ئەلشات بلوگى ئۇسلۇب ئالماشتۇردى

ۋاقتى119 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇختۇرۇش | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 07ئاي 12كۈنى | : 495 قىتىم كۆرۈلدى°

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار: كەمىنە ئەلشاتقا بىر كىشىنىڭ ، «« نىمىشقا بۇ Wordperss تا كۆپىنچە كىشى بىر خىللا ئۇسلۇب ئىشلىتىدۇ»» دىگەن بىر ئىغىز گىپى ماڭا بەك تەسىر قىلدى، ئۇندىن بۇرۇنمۇ كۆپ كىشىلەر ماڭا ئۆزىڭىز ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىدىكەنسىز، لىكىن ئۆزىڭىز ھەقسىز ئۇسلۇب ئىشلىتىدىكەنسىز، ئۇسلۇب ئالماشتۇرسىڭىز بولمامدۇ؟ دەپ جىق گەپلەرنى قىلغان ئانچە تەسىر قىلمىغان, ئاشۇ بىر ئىغىز گەپتىن كىيىن مەن ئويلاندىم راستىنلا بۇ بىر توغرا گەپ ئىكەن، ھەم ھەممە كىشى ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى ئىشلىتىۋەرسىمۇ بلوگىنىڭ خاسلىقى بولمايدىكەن،

ھەم يىڭى كىرگۈچىلەر بىر قاراشقا ئۇسلۇب ئوخشىغان بولغاچقا خۇددى بلوگ يازمىلىرىمۇ ئوخشايدىغاندەك تەسىر بىرىپ قويىدىكەنمىز، شۇڭا شۇ گەپتىن كىيىن مەن جىددى ئۇسلۇب ئىزدەپ يۈردۈم تۈزۈك بىر ئۇسلۇب تاپالمىدىم، ئىزدەپ ئىزدەپ ئاخىرى بۇ ئۇسلۇب ئۇچراپ قالدى، ئۇسلۇبنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، شۇنداقلا ئۇسلۇبنى بىر كۈن ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، ئەمدىكى باش قاتۇرىدىغان مەسىلە بارلىق يازمىلاردىكى رەسىمنى چۈشۈرۈپ رەسىمنى ھازىرقى ئۇسلۇبنىڭ رەسىم ئورنىغا ماسلاشقۇدەك ھالەتتە كىچىكلىتىپ رەسىمنى بوشلۇققا قايتا يوللاپ تىمىنى قايتا تەھرىرلەپ رەسىمنى قايتا بىكىتىش ئىدى، بۇ ئىش ھەقىقەتەن تەس كەلدى،

شۇنداقىمۇ بۇنى قىلماي ئامال بولمىدى، ئاخىرى دوستلارنى ياردەمگە چاقىردىم، بۇ ئىشىمغا بلوگ يىزىۋاتقان ( ئۆزقان بلوگى، شۇڭقارى بلوگى, ئەۋلات بلوگى) قاتارلىق  بىر قانچە دوستلىرىمىز ياردەم قىلدى،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ياردەملەشكەن دوستلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن، رەھمەت سىلەرگە!  مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئولتۇرۇپ بۇ ئۇسلۇبقا كۆچىشىمگە 2 كۈن ۋاقىت كىتىپتۇ، تىخى كىچىك تەڭشەكلىرى بار، بۇلارنى نەچچە كۈندىن بىرى بلوگ يىزىش داۋامىدا سىناپ تەڭشەپ ئاخىرى بۈگۈن  تەڭشەك ئىشلىرى پۈتۈپ چىقتى،

شۇنداق قىلىپ جاپا تارتىپ يۈرۈپمۇ بۇ ئۇسلۇبقا ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك كۆچۈۋالدىم،

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئازراق ساۋاقلارغىمۇ ئىگە بولدۇم، بۇ ساۋاقلارنى دوستلارغىمۇ سۆزلەپ بەرگۈم كىلىۋاتىدۇ،

بلوگ يىزىش ۋە بلوگنى ئاشكارلاشتىن بۇرۇن چوقۇم بلوگ خاسلىققا ئىگە بولغان بولۇشى كىرەك ئىكەن، ياخشى بىر ئۇسلۇب تاللاش تىخىمۇ مۇھىم ئىكەن، تاللاپ بولغاندىن كىيىن ئالدىراپ ئۇسلۇب ئۆزگەرتمەسلىك كىرەك ئىكەن، بولمىسا مەندەك جاپاغا قالىدىغان ئىش بولىدىكەن،  شۇڭا دوستلار بلوگىم بىر خاسلىققا ئىگە بولسۇن دىسەڭلار ھەممە ئادەم ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبلارنى ئىشلىتىۋەرمەي، باشقىلاردىن پەرىقلىق بولغان ئۇسلۇبلارنى ئىشلىتىشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ پەقەت شەخسى كۆز قارشىم خالاس.

