ئورنىڭىز » باش بەت » پەچەت بىلىملەر » ھەقسىز MP3 بوشلۇقى لازىممۇ؟

ھەقسىز MP3 بوشلۇقى لازىممۇ؟

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: پەچەت بىلىملەر | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل02-ئاي23-كۈنى |3,814 قىتىم

بلوگ يىزىش جەريانىدا بەزىدە يازما ئارىسىغا MP3 يوللايدىغان ۋاقىتلار مۇ كەپ قالىدۇ، ھازىر قاراپ باقسام توردا ھەقسىز توربەت بوشلۇقلىرى خىلى كۆپ ئەمما MP3 يوللايدىغان بوشلۇقلار سەل ئاز، بۇنداق ۋاقىتتا بوشلۇق ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ قالىمىز، بۈگۈنمۇ بىر دوستىمىز مۇشۇنى سورىدى، ۋە ىنىڭ 50 يۇەنلىك بوشلۇقۇمنىمۇ ئالماقچى بولدى، مەن يەنىلا ھەقسىز بوشلۇق ئىشلىتىڭ دەپ ئۇ بوشلۇقنىمۇ ساتماي ھەقسىز بوشلۇق تەۋىيە قىلاي دىدىم، بەلكىم ئاشۇ دوستىمىزغا ئوخشاش MP3 بوشلۇقى ئىزدەۋاتقانلار يەنە بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ ئۆزۈم بىلگەن بىر MP3 بوشلۇقىنى تەۋسيە قىلاي دەپ بۇ يازمىنى يازدىم.

مەن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ بوشلۇق خىلى داڭقى بار dj تورى ئىكەن، مۇشۇ تورنىڭ بوشلۇقىدىن ھەقسىز پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن، ئەلۋەتتە ئەزا بولمايسىز ، ھەم ھەقسىز، ماتىريالنى بىردىن بىردىن يوللايسىز. قىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئاۋۋال بۇ تورغا كىرىڭ  http://www.djvdj.com

ئاندىن بۇ يەرنى بىسىڭ

ھۆججەت شەكلى MP3 ۋە WMA شەكلى بولۇشى كىرەك باشقىسىنى قوللىمايدىكەن. ئاندىن بۇنى بىسىڭ، باسسىڭىز بىر ئىلان ئىچىلىدىكەن، ئۆچۈرۋىتىڭ.


ئاندىن بۇنى بىسىڭ.

باسسىڭىز بىردەمگىچە ھۆججەتنى يوللايدۇ، يوللاپ بولۇپ سىزگە ناخشىنىڭ MP3 ئادرىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ، شۇنى ھەرقانداق ئورۇنلاردا ئىشلىتەلەيسىز.

مەن بۇرۇن بۇ توربەتكە ماتىريال يوللاپ ئىشلەتكەن نەچچە ئاي نۇرمال تۇرغان، باش بەتتىغۇ مەڭگۈلۈك ھەقسىز دەپتۇ، ئەمما مەن قانچىلىك تۇرۇشىغا كاپالەت بىرەلمەيمەن. شۇڭا ئالدىن دەپ قويمىسام كىيىن نەرسە يوللاپ بوشلۇق ئىگىسى نەرسىنى يۇيۇۋەتسە كىلىپ مەن بىلەن ئۇرۇشماڭلار يەنە. شۇڭا ئالدىن دەپ قوياي،

بىر دوستىمىز بىر قانچە بوشلۇق ئادرىسىنى قالدۇرۇپتۇ قىنى ئىشلىتىپ بىقىڭلار.

http://music.559cn.com

http://bostan.cc

مۇشۇنداق ھەقسىز MP3 بوشلۇقى بىلىدىغانلار  ئادرىسىنى ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرۇپ قويساڭلار ھەممىمىز ئورتاق پايدىلانساق



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:, ,
يازما ئادرىسى:3465.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 5 پارچە ئىنكاس بار!
  1. huxhuy  ( 2012.02.23 19:58 ) : -14-قەۋەت

    ماڭا بەك لازىم ئىدى مۇشۇنداق بوشلۇق.تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

    جاۋاب
  2. kaliptax  ( 2012.02.24 00:16 ) : -13-قەۋەت

    ۋاي ئەلشات ئەپەندى مەن زاكاس قىلغان دېتال تېخى زاۋۇتتىن چىقمىدىما كۈزۈم 4 بۇلۇپ كەتتى ئۇ دىتالنىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىشىنى ساقلاپ (كود تەرجىمە قىلىش ۋەتەھرىرلەشتە ئىشلىتىدىغان ياخشى دىتال) :cool: زاۋۇتتىن چىققان بولسا ئېۋەتىپ بەرسىڭىز بۇلامۇ يا :roll: :roll:

    جاۋاب
  3. تۇران تېكىن  ( 2012.02.24 18:19 ) : -12-قەۋەت

    ئاۋۇ ئادېرىس DJ نىڭ ئۇۋىسى ئىكەن ئەمەسمۇ! بىر دەم يۈرەكلىرىمنى گۈلدۈر – گۈلدۈر قىلىۋاپتىمەن.

    جاۋاب
  4. buhayat  ( 2012.02.24 19:04 ) : -11-قەۋەت

    ئەسمە مەنمۇ يوللاپ قويدۇم ھە
    1- ئەلشات ئاغىنەم يوللاپ بوپتۇ
    2-http://music.559cn.com
    3-http://bostan.cc/
    تەپسىلى مەلۇماتىنى ئەلشات سىز تەسدىقلىغاندا كۆرۇپ بىقىپ چۇشەندۇرۇپ قويارسىز

    جاۋاب
  5. kichikoghul  ( 2012.12.23 11:51 ) : -10-قەۋەت

    باسسىڭىز بىردەمگىچە ھۆججەتنى يوللايدۇ، يوللاپ بولۇپ سىزگە ناخشىنىڭ MP3 ئادرىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ، شۇنى ھەرقانداق ئورۇنلاردا ئىشلىتەلەيسىز
    ————————————————————————–
    ئادېرسىنى تاپالمىدىم،تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif