ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بىرەي
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل02-ئاي24-كۈنى |4,016 قىتىم
ماڭا تۇرمۇشتا ئىنتايىن تەسىر قىلغان بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بىرەي: ( ئىرپان ئاۋازلىق ئەسەرلىرىدىكى ياشلار ئۈچۈن 101 ھىكمەت دىگەن ئاۋازلىق ئەسەردىن ئاڭلىغان ئىدىم)
بىركۈنى بىر ئاتا ۋە بالا ئىشىگىنى يىتىلەپ كىتىپ بارسا ئالدىغا بىر ئادەم ئۇچراپتۇ، ئۇچرىغان كىشى : توۋا ماۋۇ خەقنى ئىشەككە مىنىۋالماي يىتىلەپ ماڭغىنى قارا دەپ مازاق قىپتۇ، بۇ ئاتا-بالا ئاشۇ كىشىنىڭ گىپى بويىچە ئىشەككە مىنىپ مىڭىپتۇ، شۇنداق كىتىپ بارسا يەنە بىر كىشى ئۇچراپ: توۋا ماۋۇ خەق نىمانچە رەھىمسىز؟ بىر ئىشەككە ئىككىسى مىنىۋاپتۇ، دەپ يەنە مەسخىرىگە قاپتۇ، ئاندىن دادىسى مىنىپ بالىسى پىيادە مىڭىپتۇ، يولدا يەنە بىر كىشىگە ئۇچراپ ئۇ كىشى نىمانداق تاش يۈرەك دادابۇ دەپ بالىسىنى پىيادە ماڭدۇرۇپ ئۆزى ئىشەككە مىنىۋاپتىغۇ دەپ ئاتىسىنى ئەيىبلەپتۇ، ئاندىن دادىسى پىيادە مىڭىپ بالىسى ئىشەككە مىنىپ مىڭىپتۇ، يەنە بىر كىشىگە ئۇچراپ ئۇ كىشى نىمانچە ۋاپاسىز بالا بۇ؟ دادىسىنى ماڭدۇرۇپ ئۆزى ئىشەككە مىنىۋاپتىغۇدەپ كايىپتۇ، ئاخىرى بۇ ئاتا بالا ئىشەكنى ئۇزۇن كالتەككە پۇتىدىن باغلاپ ئارتىپ كۆتۈرۈپ مىڭىپتۇ، مىڭىپ بىر كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە بۇ ئىشقا چىدىمىغان ئىشەك بىرلا پىلتىڭلاپتىكەن دەرياغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ.
مانا بۇ ئىشتىن شۇنداق خۇلاسە چىقاردىمكى: تۇرمۇشىمىزدا بىر ئىش قىلىش جەريانىمىزدا ھەممە كىشىنى رازى قىلىپ كىتىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەسكەن، شۇڭا ئاخىرقى نەتىجىدە يەنىلا ئۆز قارارىڭىزدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىڭىز توغرا دەپ ماڭغان يولدا داۋاملىق مىڭىش، ۋە چىدامچانلىق غەيرەت بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ، ۋىجدانىڭىزغا يۈز كىلەلىگۈدەك ۋە مىللەت دۆلەتكە زىيان ئىلىپ كەلمەيدىغان ئىشلار بولسا قانچىلىك توساقلار بولسىمۇ بۆسۈپ ئۆتەلىگەندە ئاخىرقى نىشانغا بىرىپ يىتەلەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم،
ئەكىسچە بەزەن بىر چىدىماس كۆرەلمەس كىشىلەرنىڭ بەرگەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان گەپلىرى بىلەن ھىكايىدىكى كىشىلەردەك ئۆز قارارىدا چىڭ تۇرالماي ھەرخىل كىشى ھەرخىل پىكىر بەرسە شۇ كىشىنىڭ پىكىرىدە مىڭىپ ئاخىردا ھالاك بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ يەتتىم.
