يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت ئىشلىتىش

ۋاقتى210 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇختۇرۇش | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 04ئاي 09كۈنى | : 877 قىتىم كۆرۈلدى°

نەچچە كۈندىن بىرى بلوگىمغا قاراپ باقسام كەمىنىنى قوللاپ كونا بلوگىمدىن يوقلاپ كەلگەن دوستلىرىمىز كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ لىكىن بۇ دوستلىرىمىزنىڭ باش سۈرتىگە قاراپ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم شۇنداقلا بۇنىڭ دوستلار ئۈچۈنمۇ پايدىسى زور سىز باش سۈرەت لاھىيلەپ ئىنكاس يازسڭىز ئىنكاسنى كۆپ يازسىڭىز ئاكىتىپ قوللىغۇچىلىرىمىز دىگەن ئورۇندا باش سۈرتىڭىز چىقىدۇ بۇ يەردىن باش سۈرتىڭىزنى چەكسە سىز ئىنكاس يازغان ۋاقىتتا تولدۇرغان بىكەت ئادرىسىغا بىۋاستە ئۇلىنىدۇ دىمەك بۇيەردىن سىز ھەقسىز ئىلان ئورنىغا ئىرىشتىڭىز دىگەن گەپ! مەنمۇ باشقىلارنىڭ بلوگىغا كىرسەم ئاكىتىپ ئىنكاسچىلارغا قاراپ ئەك باش رەتتە تىزىلغان باش سۈرەتلەرنى چىكىپ كۆرۈپ باقىمەن بەلكىم باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن، بۇ ئارقىلىق سىز  بلوگىڭىز ياكى توربىتىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرالايسىز دىگەن گەپ! ئەمدى باش سۈرەت ئىشلەشكە كەلسەك ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان باش سۈرەت لاھىيلىسىڭىزمۇ بولىدۇ مەنچە يەنىلا بلوگىڭىز ياكى توربىتىڭىزنىڭ ماركىسىنى ياكى ئىسمىنى قوللىنىپ باش سۈرەت ياسىسىڭىز ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن بۇنداق بولغانداباشقىلارنىڭ دىققىتىنى تىخىمۇ  تارتالايسىز! باش سۈرەتنى ياساشنى بىلمەيدىغان دوستلىرىمىز بولۇپ قالسا ئاكىتىپ قوللىغۇچىلار ئورنىدىن ئورۇن ئالالىغان دوستلىرىمىزغا كەمنىنىڭ ps بىلىمىم چەكلىك بولسىمۇ كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە چىرايلىق ياساپ بەرسەم بولىدۇ  قىنى ئۇنداقتا تىزدىن باش سۈرەت ئىلتىماس قىلىڭ

