خۇش خەۋەر! سىز بىز كۈتگەن بوشلۇق ئاخىرى يىتىپ كەلدى!
ۋاقتى190 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئالامەت-كارامەت, ئۇختۇرۇش | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 04ئاي 30كۈنى | : 1,847 قىتىم كۆرۈلدى°
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار شۇنداقلا بلوگىمىزنىڭ نادىر ئوقۇرمەنلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى: مەن ئالدىنقى قېتىم بلوگىمدا Wordperss قا كۆچۈش توغرىسىدا تېما يازغان ئىدىم، بۇ تېمىغىمۇ خېلى كۆپ قوللىغۇچىلىرىمىز ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى شۇنداقلا ئۆزىنىڭمۇ Wordperss قا كۆچۈش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەنمۇ بولدى. دېمىسىمۇ مۇشۇ نەچچە كۈندىن بىرى بلوگبۇس تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ، ناھايىتى كۆپ دوستلىرىمىزنىڭ بلوگىنى سەۋەبسىزلا تاقىۋەتتى. مانا مۇشۇ ئىشتىن كېيىن بلوگبۇستا تېما يازىدىغان دوستلىرىمىزمۇ كۆپ قالمىدى. مەن مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ «سۇ كەلگۈچە توغان سال» دەپ مەن دوستلارنى Wordperss سىستېمىسىغا كۆچۈرۈشنى ئويلىدىم. لېكىن بۇ دوستلىرىمىز بلوگبۇستا ھەقسىز بلوگ يېزىپ كېلىۋاتقان تۇرسا، بۇنداقلا بىۋاسىتە ھەقلىق بلوگقا كۆچۈپ چىقسا چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ دەپ بۇ مەسىلىنى ئويلاشتىم. ئاخىرىدا مەن قىسمەت ئەپەندىنى ئىزدەپ بۇ مەسلىھەتنى بەردىم. قىسمەت ئەپەندىمۇ بۇنى ئويلاشقان ئىكەن، مانا شۇ مەسلىھەتلەر بىلەن ئاخىرى بۇ شاپاق نەرخىدىن ئەرزان بوشلۇقنى قىسمەت ئەپەندىم تەييارلاپ چىقىپتۇ. بۇ بوشلۇق ھەقىقەتەن ئەرزان چىقىپتۇ ، قىنى ئەمدى بوشلۇق تەپسىلاتى ۋە باھاسىنى بۇ يەردىن بىر كۆرۈپ چىقىڭ، مەرھەمەت…
كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن، مەن بوشلۇقىنىمۇ ئالدىم، ئىسىمنىمۇ سېتىۋالدىم، ئەمدى مەن نېمە قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلايسىز، سىز ھېچنېمە قىلمايسىز. سىز پەقەت بوشلۇقنى مەندىن سېتىۋالىسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى قىسمەت ئەپەندىدىن سېتىۋېلىپ مىنىڭ تەۋسىيە قىلغانلىقىمنى ئېيتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمدى سىز يۇقىرىقى بەتتىن ئۆزىڭىزگە ماس كەلگۈدەك بەتتىن بىرنى تاللايسىز، ئاندىن شۇ ئۇسلۇبنى قىسمەت ئەپەندىگە ياكى ماڭا دەپ بېرىسىز. بىز ئىسىمنى ئۇلاپ، بەت سىستېمىسىنى قاچىلاپ، سىزگە يارىغان ئۇسلۇبنى قاچىلاپ تەييار قىلىپ بىرىمىز. ئاندىن سىزگە Wordperss ئارقا بېتىگە كىرىش ئىسمى ۋە مەخپىي نومۇرنى يوللاپ بىرىمىز. سىز كىرىپ تېما يېزىشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ، ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئاددىي، قالغان بىلمىگەن ئىشلاردا ئۇيغۇر بەگ بلوگىدا مەخسۇس مۇشۇ Wordperss توغرىسىدا بىلىملەر ناھايىتى كۆپ شۇ يەردىن تېما كۆرۈپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ،
ئاخىرقى ھېسابتا سىزنىڭ Wordperss قا كۆچۈشىڭىزگە 180 يۈەن (تور نامىڭىز بولسا 120 يۈەن) كەتتى دېگەن گەپ،
ئاخىرىدا قىسمەت ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق بىر ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپ، بىزلەرگە ياخشى بوشلۇق ۋە ئىقتىساد تېجەپ بەرگىنىگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز!
