مەخسۇس تۈردىكى كەسپى ئۇسلۇبلار بلوگى قۇرۇلدى

ۋاقتى18 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇختۇرۇش | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 19كۈنى | : 172 قىتىم كۆرۈلدى°

ئۇسلۇبلار بلوگى قانداق بلوگ؟…

بىزدە بلوگلار ناھايىتى كۆپ، ئەمما بىر كەسپىيلەشكەن بلوگ ناھايىتى ئاز. ئۇسلۇبلار بلوگى بولسا، مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرۈلگەن ھەر خىل WordPress ئۇسلۇبلىرىنى يىغىپ، تارقىتىدىغان؛ ھاجەتمەنلەر ئۈچۈن ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈپ بېرىش، ئوڭشاپ بېرىش، ئىقتىدار قوشۇپ بېرىش، WordPress ھەققىدە مەسلىھەت ۋە ياردەم، زۆرۈر تېپىلسا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كەسپىيلەشكەن ئۇسلۇب بلوگى.

ئۇسلۇبلار بلوگى نېمىشقا قۇرۇلدى؟…

WordPressنىڭ بىزدە ئۇمۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى ھەۋەسكارلار ئاجايىب بىر خىل قىزغىنلىقتا ئۇيغۇر بلوگگېرلار قوشۇنىغا قوشۇلماقتا. ئەمما، بىر قىسىم بلوگگېرلار ئۆزى ياقتۇرغۇدەك ئۇسلۇب تاپالماي ياكى يارىغۇدەك ئۇسلۇب تاپسىمۇ ئۇيغۇرچە كۆرسۈتۈشتە، ئۆزلەشتۈرۈشتە قېينالماقتا. گەرچە،بىزدە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى، پرېستان بلوگى، ئەلشات ئۇسلۇب قانىلىدەك ئۇسلۇب تارقىتىپ كېلىۋاتقان بلوگلار بار بولغان، يەنە بەزى بلوگگېرلار بولسا، ئۆزلىرى ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈپ تارقاتقان بولسىمۇ، ئاشۇ ئۇسلۇبلارنى يىغىپ، تورداشلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان مۇھىت ھازىرلانمىغان. شۇڭا، ئاشۇ بلوگگېرلارنىڭ ئۇسلۇب تېپىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن؛ ئاشۇ بلوگگېرلارنىڭ ئۆزلەشتۈرگەن ئۇسلۇبلىرىنى تارقىتىشقا مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر بلوگ قۇرۇلدى.

مەزكۇر بلوگنى كىملەر قۇردى؟…

مەزكۇر بلوگ – نۆۋەتتە ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان، ھەمدە بۇ ساھەدە بەلگىلىك نەتىجە يارىتىۋاتقان بلوگگېرلاردىن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىن ئۇيغۇربەگ ۋە پرېستان، ئەلشات بلوگىدىن ئەلشات قاتارلىق بلوگگېرلار ھەمكارلىشىپ قۇردى. ئەمما، بلوگىمىز ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈپ تارقىتىش ئويى بار ياكى ئۆزلەشتۈرگەن ئۇسلۇبىدىن كىرىم قىلىشنى خالايدىغان تورداشلارغا يازما يوللاش مۇھىتى ھەم ھازىرلاپ بەرگۈسى.

مەزكۇر بلوگدىكى ئۇسلۇبلار نەدىن كەلدى؟…

مەزكۇر بلوگدىكى ئۇسلۇبلار- بلوگ ئاپتورلىرىنىڭ تەڭشىگەن ئۇسلۇبلىرىدىن، شۇنداقلا تورداشلار خالىسانە تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

بىزمۇ مەزكۇر بلوگدا ئۇسلۇب ئېلان قىلالامدۇق؟…

شۇنداق، سىز ئۆزىڭىز ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ياكى ئىجاد قىلغان ئۇسلۇبلىرىڭىز تارقاتماقچى بولسىڭىز، بلوگ ئاپتورلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ ياكى بلوگىمىز تەمىنلىگەن قېلىپ بۇيىچە مەزمۇن تولدۇرۇپ،ئۇسلۇبنى بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز  بولىدۇ. ياكى، ھەقلىق تارقاتماقچى بولسىڭىز، شۇنىڭ باھاسى ۋە ئۇسلۇب ئۇچۇرلىرىنى تۇلۇق توشقۇزۇپ بەرسىڭىز، سىز ئۈچۈن ئېلان قىلىپ بىرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن ھىچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمىز.