بەلكىم كۆپچىلىك دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بىر قىسىم تور بېكەتلەردە، بولۇپمۇ WordPress قا ئوخشاش بېكەت سېستىمىلىرىنى ئىشلەتكەن تور بېكەتلەردە بەزى تورداشلارنىڭ باش سۈرىتى ئىنتايى قالتىس، ئۆزگىچە كۆرۈنىدۇ، بىر قىسىم تورداشلارنىڭ باش سۈرىتى بولسا، ئاشۇ تور بېكەت تەمىنلەپ قويغان كۆڭۈلدىكى باش سۈرەت كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە نۆۋەتتە تەدبىركار تور بېكىتى نۆۋەتتىمۇ ئوخشاش بۇ خىل مۇلازىمەتنى تەمىنلىگەن. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل بىر تۇتاش باش سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسى، بىر خىل Gravatar دەپ ئاتىلىدىغان مۇلازىمەتتىن كېلىدىغان بولۇپ، Globally Recognized Avatar نىڭ قىسقارتىلما ئاتىلىشى. نۆۋەتتە خېلى كۆپ قىسىم تور بېكەت سېستىمىلىرى بۇ خىل مۇلازىمەتنى قوللايدۇ، ئۇنداقتا بىز Gravatar نىڭ نېمىلىكى ھەققىدە توختىلىپ باقايلى.
Gravatar ئەڭ بۇرۇن چەتئەلدىكى WordPress بلوگ سۇپىسىدا ئىشلىتىش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن بىر خىل مۇلازىمەت بولۇپ، ناۋادا سىز Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان ھەر قانداق بىر تور بېكەتكە بارغان چېغىڭىزدا، بۇ تور بېكەت سىزنىڭ E-mail ئادرېسىڭىزغا ئاساسەن ماس كېلىدىغان باش سۈرەتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ باش سۈرەتنى بەلگىلەش ئۈچۈن سىز ئاۋال Gravatar نىڭ تور بېكىتىگە بېرىپ، ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان باش سۈرەتنى تورغا يۈكلەشكە ئېھتىياجلىق بولىسىز، بولمىسا بۇ تور بېكەت كۆڭۈلدىكى باش سۈرەت ئارقىلىق سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. تورخۇمارلار كۇلۇبى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بېكەت پروگراممىسى WordPress بولۇپ، Gravatar مۇلازىمىتىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ، سىز ئۆزىڭىزگە خاس باش سۈرەت ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە Gravatar مۇلازىمىتى پۈتۈنلەي ھەقسىز!
تۆۋەندە بىر قانچە قەدەم ئارقىلىق كۆپچىلىككە Gravatar باش سۈرىتى ئىلتىماس قىلىشنى ھەمدە تورخۇمارلار كۇلۇبىغا ئوخشاش تور بېكەتلەردە قانداق قىلىپ ئۆزىمىزگە خاس بولغان باش سۈرەت بەلگىلەشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:

1. تىزىملىتىش: ئاۋال Gravatar نىڭ تور بېكىتى(http://gravatar.com/)گە بېرىپ، سول ئۈستى تەرەپتىكى تىزىملىكتىن Sign Up نى باسىمىز.
2. دەلىللەش: خەت ساندۇقىڭىزغا كىرىپ، بايا Gravatar ئەۋەتكەن يوللانمىدىكى ئادرېسنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، توركۆرگۈنىڭ ئادرېس ستونىغا چاپلاپ Enter نى باسىمىز.
3. ئىسىم، پارول قاتارلىقلارنى بەلگىلەيمىز.
4. رەسىم يۈكلەش: ئادەتتە كۆپىنچە كومپيۇتېردىكى رەسىمنى يۈكلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ(My computer’s hard drive).


5. رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى قىيىۋالىمىز.
6. باھا دەرىجىسى: سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزگە دەرىجە بەلگىلىنىدۇ، چۈنكى ھەرخىل تورداشلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان باش سۈرىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بىر قىسىم چوڭلار ياقتۇرىدىغان باش سۈرەتنىڭ بەلكىم كىچىك دوستلارغا بولغان تەسىرى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا سىز چىقارماقچى بولغان باش سۈرەت ئۇنچە بەك ”ئالاھىدە“ بولمىسىلا، بىۋاستە G تىپنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاساسەن ھەر قانداق تور بېكەت بۇ باش سۈرەتنى نورمال كۆرسىتەلەيدۇ، نۆۋەتتە تورخۇمارلار كۇلۇبى مۇ بۇ خىل تىپتىكى باش سۈرەتنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ.
7. تەستىق كۈتۈش: باش سۈرەت چىقارغاندىن كېيىن قىسقا مۇددەتلىك تەستىقلاش ئۆتكىلىگە دۇچ كېلىمىز، ناۋادا سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز G تىپتىكى باش سۈرەت بولسا ھەمدە يوللىغان باش سۈرىتىڭىز بەك ”ئالاھىدە“ بولۇپ كەتمىسە، نەچچە مىنۇتقىچە تەستىقلىنىپ بولىدۇ.