ئەلشات بلوگى بۇندىن كىيىن يىڭى ئۇسلۇبتا يىڭىچە نىشان بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، ئەمدى يەنە بۇرۇنقىدەك ئامال بار Wordperss قا دائىر بىلەنلەرنى قىستۇرمىلارنى ئۇسلۇبلارنى يوللاپ دوستلارنىڭ ئازراقمۇ بولسا Wordperss قا تەشنا دىللىرىغا سۇ قۇيىدۇ.  شۇڭا دوستلىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئىزچىل تۈردە قوللاپ بىرىشىنى تمىلارغا ئاكىىپلىق بىلەن ئىنكاس يىزىپ تۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن،

بىلىشىمچە مەن يىڭى ئۇسلۇبقا كۆچكەندىن كىيىن كىرگەن دوستلىرىمىز كىرىپ بولۇپ خاتا كىرىپ قالغان ئوخشايمەن دەپ چىقىپ كىتىۋاتامدۇ، ياكى نىمە سەۋەب بىلمىدىم، يازمىلارغا بۇرۇنقىدەك ئىنكاس يازماس بولۇپ قالدى، شۇڭ دوستلارغا يەنە بىر دەپ قويسام، بۇ بۇرۇنقى ئەلشات بلوگى شۇ سىز خاتاكىرىپ قالمىدىڭىز، يەنە بۇرۇنقىدەك ئاكىتىپلىق بىلەن ئىنكاس يىزىپ تۇرغايسىز، دوستلارنىڭ ىوللىغىنىغا كۆپ تەشەككۈر!

يىڭى ئۇسلۇب، يىڭىچە نىشان بىلەن ئالغا!

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلان دىمەك ئۇچۇر بايلىق دىمەك

ئاللىبۇرۇن8تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • man kim ئىيتىدۇلەركى:2011/07/12 1:19 كەچ جاۋاب

    :grin: :grin:

  • ھەزرەت ئىيتىدۇلەركى:2011/07/12 2:04 كەچ جاۋاب

    :cool: بۇكۈلەردە نىمانداق ئۇنىڭغا بۇنىڭغا ئالمىشىدىكىن دېسەم مۇمداق ئىشكەندە ! مۇبارەك بولسۇن !

  • ئاقدۆڭ ئىيتىدۇلەركى:2011/07/12 11:02 كەچ جاۋاب

    ئەلشات ئەپەندىم .يېڭى ئۇسلۇپ ئالماشتۇرغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن.بۇ ئۇسلوب ئادەمگە بىرخىل ئازادىچىىك تۇيغۇسى بېرىدىكەن .بىراق بىلوگىڭىزنى ئېچىپ كىرگەندە بەت يۈزى ئوڭ تەرەپتە كۈرۈنىۋېلىپ مائوس ئارقىلىق ئوتتۇرغا توغىرلىغاندا ئاندىن مەزمۇنىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدىكەن.بۇ مەسىلىنى جىددىي ئوڭشىۋەتسىڭىز بولغۇدەك. :idea:

  • بۆرەيار ئىيتىدۇلەركى:2011/07/13 3:01 سەھەر جاۋاب

    ئاۋۇ لوگو خەت تولىمۇ پەيزى چىقىپتۇ، ئۆزىڭىز لايىھەلىدىڭىزمۇ؟

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/13 8:38 سەھەر جاۋاب

      بىر خەتتات توردىشىم قولدا يىزىپ كومپىيۇتىرغا كىرگۈزۈپ ئەۋەتىپتىكەن يەنە بىر توردىشىم رەڭلەپ بەردى ھى ھى :oops:

  • ئۆزقان ئىيتىدۇلەركى:2011/07/16 1:31 سەھەر جاۋاب

    بۇ ئۇسلۇبىڭىز بولىدىكەن، بۇ سىزنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئىشلەتكەن ئۇسلۇبىڭىز بوپ قالغۇسى…

  • ئاتەش ئىيتىدۇلەركى:2011/07/18 9:19 كەچ جاۋاب

    يېڭى ئۇسلۇب پىچەتقۇ، مۇبارەك بولسۇن.

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/18 11:04 كەچ جاۋاب

      :cool: كۆپ رەھمەت. سىلەرگە يارىغىنىدىن مەن خۇشال. پات پات مۇبارەك قەدەملىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ctrl+k نى بىسىپ لاتىنچىگە ئالماشتۇرۇپ يىزىشقا بولىدۇ

CommentLuv badge