نېمىشقا ئۇسلۇب بىر بلوگ ئۈچۈن مۇھىم بولىدۇ؟…

بلوگ بىلەن بلوگ ئۇسلۇبىنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددىي ئادەم بىلەن كېيىمنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. يەنى، بلوگنىڭ ئۇسلۇبىدىن بلوگ ئاپتورىنىڭ سالاھىيىتىنى مىجەز-خاراكتىرىنى، قىزىقىشىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ،  گەرچە، بۇ گەپ مۇتلەق قىلىپ ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇسلۇبمۇ بىر بلوگ ئۈچۈن ياخشى ئويلاشمىسا بولمايدىغان ئامىل. يەنى، بىر بلوگنىڭ خاراكتىرى چۇقۇم ئۇسلۇب بىلەن ماسلىشىشى كېرەك، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىشلىتىدىغان ئۇسلۇبى بىلەن مۇزىكانت-ناخشىچىلارنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشاشمايدۇ. بۇنىڭدەك مىساللار ناھايىتى نۇرغۇن.

نېمىشقا ھەقسىز ئۇسلۇب تارقىتىمىز؟…

بەزەن ئۇسلۇبلار – مەيلى قۇرۇلما جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن بىر قەدەم ئاددىي، ئۆزلەشتۈرۈشكە كەتكەن ۋاقىت بىر قەدەر ئاز، شۇڭلاشقا بۇنداق ئۇسلۇبلارنى ھەقسىز تارقىتىمىز. ئەمما، ھەقسىز تارقاتقان ئۇسلۇبلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ‹‹ناچار›› بوپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بىزمۇ ئاشۇ ئۇسلۇب دېڭىزىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ، ئىقتىدار كۈچلۈك، ئامال بار بىزنىڭ توربەت ئۆلچىمىمىز ۋە گۈزەللىك قارىشىمىزغا ياقىدىغان ئۇسلۇبلارنى تاللاپ چىقىمىز.

نېمىشقا ھەقلىق ئۇسلۇب تارقىتىمىز؟…

شۇنداق، بەزى قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئۇسلۇبلارنى ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا بىزنىڭ كۆپ ۋاقتىمىز شۇنداقلا كۆپ زېھنىمىز كېتىشى مۇمكىن. بىزمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ستۇدېنت، بىز ئۈچۈن ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشكە كەتكەن ۋاقىتنى ئۆگىنىشگە ئىشلىتىش ھەم مۇھىم، شۇڭلاشقا، ھىچ بولمىسا كەتكەن ۋاقتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئازراق كىرىم قىلىشنى مەقسەت قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئۇسلۇبلارنى تاللاپ ياكى بىۋاستە ھەقلىق ئۇسلۇبلارنىڭ ئاپتورى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزلەشتۈرۈپ ئامال بار ئەرزان باھادا تەمىنلەيمىز.

بۇيرۇتقان ئۇسلۇب ئىگىلىرىگە قانداق مەجبۇرىيىتىمىز بار؟…

بلوگىمىزدا ئۇسلۇب بۇيرۇتقانلار- يەنى ئۆزى تاپقان ياكى بىز تەۋسىيە ئۇسلۇبلارنى بىزگە ئۆزلەشتۈرۈپ بېرىشكە ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ھەقنى تۆلىگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۇسلۇبنى پۈتتۈرۈپ تەييار قىلىپ بېرىمىز. ئۇسلۇب ئىگىسى – مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ بارلىق ھوقۇقىغا ئىگە، يەنى بۇيرۇتقان ئۇسلۇبنى ساقلاش ياكى تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە، بىز بۇ ئۇسلۇبلارنى ئىككىنچى بىر كىشىگە تارقاتمايمىز ياكى ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمىز، ئەمما، باشقا تورداشلار ئوخشاش ئۇسلۇبنى ئۆزى ياكى باشقىلارغا تەرجىمە قىلغۇزۇپ ئىشلەتسە بۇ ئىشقا بىز ئارا تۇرالمايمىز.

ھەقلىق ئۇسلۇب سېتىۋالغانلارنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟…

بلوگىمىزدىن ھەقلىق ئۇسلۇب سېتىۋالغانلار بىزنىڭ رۇخسىتىمىزسىز ھەقلىق ئۇسلۇبلارنى باشقىلارغا تارقىتىشىغا ۋە سېتىۋېتىشىگە بولمايدۇ، بلوگىمىز پەقەت ئۇسلۇبنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنىلا بېرىدۇ. ناۋادا، تارقىتىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلسا، سۈلىھلىشىپ باھادا كىلىشكەندىن كېيىن، ئۇسلۇبنىڭ تارقىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بلوگىمىز ئۇ ئۇسلۇبنى باشقا بىر كىشىگە داۋاملىق ساتمايدۇ.

