كومپىيۇتىردا بلوگ قۇرۇش دەرىسلىكى
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: بلوگ بىلىملىرى | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل12-ئاي11-كۈنى |6,023 قىتىم
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار مەن بىر ھەپتىدىن بىرى توربەت ياساشنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئەقىدە شىركىتىگە كىرگەن كۈندۈزى شۇ يەردە بولۇپ بلوگقا تۈزۈكرەك تىمىمۇ يوللىيالماپتىمەن، بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقا شىركەتكە بارمىغان، شۇڭا بۈگۈن ۋاقتىمنى چىقىرىپ بلوگ بىلىملىرىدىن بىرنى سۆزلىۋىتەي دەپ بۇ يازمىنى يازدىم قىنى ئۇنداقتا دەرىسنى باشلاپ كىتەيلى!
بىز ئاۋۋال كومپىيۇتىرىمىزغا php مۇھىتى ھازىرلىشىمىز كىرەك, بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرخىل دىتاللار كۆپ مەن بۇ يەردە uyghurweb.com تورىنىڭ تارقاتقان php مۇھىتى ھازىرلاش دىتالىنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى بۇ دىتالدا php مۇھىتى ھازىرلاش ناھايتى ئاسان، قىنى ئۇنداقتا دىتالنى چۈشۈرۋىلىڭ. چۈشۈرۈش
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن دىتالنى قاچىلايمىز، ( c دىسكىدىن باشقا دىسكىغا قاچىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن) قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن قاچىلىغان ھۆججەت ئىچىگە قارىساڭلار مۇنداق بىر ھۆججەتنى كۆرىسىلەر
ئاشۇ ھۆججەتنى قوش چىكىڭ، بىردەم ساقلاپ تۇرسىىز بىرمۇنچە نەرسىلەر قاچىلىنىدۇ، ئاندىن سىزدىن پارول سورايدۇ، پارول بىكىتىپ بىرىڭ، قانداق پارول بولسا بولىۋىرىدۇ، بۇ پارولنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، بىردەمدىن كىيىن لازىم بولىدۇ. پارولنى بىكىتىپ بەرگەندىن كىيىن كومپىيۇتىرىڭىزغا php مۇھىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. ئەمدى توردىن wordperss چۈشۈرۈڭ. ئاندىن كىيىن ئۇنى پىرىستىن يىشىپ بۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىگە قويۇڭ. ( ئىسىڭىزدە بولسۇن بۇ ھۆججەت سىزنىڭ باش بەت مۇندەرىجىڭىز )
ئاشۇ ھۆججەت ئىچىدىكى index.php دىگەن ھۆججەتنى ئۆچۈرۋىتىڭ.
ئەمدى تور كۆرگۈچنىڭ ئادرىس يىزىش سىتونىغا http://localhost/wordpress دەپ يىزىڭ ( wordpress دىگەن بۇ ئىسىم index.php ھۆججىتىنىڭ يىنىدسىكى ھۆججەتنىڭ ئىسمى شۇ، ئەگەردە ئۇ ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى باشقىچىراق قويغان بولسىڭىز wordpress دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز قويۇۋالغان ئىسىمنى قويسىڭىز بولىدۇ)
ئەگەر تۆۋەندىكى خەتنى كۆرەلىسىڭىز مۇۋەپپىقىيەتلىك بوپتۇ دەپ ھىسابلىسىڭىز بولىدۇ.
ئۈستىدىكى خەت كۆرۈلسە قىزىل ئىستىرىلكىنىڭ ئىچىدىكى خەتنى بىسىڭ. ئاندىن بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەننى بىسىڭ.
دىققەت قىلىڭ ئەمدى ئەڭ مۇھىم يەرگە كەلدۇق.
بىشىدىكى 3 كۆزنەكنى مۇنداق تولدۇرىمىز، ئاستىدىكى ئىككىسىگە ئادەتتە چىقىلمايمىز.
پارول دىگەن ئورۇنغا سىزبايا بىكىتكەن پارولنى يىزىڭ، ئەگەر مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىسا admin دەپ يىزىڭ.
مۇشۇ تىما ئارقىلىق يەنە بىر سۇئالغا جاۋاب بىرىۋەتسەم يەنە تارماق بلوگ قۇرۇش، بارلىق جەريانى باياتىنقى مەشغۇلات بىلەن ئوخشايدۇ، ئازراقلا تولدۇرۇش يىرى ئوخشىمايدۇ،مەسىلەن: سىز ناخشا دەپ تارماق بلوگ قۇرماقچى بولسىڭىز nahxa دەپ بىردانە ھۆججەت قۇرىسىز، ئىچىگە wordperss نى يىشىسىز، ئاندىن ساندان ئۇلاش مەشغۇلاتى ئەڭ ئاستىدىكى بىر يەرنىلا ئۆزگەرتىسىز يەنى رەسىمدىكىدەك.
مۇشۇ بويىچە قىلسىڭىز تارماق بلوگ قۇرالايسىز.
دەرىسنىڭ داۋامىغا كىلەيلى:
بۇ رەسىم چىققان بولسا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ، قىزىل رامكىنىڭ ئىچىدىكىنى بىسىڭ.
ئاندىن كىرىش ئىسىم پارول بلوگ نامى دىگەنلەرنى تولدۇرىمىز, رەسىمدىكىدەك
مۇبارەك بولسۇن سىز كومپىيۇتىرىڭىزغا بىر بلوگ قۇرۇۋالدىڭىز ئەمدى كومپىيۇتىرىڭىزدا بلوگ بىلەن تونۇشۇڭ، ئۈگىنىڭ، بلوگنىڭ سۈرتى كومپىيۇتىرىڭىزدا تور چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئاتتەك تىز، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئاندىن تور دۇنياسىدىن بوشلۇق ئىسىم ئىلىپ بلوگ يىزىڭ.
چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس يازارسىلەر
يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../2867.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىڭىز ئىنتايىن ياىشى بولۇپتۇ. بىلوگگىرلارغا نەپ ئېلىپ كېلىدىكەن. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!
بۇ دەرسنى ھەجەپ ياخشى سۆزلەپسىز،بۇ بىزدەك يېڭى ئۆگەنگۇچىلەر ئۈچۇن ئېسل دەرس بوپتۇ.،سىزگە كۆپ رەخمەت!
لېكىن سىز دېگەن بۇ ئىشلارنى قىلمايمۇ، بىلوگنى قۇرغىلى بولىدىكەن. ۋوردپرەس مۇھىتىنى ئۆز كومپيۇتېرىمىزغا ئورنىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، نېگىزلىك ئەھمىيىتى، رولى ھەققىدە توختالغان بولسىڭىز.
ئەھمىيتى شۇكى: يىڭى بلوگ يازماقچى بولغانلار تور بوشلۇقى ئىلىپ بلوگنى ئىچىپ بلوگ بىلىملىرىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك تور بوشلۇق ۋاقتىنى ۋە ئۆزىنىڭ تور سۈرەت چەكلىمىسىدە ساقلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغۇسى بارلار ئۈچۈن ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مۇھىتى بولالايدۇ
ھى ھى ھى بۈگۈن دۈشەنبە تۈرسا يەكشەنبە دەپ كىتىپتۇ. ياكى 0991 دا يەكشەنبىمىدۇ
سىز تىمىنى قاچان كۆرسىڭىز شۇ كۈنگە ھىساب بولامدۇ؟ تىما قاچان يوللانغانكەن ۋاقتىغا قارىماملا دەيمەن
ناھايىتى تەپسىلىي، چۈشۈنۈشلىك يېزىلىپتۇ، مەن سىن دەرسىدىن مۇشۇنداق سۈرەتلىك يازمىنى ياخشى كۆرۈدىكەنمەن. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىش سىزگە نىسبەتەن ئاۋارچىلىق بولمىسا، يازمىلارنى مۇشۇنداق يوللىسىڭىزمۇ بۇلىدىكەن.
خەت بىسىشقا سەل ئۆچتىم
دىتال چۇشمەيدىكەن
ھەي ئاداش مەنمۇ ساڭا ئوخشاش تېمىدىن بىرنى يوللىدىم، لىكىن نەزىرىيە! پەتىگە بېرىپ كۆرۈپ كەل!
