ئازادبىك نىڭ بەك مۇڭلۇق ناخشىسى
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل06-ئاي27-كۈنى |9,990 قىتىم
مەن بۇ ناخشىچىنىڭ سۈرەتلىك ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنىڭ سۈرەتلىك ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، تۈنۈگۈن بۇ ناخشىسىنى توردىن ئۇچرىتىپ قالدىم، بىر كۆزى كۆرمەس ئەما كىشى بىلەن بىرگە ئوقۇپتۇ، ھەقىقەتەن مۇڭلۇق مەنىلىك ناخشا ئىكەن، تاماششىبىنلارمۇ يىغلاپ كىتىپتۇ، مىنىڭمۇ بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتە ھاياجاندىن، بەك ئامراق بولۇپ قالدىم بۇ ناخشىغا، كۈندە بىر نەچچە قىتىم ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم.ھە راس ئۆزبەك تىلى بىلىدىغان دوستلىرىمىز بولسا تەرجىمە قىلىپ قويغانبولساڭلار، بەزەنسۆزلىرىنى چۈشەنگىنىم بىلەن بەزەن سۆزلىرىنى چۈشەنمىدىم
ناخشا 3 مىنۇتلۇق يىرىدىن تارتىپ باشلىنىدۇ
يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../937.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
ئاۋال دىۋان.
راس مۇڭلۇق ناخشىكەن،تەرجىمە قىلۋاتىدىغانلار بارمىدۇ؟
بىكەت نامىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە مۇبارەك بولسۇن
كۆپ رەھمەت، دوستلارنىڭ يەنىمۇ قوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
بلوگىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە شات بولسۇن!
ناخشىدىنمۇ بەكرەك، يىغلىغانلارنىڭ يىغىسدىن تەسىرلىنىپ كەتتىم.
مەنمۇشۇ شۇلارنىڭ يىغلىغىنىغا قارا
بۇ ئازادبېك نىڭ ناخشىسى ئەمەس،ئىسمىنى بىلمەيمەن،بىر ئەما ناخشىچى ئېيتقان. مەزمۇنى بەك ئىسىل،ئۆزى ئەما بولسىمۇ ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزمەي ئاللاھقا شۇكرى ئېيتىش كىرەكلىكى توغرىسىدا.خۇدا خالىسا ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە قىلىپ قويىمەن.
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ناخشىكەن
بۇ ئازاد بېك بىلەن ئۆزبەكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس ئورال مىرزى زەفەروف .
بۇ ئەما ئادەم داڭلىق كومپازىتۇر ، نۇرغۇن ئەسەر لىرىنى ئازادبېك ئېيتىدۇ ،ئازاد بېك بولسابىزنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم دەك ئۆزبەكىستاننىڭ ئەل سۆيگەن خەلىق ئارتىسى….
بۇ ناخشىنى ئۇلار ھەققىقىي ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقان!
نىممەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھالاۋەتتۇر،
گەر نالەسەك بۇ خۇداغا مالامەتتۇر .
قەلبى بىلەن كۆرۈش ھەم بىر كارامەتتۇر،
گەر نالەسەم بۇ خۇداغا مالامەتتۇر.
شۈكرى قىلماق مۆمىنلىككە دالالەتتۇر،
گەر نالەسەك بى خۇداغا مالامەتتۇر.
————————-
مۇڭ دىگەن ئاھاڭدىن چىقىدۇ. ئەمما مەنا مەزمۇندىن چىقىدۇ.
بۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى بۇ تەرجىمىسىگە قاراپ تىخممۇ چۈشەندىم