100 م ب بوشلۇقىنى ئالغان ، قارىسام سۈرىتى دەششەت ئاستىكەن ،شۇڭا ئىشلەتمىدىم .مۇشۇ 100م ب بوشلۇق يىتەرلىكمىدۇ ،

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 12:50 كەچ جاۋاب

      يىتەرلىك مىنىڭمۇ 100MB بوشلۇق

  • قۇتلۇق بېگ ئىيتىدۇلەركى:2011/04/25 7:46 كەچ جاۋاب

    ئەجەپ ئوندان بوپتۇ ئالشات ئاغىينە!!مەن ھازىر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بوشلۇقتىن بەك بەك زىرىكتىم جۇما،پات-پات تاقىلىپ قالىدۇ،بۈگۈن تېخى ip غا ھۇجۇم قىلىپ ئارام بەرمىدى،ماڭا ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار،بولسىما،،،،،،چاق-چاق ھە 11!! :razz:

  • ساداقەتمەن ئىيتىدۇلەركى:2011/04/26 1:09 كەچ جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداشcn ئىسىمنىمۇ ئۇلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 8:37 سەھەر جاۋاب

      ئەلۋەتتە بولىدۇ لىكىن icp بىجىرىش كىرەك CN ئىسىمغا

  • دوست ئىيتىدۇلەركى:2011/04/26 2:34 كەچ جاۋاب

    ئەجەپ ياخشى بوپتۇ ،مەنمۇ زېرىكىپ قالغان مۇشۇنىڭدىن ، ئىسىمنىمۇ ئويلاپ قويغان ، ئالاقىلىشىپ تۇرارمىز … :roll:

  • قىسمەت ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 8:23 سەھەر جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بلوگگىرلار!
    ھەرقايسىڭىزلارنىڭ كەمىنە مەسئۇللىقىدىكى xjcfan گە تاغدەك ئىشىنىپ، ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز.
    ئاساسىي ئەھۋال يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ يەردە ئارتۇقچە چۈشەنچە بەرمىدۇق. بەزى تەپسىلاتلارنى مۇلازىمېتىرغا ئاجرىتىلغان ئايرىم بەتتە چۈشەندۈرگەيمىز. ئاللاھ خالىسا 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن بۇرۇن، مۇلازىمېتىرنى جابدۇپ بولۇشقا كۈچەۋاتىمىز.
    ئەسكەرتمە:
    1. بوشلۇقنى 7 كۈن سىناپ بېقىشقا بولىدۇ، يارىمىسا پۇل شەرتسىز، تولۇق قايتۇرۇلىدۇ. بىر ئايغىچە ئىشلىتىپ، ئىشلەتمەسلىكنى خالىسىڭىز، كۈن ئۆلچىمىدە ھەق ھېسابلىنىپ، قالغىنى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. بىر ئايدىن ئاشسا ئاخىرىغىچە ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
    2. مۇلازىمېتىر Linux سسىستېمىسى ئىشلىتىدۇ. چۈنكى WordPress ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سىستېما مۇھىتى Linux سىستېمىسىدۇر.
    3. باھا ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىنىدۇ.

    • ئۇلانما تورى ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 8:54 سەھەر جاۋاب

      ئوھوي!!! قىسمەت ئەپەندىم ! مەن تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدىنمۇ ياخشى چىقىرىپسىزغۇ بوشلۇقنى! مەن تىخى بۇنداق ياخشى بولار دىمىگەن راستىنلا ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپسىز! ئەلنى ئويلىغانلارنى ئەل قوللايدۇ! تەشەككۈر!!

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 8:56 سەھەر جاۋاب

      راس! مەنمۇ بۇنداق ياخشى بولار دەپ ئويلىمىغان! بوشلۇق نى راستىنلا ياخشى چقىرىپسىز! ئەل ئۈچۈن جاپا چەككەنلەر ئەلنىڭ قەلبىدەمەڭگۈ ياد ئىتىلىدۇ! كۆپ تەشەككۈر!

      • ھەمزە ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 3:29 كەچ جاۋاب

        مەن يەنە دىسەم يەنە شۇ..ئىسىمنى ئېلىپ بولدۇم. پەقەت سىلەرگە قاراپلا ئولتادىم جۇما. ۋاقتى كەلگەندە ئىشنى مىنىڭدىن باشلايلى

    • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 9:00 سەھەر جاۋاب

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام. قىسمەت ئەپەندى
      سىزنىڭ بۇ ئورونلاشتۇرىشىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇق،
      بۇ جەھەتتىكى مۇلازىمەتنىمۇ بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى قىلغاندەك تۇرىسىز ، مەن يىڭى بىر بىلوگ ھەۋەسكارى بولوش سۈپىتىم بىلەن بلوگبۇستىكى WordPress قا كۆچۈش ئارزۇسى بار لىكىن بەزىبىر چىقىملار سەل ئىغىر كىلىۋاتقان بارلىق بلوگگىرلار نامىدىن سىزگە رەخمەت ئىيتىمەن، رەخمەت سىزگە….