مەن ئەينى ۋاقىتا بەزەن بىر كىشىلەرنىڭ سىسىق گەپلىرى ۋە چىدىماسلىق بىلەن ئىيتقان سۆزلىرى بىلەن ئەلشات بلوگىنى تاقاپلا بلوگچىلىقتىن چىكىنەي دەپ ئويلىغان، ھەم شۇ داۋالغۇشتا تۇرۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە مۇشۇ ھىكايىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قايتىدىن جانلىنىپ مىنى يەنە قوللاپ كىلىۋاتقان باشقا كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ھىس قىلىپ يەنىلا بلوگنى ماڭدۇرۇش ئويىغا كەلدىم. شۇنداقلا تىخىمۇ ياخشى يىزىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم. يىقىندا بلوگ توغىرسىدا تىخىمۇ ياخشى پىلانلىرىم بار، ئۇيغۇر بلوگ بىلىملىرى جەمگاھىنىڭ نامىدا 0 دىن باشلاپ بلوگ بىلەن تونۇشۇش دەرىسلىكى ئىشلەش پىلانلىرىم بار، ئەلۋەتتە بۇ سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلار بىلەن روياپقا چىققۇسى. يىقىندا بۇ توغىرسىدا ئايرىم يازما يازىمەن، شۇ ۋاقىتتا پىكىر تەكلىپ بىرەرسىلەر.
ئەسلى سۆزىمىزگە قايتىپ كەلسەك. دەيدىغىنىم شۇكى سىزمۇ ئاۋۇ ئاتا بالىدەك ئەخمەق بولماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ قارارىدا چىڭ تۇرۇڭ، كۆرەلمەسلەرنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماڭ. بلوگىڭىزنى ياخشى يىزىڭ. ( ئىتلار قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا مىڭىۋىرىدۇ )
يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../3474.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
توغرا گەپ ، مەن كىچىك چاغلىرىمدا كىتابخانىغا چىقىپ مۇشۇ ھىكايىنى ئوقۇغان ، ماڭا بۇ ھىكايە بەك تەسىر قىلغان شۇ چاغدا ، شۇنىڭدىن باشلاپ دائىملا مۇشۇ ھىكايىنى باشقىلارغا دەپ بىرىمەن ، ،
قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ خەيىرلىك ئىشلار… باشقىلانىڭ بىر نەچچە ئېغىز بولمىغۇر،ئاساسسىز سۆزلىرى بىلەن بۇلاردىن ۋاز كېچىشكە بولماس…ھەممە بىلوگېرلار سىزنى قوللايدۇ..غەيرەت قىلىڭ…
مەنمۇ ئەسلى شۇنداق بىر دەرسلىك بولسا ، بلوگ بىلەن يېڭى تونۇشقانلار شۇنى كۆرۈش ئارقىلىقلا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالىسا دەپ ئويلايتتڭم. لېكىن بۇلارنى مېنىڭ قىلىشىمغا خېلى ۋاقتى بار ئىكەن…
بۇلارنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز…غەيرەت قىلىڭ!!!
خالىسىڭىز مېنىڭ بېتىمنى قوشھپ قويۇڭ. رەھمەت.
http://www.elantap.com
logo:http://www.elantap.com/logo.gif
مۇشۇ ھىكايە بىلەن تىما رەسمى ماس كەپتىمۇ
ئۇ يەردىكى رەسىم ھەر قىتىمدا بىر ئالمىشىدۇ، 50 پارچە رەسىم
ئەي ئەلشات ئەپەندى مەن بۇيرۇيقان دېتال تېخى كەلمىدىما كود تەھرىرلەيدىغان ئۇنداق قىلماي يوللىۋىتىڭە بىر كودنى تەھرىرلەپ تەرجىمە قىلىۋالسام بۇلاتتى
ئىتلار قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا مىڭىۋىرىدۇ .
تاشلاپ قويماڭ .
ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق ئىلھام بىرىپ تۇرساڭلار ، چوقۇم شۇنداق قىلاتتىم
ئەلشات ئەپەندىن مېنى ئۇلىنىشقا قۇتۇپ قويمامسىز؟