ئەمدى قىسمەت ئەپەندىمۇ بۇنداق ياخشى ئىشنى باشلىدى، مەنمۇ قاراپ تۇرسام بولماس. مەنمۇ دوستلارغا ئازراق كۆڭۈل سوۋغامنى تەقدىم قىلماقچى، يەنى ماڭا ئەگىشىپ، مەن ئارقىلىق شۇنداقلا بوشلۇق سېتىۋالغاندا مىنىڭ تەۋسىيە قىلغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ بوشلۇق سېتىۋالغان دوستلىرىمغا بلوگىمنىڭ يان تەرەپ ئاستى قىسمىدىكى «بلوگىمىز بۇ ئايدا تەۋسىيە قىلغان مەنزىللەر» دېگەن ئورۇندىن بىر ھەپتىلىك ھەقسىز ئېلان ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، دوستلارنىڭ يېڭى بلوگىنىڭ زىيارەت ئېقىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەمدە بولىمەن
ئەسكەرتىش: بوشلۇق سېتىۋالغاندا چوقۇم ئەلشات بلوگىنىڭ تەۋسىيىسى دەپ ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ . بۇ سىز ۋە مەن ئۈچۈن كېيىنكى ئىشلاردا ياخشى بولغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، يەنە بىرسىگە يۇقىرىقى دېيىلگەن ھەقسىز ئېلان ئورنىغا ھەر بىر بلوگ ئۈچۈن پەقەت 1 ھەپتە يەنى 7 كۈن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ ( بۇ ئېلان ئورنىغا سەل قارىماڭ،IP سانى 700 دىن ئارتۇق بولىۋاتقان بلوگدىن سىزگە چوقۇم زىيارەتچى كىرمەي قالمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇنداق IP لىق بلوگ ھەرگىزمۇ يېڭى قۇرۇلغان بىر بلوگ ئۈچۈن ھەقسىز ئېلان ئورنى بىلەن تەمىن ئەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ، بوشلۇق ئالغاندا ئەلشات تەۋسىيە قىلدى دېيىشنى قەتئىي ئۇنتۇماڭ) . شۇڭا ئېلان ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم بلوگىڭىز نورمال زىيارەت قىلىنىشقا بولىدىغان بولسۇن. يەنە ئاز دېگەندىمۇ 5 دانە تېما يوللىنىپ بولغان بولسۇن. بولمىسا قۇرۇق ھېچنېمە يازمىغان بلوگنى ئېلان قىلسىڭىز كىرگەن زىيارەتچىلەر نېمىنى كۆرۈدۇ . ئاخىردا يەنە بىر پىلاننىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ قويۇپ قوياي. كەمىنىنى قوللاپ كەلگەن قوللىغۇچىلىرىمىزنى ئازراق بولسىمۇ يېتەكلەش ئۈچۈن، QQ چايخانىسى ئىچىپ مىنىڭ قانداق قىلىپ 25 كۈن ئىچىدە ھازىرقىدەك كۈنلۈك IP سانى 700 دىن ئاشقۇدەك ھالەتكە قانداق ئەكەلگەنلىكىمنى ۋە قانداق ئۇسۇللاردا تەشۋىق قىلغىنىمنى چايخانىدا سۆزلەپ ئۆتىمەن. بولىدۇ ئەمىسە، مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي. ئاخىرىدا ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن . چۈشەنمىگەن ئىشلار بولسا ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭلار
ئاخىردا مەخسۇس يېڭىدىن WP غا كۆچكەنلەرنى يېتەكلەش توپىنى ئېلان قىلىپ قوياي. مەخسۇس يېڭى WP چىلار كۇلۇبى :149672646 ئەسكەرتىش: توپىمىزنىڭ تۈزۈمى بىر قەدەر چىڭ، WP غا مۇناسىۋەتسىز گەپ سۆزلەر بولۇنسا قەتئىي بولمايدۇ. بۇنداق قىلىشىمىزدىكى سەۋەب مۇناسىۋەتسىز پاراڭلار بىلەن باشقىلارنىڭ ئالتۇندەك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى چاچماسلىق ئۈچۈن . شەرت: توپقا قوشۇلۇشتىن بۇرۇن سىز چوقۇم WP غا كۆچۈپ بولغان بولۇشىڭىز شەرت، توپنى قوشقاندا WP ئادرېسىڭىزنى يېزىشنى ئۇنتۇماڭ، بولمىسا توپقا قوشۇلمايسىز.