بۇ باش سۈرەتنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن، سىز Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان ھەر قانداق تور بېكەت، مەسىلەن تورخۇمارلار كۇلۇبىغا ئىنكاس يازغاندا، Gravatar ئىلتىماس قىلغان چاغدىكى خەت ساندۇقىڭىزنى تولدۇرغان بولسىڭىزلا، تور بېكەتتە ئۆزىڭىزگە خاس بولغان باش سۈرەتنى كۆرەلەيسىز. ھازىرچە كۆپ قىسىم Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان تور بېكەتلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئاساسەن WordPress ، بىراق ئەمىلىيەتتە ھەرقانداق تور بېكەت پروگراممىسىغا پەقەت Gravatar نىڭ كودى قوشۇلغان بولسىلا، يەنىلا Gravatar باش سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىلىشىمچە PJBlog نىڭ ئەڭ يېڭى سىناق نۇسقىسىدىمۇ بۇ ئىقتىدار تەمىنلەنگەن، بىر قىسىم بلوگگېرلار ئىشلىتىۋاتقان ئەڭ يېڭى نەشىردىكى PJBlog دا بولسا، Gravatar باش سۈرىتى ئىشلىتىش ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولدى. بۇ مۇلازىمەتمۇ بەلكىم بۇندىن كېيىن بارا-بارا ئومۇملىشىپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ھېچ بولمىسا باش سۈرەت بەلگىلەش ئۈچۈن بەك ئاۋارىچىلىق تارتىپ كەتمەيسىز.
بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار: ناۋادا E-mail غا ئاساسەن باش سۈرەت ئىشلىتىدىغان ئىش بولسا، ئېلخەت ئادرېسىمىز ئاشكارىلىنىپ قالمامدۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى Gravatar نىڭ ئىشلەتكىنى MD5 مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى E-mail بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ تامامەن ھاجىتى يوق.
بىر قىسىم دوستلار مەزكۇر يازمىنىڭ ئۈستى قىسمى رەسىمدىكى كارتون رەسىملەرنى قانداق لايىھەلەيدىغانلىقىنى سوراۋاتىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ بىر خىل توردا تۇرۇپ باش سۈرەت لايىھەلەشكە بولىدىغان تور بېكەت بولۇپ، تەدبىركار ئىلگىرى ئۆزىمىزگە خاس بولغان كارتون ئوبرازى بەلگىلەش دېگەن نامدا بۇ تور بېكەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى، مۇناسىۋەتلىك يازما ئادرېسى: http://www.torhumar.com/faceyourmanga.html

بۇ تىما تەدبىركار بلوگىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلان دىمەك ئۇچۇر بايلىق دىمەك

ئاللىبۇرۇن15تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • ئاغىنىلەر ئىيتىدۇلەركى:2011/04/09 5:36 سەھەر جاۋاب

    دىۋان كەڭ كۇشادە قاپتۇ بىزگە ھى ھى ھى قىنى ئەمىسە بايلىق ئۇستاز ماڭا شۇ باش سۇرەتتىن بىرنى لاھىيلەپ بەرسىڭىز مەنغۇ سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/09 6:20 سەھەر جاۋاب

      بولىدۇ قارىسام رەتنىڭ ئەڭ بىشىغا تىزىلىۋاپسىز لاھىيلەپ بىرەي مەن بىلەن QQ دا ئالاقىلىشىڭ QQ توپۇمنى بىلىسىزغۇ دەيمەن

  • پادىشاھ ئىيتىدۇلەركى:2011/04/09 6:44 سەھەر جاۋاب

    بۇ بولىدىغان ئىشكەن يىڭىلىق

  • قۇتلۇق بېگ ئىيتىدۇلەركى:2011/04/09 7:38 سەھەر جاۋاب

    دوستەك،مەن نەچچە ئايلار بۇرۇن مۇشۇ باش سۆرەت ئىلتىماسقىلغان ئەمما مەن چىقارغان سۆرەت كۈرۈمەي تۇرىۋالدى.بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/09 12:27 كەچ جاۋاب