ياخشىمۇ سىز، بىلوگىڭىز بىلەن تۇنۇش قانلىقىمدىن خوشالمەن، مۇمكىن بولسا مىنىڭ بىلوگىمغا مۇنبەر شەكلىدىكى ئۇسلۇپ قاچىلاپ ، ئوڭشاپ بەرگەن بولسىڭىز.
مەن بىلەن qq ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ. 464243056
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،مەنمۇ قىلىپ سىناپ باقاي!
bu ditalni chuxurux momkin bolmidi?
ئۇكااااااااااام يوقاپ كەتمەي كەپ تۇرالا بۇ تۇراغا، ماقما؟ يېڭى تىمىلارنى كۆرگۈمىز كەلدى.
مەن بىلوگباستىكى بىلوگىم مەلۇم تەرقەقىياتقا يەتمەي تۇرۇپ ۋودپرىسىقا كۆچۈشنى سەل بالدۇرلۇق ھىس قىلدىم !
مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۆز كومپيۇتېرىمدا تەجىربىخانا بلوگدىن بىرىنى قۇرىۋالدىم…
سېتۋالغان تور نامىنى قانداق باغلايمەن.
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلش دەرسلىكى بارمۇ ؟
كومپىيۇتىرىڭىزغا ئىسىم باغلاپ نىمە قىلىسىز؟ كومپىيۇتىرىڭىزدا بلوگنى چۈشۈنۈپ ئۈگۈنۈپ ئاندىن توردا بلوگ قۇرۇپ ئىسىم ئۇلايسىز. ئۇسلۇب تەرجىمەقىلىشقا كەلسەك قەيەردە دەرىس باركىن مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن
بۈگۈن بىر كۈن مۇشۇ تېمىڭىزنى قايتا ئوقۇش ۋە سىناش بىلەن بۇلۇپتىمەن. ھەممە ئىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى. ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك بىر كۈن بولدى.
ھەي………
مىنىڭ ئىنكاسىمغا ھىچكىم جاۋاپ بەرمىدى دىسە….
بۇ دىتال كىمدە باردۇ يەنە
چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەھرىرلەپ قويدۇم، ئەمدى چۈشۈرۈڭ. 联通下载 دىگەن سۆزنى باسسىڭىز چۈشىدۇ
ناھايتى ئوبدان بولدى ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ سىناپ باقاي!
مەن يۇللاپ بىرەي 282189310 ئالاقلىشىڭ !
ئەسلى يۇقارقى تىما ناھايىتتى ياخشى تىما بولغان ئىكەن لىكىن قايسى جاينى خاتا قىلغانلىقىمنى زادى بىلەلمىدىم زادىلا قاملاشمىدى مىنىڭچە چوقۇم php دىتالىنى قاچىلاشتا كەتتۈرۈپ قويدۇممىكىن دەيمەن بولسا ئىغىر كۆرمەي بىر دەرىسلىك قىلىپ سۆزلىۋەتسەڭلار قالتىس ياخشى ئىش بولاتتى سىللەردىن ئالەمچە خۇش بولغان بولاتتىم،قاۋابىڭلارنى كۈتىۋاتىمەن دوسلار!
مەن بۇ دەرىس كۆرسەتمىسى بويىچە مەشخۇلات قىلىپ باقاي دەپ مۇنداق مەسىلىگە يولۇقتۇم . ھېلىقى setup.cmd دېگەن ھۆججەتنى قوش چەكتىم ، ئېكرانغا دوس ھالىتىدە بىر كۆزنەك چىقىپ بىر نەرسىلەرنى كۆچۈرۈپ ، قاچىلاپ كەتتى . لېكىن ماۋۇ 360 دېگەن ۋىرۇسخۇر ھە دىسە ئېكرانغا چىقۋېلىپ ، قاچىلاشنى توسۇپ قويۇپ ئىچىمنى پۇشارغىلى تۇردى . مەنمۇ ئۇدۇللۇق چەكلىمىنى بىكار قىلىپ تۇردۇم .
شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش داۋاملىشىۋاتتاتتى ، 360 بۇ نۆۋەت ئەمدى كومپىيۇتىرىڭىزغا بىر ياغاچ ئات ۋىرۇسى ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا ، دەرھال بىر تەرەپ قىلىڭ دەپ تۇرىۋالدى . مەن ۋىرۇس بولسا ئۆچۈر دەپ بۇيرۇق بېرىشىمغىلا ھېلىقى setup.cmd ھۆججىتىنىڭ دوس ھالەتتىكى كۆزنىكى ئېتىلىپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن قايتا قاچىلاشنى باسسام قاچىلانمىدى ، دوس كۆزنىكى ھالەتتە خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ . كومپىيۇتۇرنى قايتا قوزغاتتىم ، يەنە قاچىلانمىدم . ئۇيغۇرۋېپنى باشقا رايۇنغا قاچىلاپ يەنە چەكسەم ، يەنە ئوخشاش . شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئاخىرى قاچىلىغان ئۇيغۇرۋېپ . پ ھاش پ ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈپ قايتا قاچىلاي دەپ شۇنچە قىلساممۇ ئۆچۈرەلمىدىم . ئاخىرى 360 تە ئېزىپ چېقىپ يۈرۈپ ئاران ئۆچۈرۈپ ، كومپىيۇتۇرنى قايتا قوزغۇتۇپ ، ئۇيغۇرۋېپ نى قايتا قاچىلىدىم : ئەمدى بۇ نۆۋەت دوس كۆزنەك ھالىتىدە مۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالدى :
安装服务失败可能原因如下
1:服务名已存在,请缺载或使用不同的服务名
2: 非管理员权限不能操作windows nt服务
ماڭا تېزدىن يول كۆرسەتكەن بولساڭلار
ئادەتتە پىروگىراممىرلار ۋىروس تازلىغۇچ ئىشلەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغان توربەتكە دائىر جىق نەرسىلىرىنى ۋىروسخورلار ۋىروس دەپ قاراپ ئۆچۈرۋىتىدۇ. بىر قىتىم قاچىلاپ روت ئىغىزىنى ئىگىلەپ قويغان ئوخشايسىز، قانداق ھەل قىلىشنى مەنمۇ بىلمىدىم، سىستىما يىڭىلاڭ دىسەم ئىغىر كىلىدۇ ھەقىچان
ئاپلا ، ماۋۇ چاتاقنى .سېستىما يېڭىلاش كومپىيوتۇر يېڭىلاشتىن ئېغىر كېلەر ئادەمگە …
ھەي ، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى دېگەن شۇدە . سىز تەۋسىيە قىلغان php مۇھىتى ھازىرلاش قورالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام يۇقارقىدەك ئەھۋالغا يولۇقۇپ ، ئۇ ئىشىم سۇغا چىلاشتى . بۇ يەردە سىزدىن ياردەم سورىسام سېستىمىنى قايتا قاچىلاڭ دەپ ئادەمنى قورقۇتۇپ ياقىغا چىقتىڭىز . قانداق قىلاي ئەمدى دەپ مىڭ تەسلىكتە بىر يەرلەردىن ئىزدەپ يۈرۈپ باشقا بىر php مۇھىتى ھازىرلاش قورالىنى
چۈشۈرۈپ قاچىلىسام ، ئۇ ئېنگىلىزچە ئىكەن . تەرجىمە قىلىپ يۈرۈپ قاچىلىدىم . لېكىن مۇتەخەسىسلەر يوق ، ئۈستىدىكىدەك رەسىملىك قىلىپ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇسۇلۇممۇ سۇغا چىلاشتى …..
http://uydata.com/user/index.asp
بۇ ئادىرىسنى سىز ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن . ئەگەر قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارىسىڭىز ، مۇشۇ ئادىرىستىكى لازىملىق قوراللار تۈرىدە تەمىنلەنگەن php مۇھىتى ھازىرلاش دىتالىنى يۇقۇرقىدەك رەسىملىك قاچىلاش ئۇسۇلى بويىچە بىر دەرىسلىك تۈزۈپ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
بۇ ئۆزۈمنىڭ شۇنداقلا بىر ئويى خالاش …
http://localhost/wordpress بۇ بەت نىمىشقا ئېچىلمايدۇ؟
جاۋاپ بېرىدىغانلار يوقما؟!!!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
ئادرىس كۆزنىكىگە http://localhost/wordpress
نى يازسام ئېچىلمىدى .