ئوخخو ئاخىرى ئىلان قىلىندى.. قىنى ئەمسە بلوگبۇستىن زىرىكىپ تۆت كۆزى بىلەن مۇشۇ كۈننى كۈتكەن بىلوگگىرلار ھۇررا………………
بولىدىكەن.
مەن ئالاقىلىشىپ كۇرسەم بولغىدەك……
رەخمەت سىزگە…..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلشاتكا ، مېنىڭ تور نامىم بار ئىدى . ئەمدى سىلىىدىن بوشلۇق سېتۋالسام بولاتتى ، سىلىدىن بوشلۇق سېتۋېلىش ئۈچۈن قانداق ئېرىقلاردىن كېچىپ ئۆتىمەن .
http://www.ritsip.com
مىنى QQ ئارقىلىق بىۋاستە ئىزدەڭ QQ:464243056
نەچچە كۈندىن بىرى ئۆي كۆچۈش داۋاسىدا بولغانلارنىڭ نەتىجىسىنى كۈرۈدىكەنمىز – دە! پۇرسەت غەنىيمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەمسە ئىشنى مىنىڭدىن باشلايلى. مەن ھەربىي ھالەتكە ئۆتكىلى خېلى ۋاقىت بۇپ قالغانتى. بۇ كۇنمۇ ئاخىرى كەپتۇ. ئەلشات ئەمدى مەن نىمىلەرنى تەييارلايمەن؟نىمىلەرنى قىلىمەن؟
مىنى بىۋاستە ئىزدەڭ
بايلىقكا بۇ چەتئەل بوشلۇقىكەن پات پات توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۇلمەسمۇ…..
قارىغاندا تىمىنى ياخشىراق ئوقۇماپسىزدە! بۇ مۇلازمىتىرگە كىمنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلمەپسىزدە! شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تورنىڭ قۇرغۇچىسى تور خۇمار نىڭ ئاكىسى قۇرغان مۇلازىمىتىر بۇ، توختاپ قالغان ھامان پۇلىڭىز شەرتسىز قايتۇرلىدۇ بۇجەھەتتىن خاتىرىڭىزنى جەم قىلىڭ!
تورخۇمارنىڭ ئاكىسى ؟؟؟؟ تورخۇمارنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئاكىسىمۇ يا
ئوھوووووووووييييييييي ما خۇشخەۋەرنى بىر 50 ئادەمگە ئۇختۇرۋەتسەم بولامدۇ نىمە ھى ھى ھى ھەجەپ ياخشى بولدى ئەمدى مەندە ئىسىممۇ تەييار ئىدى كوم ھى ھى ھى
شۇنداق قىلىڭ ! كۆپراق كىشلىرىمىز پايدىلىنىۋالسۇن ! بۇ بوشلۇقنىڭ بۇنچىۋالا ئەرزانلىقىغا مەنمۇ ھەيران قالدىم. مەنمۇ كۆچمىسەم مۇشۇ بوشلۇققا خەپ!
«ئاغىنىلەر» بۇ خۇشخەۋەردىن شۇنچە خۇش بولغىنىڭىزدىن قارىغاندا سىزمۇ كۆچىدىكەنسىزدە..
مەن دەسلىپىدىلا بوشلۇقنى قىسمەت ئەپەندىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن چەتئەلدىن ئالغان، بوشلۇق، نام بولۇپ ھەممىسى 180سومغا پۈتكەن ئىدى.سۈرئەت راستىنلا ياخشى…
شۇنداق كەن ئەنە ئاشۇ ئىشنىڭ پايدىسىدىن خخرىدارلىرىمىز دىگەن يەردىن تورىگە چىقىۋاپلا ئەمدى بۇ تۆرىگە چىقىدىغانلار تىخىمۇ كۆپىيدىغان بولدى
بۇ ھەقىقەتەن بولدىغان بوشلۇق ئىكەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بوشلىقىم http://www.nakix.net دىن ۋاز كەچسەم بولغىدەك
ئەتە ئازراق پار بىرىپ پاراڭلىشاي سىز بىلەن ھە !