      ئۇنداق ئەمەستۇ مەن بۈگۈن رەسىمىمنى ئالماشتۇرغان نەچچە مىنۇتتىلا تەستىقلاندى باش سۈرتۈمدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ

  • ئاغىنىلەر ئىيتىدۇلەركى:2011/04/18 10:58 سەھەر جاۋاب

    ھى ھى ھى بۇ باش سۇرەت ئالماشسا ئادەم ئۆزىنى ئاجايىپ روھلوق ھىس قىلىپ قالدىكەن جۇمۇ

  • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/19 10:47 سەھەر جاۋاب

    رەھمەت مەنمۇ سىناپ باقاي

  • پاكدىل ئىيتىدۇلەركى:2011/04/19 10:55 سەھەر جاۋاب

    باش سۈرىتىم تەسسىقلاندى، بىراق بۇ يەرگە قانداق چىقىرىمەن

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/04/19 12:39 كەچ جاۋاب

      باش سۈرەت ئۆزى ئاپتۇماتىك ئالمىشىدۇ ھەم ھازىر ئالمىشىپمۇ بولدى

  • رېتسىپ ئىيتىدۇلەركى:2011/05/02 9:31 سەھەر جاۋاب

    مېنىڭ باش سۈرەت ئېلشىمغا ياردەمدە بولغان بولسىلا ئەلشاتكا….ھى…ھى…ھى…

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/05/02 12:37 كەچ جاۋاب

      مۇشۇ تىمىنى ياخشى ئوقۇپ شۇ بويىچە قىلىڭ چوقۇم ئالالايسىز ! سىز چوقۇم قىلالايسىز! تىرىشىڭ!!

  • رېتسىپ ئىيتىدۇلەركى:2011/05/17 8:23 سەھەر جاۋاب

    باش سۈرەتنى مەنمۇ ئېلىۋالدىم ، كۆرۈنىۋاتقىنى مېنىڭ يېڭى باش سۈرىتىم.

  • ئاغىنىلەر ئىيتىدۇلەركى:2011/05/19 4:05 سەھەر جاۋاب

    نۇرغۇن دوستلار باش سۇرەت ئالماشتۇرۇپتۇ بۇنداق بولغاندا بىكەتلەرگىمۇ ئۆزگىچە بىرخىل گۇزەللىك بىغىشلايدىكەن

  • بۇلبۇلناز ئىيتىدۇلەركى:2011/06/01 6:34 كەچ جاۋاب

    قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە دەپ ئەلشاتجاننىڭ ئۇشبۇ تېمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە مانا مەنمۇ باش سۈرەتتىن بىرنى لايىھىلىۋالدىم ، باش سۈرىتى بولسا راس باشقىچە بولىدىكەن ، ئەمما مۇشۇ ئەلشاتجاننىڭ باش سۈرىتىگە يامان كۈيىمەن مەن ، ماڭا ئەڭ ياراپ كەتكىنى مۇشۇ بولدى ، مەنمۇ دوييا كىيەي دىسەم(چىمەن دوپپا) ئەپسۇس ئۇ سۈرەت ياسايدىغان يەدە يوقكەن شۇڭا ۋاقتىنچە شەپكە كىيۋالدىم ،مۇشۇنداق خوش خەۋەرلەر بولسا يەنە ۋاقتى ۋاقتىدا ئاشكارلىۋىتەلا ، قۇرۇق قالمايلى !!! :?:

  • بۇلبۇلناز ئىيتىدۇلەركى:2011/06/02 11:42 سەھەر جاۋاب

    مانا ، كۆڭۈل قويىۋىدىم ، بۇ تېمىدىن ئوبدانلا ئۈنۈمگە ئېرىشتىم ، ھەش – پەش دېگۈچە باش سۈرەتنى يەنە ئۆزگەرتىۋالدىم ، كۆپ رەھمەت مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا!!!

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ctrl+k نى بىسىپ لاتىنچىگە ئالماشتۇرۇپ يىزىشقا بولىدۇ

CommentLuv badge