  • ئاغىنىلەر ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 8:51 سەھەر جاۋاب

    پاھ ئاجايىپ ئوبدان ئىشكەنغۇ بۇ نىمىدىگەن ياخشىلىق بۇ ھەممەيلەن قوللايمىز بىزنى قوللىغان كىشىلەرگە مىڭ رەھمەت

  • ئاقدۆڭ ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 11:40 سەھەر جاۋاب

    ئەمەلىي باھاسىنى دىيىشەيلى.زادى نەچچە پۇل.قانداق شەكىلدە توختاملىشىمىز.windows7 بولسىمۇ بولامدۇ؟بۇ ئىشنى زادى قاچان باشلىماقچى سىلەر؟قانداق ئالاقە قىلىمىز؟ بىزگە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە كېرەك.

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 12:07 كەچ جاۋاب

      ئالدىرماڭ مۇلازىمىتىر قۇرۇلىۋاتىدۇ! ۋاختى 5-ئاينىڭ 4- كۈنىدىن بۇرۇن! ئالاقە ئۇسۇلى: مۇشۇ بلوگدا ئۇختۇرۇش قىلىمىز! نەزىرىڭىز بلوگىمىزدا بولغاي!

  • ئىرشاد ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 3:32 كەچ جاۋاب

    مەنمۇ كۈچەيچۇ

  • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 5:32 كەچ جاۋاب

    مۇلازىمېتىر Linux سىستىمىسى ئىشلىتىدىغان بولسا بۇ بوشلىق wordperss ئۇچۇن ئەڭ ياخشى تاللاش بولغىدەك

  • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/04/27 5:38 كەچ جاۋاب

    ھە راس تورداشلار ئەلشات ئەپەندىنىڭ بۇ خالىس ئەمگىگى ئۇچۇن بولسىمۇ يۇقىردىكى ئىلاننى ئولچەملىك قىلىپ بىردىن چىكىۋەتمەيلىمۇ، كونىلار قول-قولنى يۇسا قول قوپۇپ يۇزنى يۇيۇپتۇ ، دەپتىكەن ئىلان چەككەنگە بىزدىن بىركىم پۇل ئالمىغاندىكىن…..

  • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/28 2:28 سەھەر جاۋاب

    «نەقىش» ئەپەندىم توغرا دەيدۇ، شۇنداق قىللى كۆپچىلىك..
    مەنغۇ كۈندە چىكىپ كىلىۋاتىمەن ھى ھى ھى ھى

  • TARIMOHLI ئىيتىدۇلەركى:2011/04/28 7:47 سەھەر جاۋاب

    بۇ ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ ، blogbus تىن بەكلا زىرىككەنتىم .
    ئككى قېتم بىلوگ يىزىپ ئاچچىق يۇتىۋالدىم ھەممىنى ئۇچۇرۇپ تاشلاپتۇ . ئېچىلمايدىغان قىلىپ قۇيۇپتۇ .مەن بىرىنچىلەپ سىزنى قۇللايمەن .
    ئەلشات بۇرادەر سىزنىڭ ئىىغزىڭىزغا قاراپ تۇردۇم ئەمسە، :roll:

  • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/28 7:20 كەچ جاۋاب

    بۈگۈن بلوگبۇس يەنە ئىچىلمىدى،، بۇ ئىشتىن بىلوگگىرلارنىڭ بلوگبۇستىن نارازى بولوش تۇيغۇسى تىخىمۇ كۈچەيگەندەك قىلىدۇ.
    قىسمەت ئەپەندىم ئىشنى بالدۇراق باشلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز. باشقىلارنىڭ ئەلپازىغا قارىسام سىز دىگەن قىسقىغىنە ۋاقىتقىمۇ چىدىيالماي تاقىتى تاق بولغاندەك تۇرىدۇ. ھى ھى ھى

  • ماھام ئىيتىدۇلەركى:2011/04/29 11:11 سەھەر جاۋاب

    ئۈستىدىكى قىسقا فىلىم قانداقراقكەن؟
    دەيدىيا، قىسقا فىلىم يوللىمىغان تۇرسىڭىز ئەلشات ئەپەندىم،

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/29 11:16 سەھەر جاۋاب

      بۇ ئىختىدار بارلىق تىمىدا ئوخشاش چىقىدۇ شۇڭا بۇنى مۇشۇ تىما قانداقراقكەن دەپ چۈشىنىپ باھالىسىڭىز بولىۋىرىدۇ

  • ئۆزقان ئىيتىدۇلەركى:2011/04/30 2:48 كەچ جاۋاب

    مەن تېخى ئەمدىلەتىن بلوگبۇسنى ئىشلىتىشنى بىلگەن ئىدىم، ئەپسۇس، بۇ بىلوگ ئېچىلماس بوپ قالدى. ۋوردپرەسكە كۆچسەم ئۇنى قانچە ۋاقىتتا ئۆگىنەرمەن…،مېنىڭغۇ مۇقىم بوشلۇقتا بلوگ يازغۇم شۇنداق بار…

    • شۇڭقار ئىيتىدۇلەركى:2011/05/18 5:54 سەھەر جاۋاب

      بۇنىڭغىمۇ ئاستا-ئاستا كۆنۈپ كىتىسىز..

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

CommentLuv badge