كىمگە پار بەمەكچى سىز، ئەلشاتقىما
ئەتە تەپسىلىي پاراڭلىشايلى ئازراق پار بەرمىسەم بولماس
قىنى ئەمسە يىڭى بوشلۇققا كۆچكەنلەر ئادىرسىڭلارنى قالدۇرۇپ قوياسىلە..
«شۇڭقار» نىڭ دىگىنگە قوشۇلمەن
پېقىرمۇ ئۇڭۇشلۇق كۆچىۋالدىم
مۇبارەك بولسۇن.
تورنام بولسا 120 يۈەن ئەگەر بولمىسا ھەمىسىگە 180يۈەن كىتەمدۇ؟
بۇ بىر يىللىق مۇ ياكى ؟
ھەئە شۇنداق ، مەنمۇ تېخى تۈنۈگۈنلا سېتۋالدىم بوشلۇقنى ، خاتىرجەم سېتۋېلىڭ!!!
ھازىر تور بېتىم نورمال ، سۈرئىتىمۇ تىزكەن .
بۇ بوشلۇقنى بىزمۇ قوللاشنى قارار تاپتۇق. ھەقىقەتەن ياخشى بوشلۇق ئىكەن!
بىرىنجىدىن بلوگىىمدا تۇنجى قىتىم ئىنكاس يازغىنىڭىزنىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم! ئىككىنجىدىن بۇ بوشلۇقنىڭ ئەڭ ياخشى يىرى تىنىچ بەت ھاسىل قىلالايدىغان ئىشى ياخشى ئىكەن . مەنمۇ يىقىندا مۇشۇ بوشلۇققا كۆچۈۋالمىسام بولمىدى
سىز ئالدىنقى قىتىم يازغان تىمىڭىزدا Wordperss كە كۆچسىڭىز بلوگ بۇستىكى زىيارەتچىلىرىڭىزدىن غەم قىلماڭ بىز سىزگە بىر ئۇسلۇپ بىرىمز شۇ ئۇسلۇپنى قاچىلاپ Wordperss قا كۆچكەنلىكىڭىزنى ئۇقتۇرالايسىز دەپتىكەنسىز،
شۇ ئۇسلۇپتىن ماڭىمۇ بىرنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز 452877336@qq.com
بۇ يازما ماڭا چوڭ ياردىمى بولدى رەخمەت سىزگە ئەلشات ئەپەندى
مەنمۇ مۇشۇ بوشلۇققا كۆچىۋالدىم http://Www.XuGKAR.CoM
مەنچە ۋورد پررەسكە دەسلەپ كىرگەندە سەل قىيىن بىلىندىكەن ، ئەمما ئەلشاتجاننىڭ ياردىمى بولسا ئۇنچىلىك قىيىنچىلىقلا بىلىنمەيلا ئۈتۈپ كىتىدۇ دەپ قارايمەن ، ۋاقتى كەلگەندە ياردەملىرىنى ئايىمىغايلا !!
ئەمما ۋورد پرەستىن ئەڭ رازى بولغان يېرىم ئىنكاسقا چەك يوقكەن ، ئىنكاسنى ئۈچەيدەك ئۇزۇن يازساقمۇ بولىدىكەن ، تېمىلارنىڭ رومان بولىسىمۇ بىرلا تېمىدا چىقىدىغىنى ھەممىدىن خوشاللىنارلىق ئىش بولدى دە!!!
شۇنداق قىلىپ س ئەس ئەس قىسمى بىلەنمۇ ئانچە مۇنچە تونۇشقانمۇ بولدۇم ، ئەمما ئىلگىرلەش زور ئەمەس ، بىر يەرلىرىگە كەلگەندە نىمە قىلىشنى بىلەلمەي باشلىرىم ئايلىنىپ كىتىدۇ ، ئىنشائاللاھ ، ئۈگىنىپمۇ كىتەرمەن ، كۆڭۈل قويساملا!!بۇ ۋورد پرەسنىڭ ئوتى بەك يامانكەن ، ئولتۇرسام قوپسام خىيالىم مۇشۇ يەردە !!!
ئىسىمنى بۇرۇن ئېلىپ بولغانلار قانداق قىلىمىز؟ سىلەرنىڭ بوشلۇقنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
ICP نى قانداق قىلىمىز؟
ئىلىپ بولغان بولسىڭىز ئۇلاپ بەرسەكلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ICP لازىم ئەمەس، بوشلۇقنى ئىچىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