ئۇسلۇبلار بلوگىدىن چۈشۈرگەن ياكى سېتىۋالغان ئۇسلۇبلارغا نىسبەتەن بىزنىڭ قانداق ھوقۇقىمىز بار؟…

ھىچقانداق ھوقۇقىمىز يوق. ئۇسلۇبلار بلوگىدىن ئۇسلۇب چۈشۈرگەندىن كېيىن، تورداشلار ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە بولىدۇ، ئەمما، ئۇسلۇب ئاستىدىكى ئاپتور ھوقۇقى ھەمدە ئۆزلەشتۈرگۈچىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشىگە، شۇنداق ئۆزگەرتىۋېتىشىگە بولمايدۇ. بلوگىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاپتورلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆزىنىڭ نامىدا باشقا مەنبەلەردە ھەم ئېلان قىلىۋەتسە بولمايدۇ.

كامالىي ئىھتىرام بىلەن:

ئۇسلۇبلار بلوگى باشقۇرۇش ھەيئىتى

 

ئاخخردا بىزنى قوللاپ ئۇسلۇبلار بلوگىنىڭ تىخىمۇ گۈللەپ تەرەققى قىلىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشنى ئويلايدىغان دوستلارنىڭ تۆۋەندىكى ئىلان تەشۋىقات رەسىملىرىنى بلوگىغا قويۇش ئارقىلىق بىزنى قوللاپ بىرىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلاندىمۇ ئەڭ سەرخىل ئۇچۇر چىقىدۇ

ئاللىبۇرۇن8تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • شىرىن بۇلاق ئىيتىدۇلەركى:2011/09/19 12:01 كەچ جاۋاب

    ئەلشات بۇرادەر،ئۇلىنىش قىلىشىۋالمايلىمۇ؟بلوگىمنىمۇ ئازراق تۈزەشتۈرىۋالدىم،لېكىن بىلىدىغانلار سەل ئاز،سىزنىڭكىدەك داڭلىق بلوگدا بىر مەزگىل تۇرسا باشقىلارمۇ كۆرۈپ باقارمىكىن دەيمەنغۇ

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/09/19 12:31 كەچ جاۋاب

      ئەلۋەتتە بولىدۇ، سەبداشلىرىم دىگەن بەتكە ئۇلىنىش ئادرىس ۋە تۇغنى قالدۇرۇڭ

  • شىرىن بۇلاق ئىيتىدۇلەركى:2011/09/19 3:59 كەچ جاۋاب

    بلوگ سەكرەيدىغان بولۇپ قاپتىغۇ،بارغانسىرى شاشلىشىپ كېتىۋاتامدۇ نېمە؟

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/09/19 8:35 كەچ جاۋاب

      مەن ھىچ بايقىمىدىمغۇ بولسا رەسىمگە تارتىپ QQ رىمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز

  • يول99 ئىيتىدۇلەركى:2011/09/19 9:16 كەچ جاۋاب

    ئەلشاد سىز دەرىس يوللاشنى ئۇنتۇپ قالمىسڭىز ؟ بىز سىزنىڭ دەرىسلىرىڭىزدىن بەك زوق ئالىمىز ؟ ئاۋۇ زىيارەتچىلەرنىڭ سېتاتسىتكىسنى قانداق چىقىردۇ ؟ مۇشۇ توغۇرسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز سىزدىن بەك مىننەتتار بولىتىم . ھېچ بولمىغاندا ئازراق ئۇچۇر بەرسىڭىز ؟

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/09/20 1:16 سەھەر جاۋاب

      ئىزدەنسىڭىز بۇ توغىرسىدا ئەلشاتتا يازما بار

  • بۆرەيار ئىيتىدۇلەركى:2011/09/19 10:41 كەچ جاۋاب

    ئېچىلالماي كەتتىغۇ، مۇبارەك بولسۇن!~ قوشۇمچە ما قوچاقلار يامان ئوماقكەن :| ;-) :| :x :twisted: :smile: :shock: :sad: :roll: :razz: :oops: :o :mrgreen: :lol: :idea: :grin: :evil: :cry: :cool: :arrow: :???: :?: :!:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/09/19 11:03 كەچ جاۋاب

      نەلەردىن كىلىۋالدىكىنا بۇ ئوماك شۇمتەكلەر، بۇ يەرنى باللا باغچىسى دەپ ئويلاپ سەكرەپ ئويناپ يۈرۈۇيدۇ ، گەدەنگە بىرنى قوياپ ھەيدىۋىتەي دىسەم كىچىككەن گەپ قىلالمىدىم دە :cool:

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

CommentLuv badge