ئورنىڭىز » باش بەت » ئۇقتۇرۇش » يىڭى يىللىق سوۋغات تىزدىن كۆرۈڭ!

يىڭى يىللىق سوۋغات تىزدىن كۆرۈڭ!

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇقتۇرۇش | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل01-ئاي01-كۈنى |2,053 قىتىم

مانا شۇنداق قىلىپ 2011 يىل مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى، بەزىلەر 1 ياش قىرىدۇق، بەزىلەر 1 يىل ياشلىق دەۋرىگە قەدەم باستۇق، بىكار يۈرگەنلەر ئۈچۈن بىريىللىق بەختى قولدىن كەتتى، زور ئۇتۇق نەتىجىلەرنى قوغلىشىپ ئىزدىنىۋاتقان تىرىشچانلار ئۇتۇن قازىنىش يولىغا تىخىمۇ يىقىنلاشتى، يىڭى يىلدا ھەممىمىزگە زور ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كەلگۈسىگە دادىل قەدەم بىسىپ ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن. 2012 يىلغا خۇش كەپسىز! 2012 يىلى يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يىڭى يىلىڭىز خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن!

يىڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مىنى قوللاپ مەدەت بىرىپ كىلىۋاتقان ئوقۇرمەنلىرىمگە بىرەر ئىش قىلىپ بەرسەم دەپ ئويلىدىم، لىكىن نىمە ئىش قىلىپ بىرىشىمنى بىلەلمىدىم، ئويلا ئويلا ئاخىرى قولۇمدىن كىلىدىغان شۇ ئۇسلۇب ئىشىنى ئويلاپتىمەن، ئەسلى ئۇسلۇبنى ھەقسىز تارقىتاي دەپ ئويلىغان لىكىن بۇنداق قىلسام ئۇسلۇب پاخالچىلىقى يۈز بىرىپ ئۇسلۇبنىڭ ئەتىۋارى بولمايدىكەن، شۇڭا ئۆزۈم ئۆزلەشتۈرگەن ئۇسلۇبلارنى 50% باھا بىلەن 3 كۈن تارقىتىشنى ئويلىدىم.

پائالىيەت مەزمۇنى مۇنداق:
بۇ يازمىنى تۇنجى كۆرۈپ ئىنكاس يازغان 3 كىشىگە بىردىن ئۇسلۇب ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، قالغان كىشىلەرگە 50% باھا بويىچە تەمىنلىنىدۇ.
پائالىيەت ۋاقتى: 2012يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئەتتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت7:30 غىچە بولىدۇ. ( شىنجاڭ ۋاقتى )

ئەسكەرتىش: ئۇسلۇبلار بلوگىدىكى بارلىق ئۇسلۇب مىنىڭ ئەمەس، ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ نىڭ ۋە ئۇيغۇربەگنىڭمۇ ئۇسلۇبلىرىمۇ بار، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبىنى مەن تەمىنلىيەلمەيمەن، پەقەت ئەلشات ئۆزلەشتۈرگەن ئۇسلۇبلار بلوگىدا بار ئۇسلۇبلارلا مۇشۇ پائالىيەت ئوبىكىتىغا كىرگۈزىلىدۇ.
ئۇسلۇب تاللاش مەنزىلى: ئۇسلۇبلار بلوگى



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../2970.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 13 پارچە ئىنكاس بار!
  1. horiyet  ( 2012.01.1 12:03 ) : -14-قەۋەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن ئۇسلۇبقا ئېرىشتىم مانا!
    بلوگۇم چاپانسىز قالغان ئىدى، نېمە دىگەن ياخشى!

    جاۋاب
  2. horiyet  ( 2012.01.1 12:05 ) : -13-قەۋەت

    مەن ئۇسلۇبلار بلوگىغاا كىرىپ ئۇسلۇب تاللىغاچ تۇراي ئەمىسە :twisted:
    كىم مېنىڭ كەينىمدىن ماڭىدۇ؟ تېز ئىنكاس يېزىڭلار دەيمەن!
    ھەممىڭلار بۇ بىر يىلدا تېخىمۇ زور ئۇتۇققا ئېرىشكەيسىلەر!

    جاۋاب
  3. ئۇدۇن  ( 2012.01.1 12:06 ) : -12-قەۋەت

    :razz: دىۋان مىنىڭ!!!

    جاۋاب
  4. تەسنىم  ( 2012.01.1 12:08 ) : -11-قەۋەت

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، مەن تۇنجى بۇلۇپ كىرمىگەندىمەن ھە؟ ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !

    جاۋاب
  5. سەھرالىق  ( 2012.01.1 12:17 ) : -10-قەۋەت

    مۇشۇ ئۇسلۇبنى 50% باھا بىلەن تەمىنلەڭ ئەمىسە :o

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.01.1 12:40 ) :

      بۇ ئۇسلۇب ئۇسلۇبلار بلوگىغا يوللانمىغان، شۇڭا پائالىيەت ئوبىكىتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ

      جاۋاب
  6. ناتىق  ( 2012.01.1 16:37 ) : -9-قەۋەت

    ئەلشات باي ئاۋۇ بىلوگ ئۇسلۇبىنىڭ ھەقسىزنى تاللىساق ماۋۇ 50% نى قانداق ھىساپلايسىز ھاھا ھا :lol:
    چاقچاق يىڭى يىلغا مۇبارەك بولسۇن سىزنىڭ يىڭى يىلدا ياخشى نەتىجە ئىرشەسىز..

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.01.1 17:18 ) :

      چۈشۈنۈكسىز سۇئالغۇ بۇ، چۈشەنمەيلا قالدىم

      جاۋاب
  7. ناتىق  ( 2012.01.1 17:20 ) : -8-قەۋەت

    ۋاي ئەلشات جان يىڭى يىلدا چاقچاق ئۆتمەس بوپقالدىمۇ؟؟؟؟؟؟

    شۇ چاقچاق ..

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.01.1 17:29 ) :

      ھى ھى! ئۇنداق بولسا ياخشىغۇ

      جاۋاب
  8. نۇرقۇت  ( 2012.01.2 03:38 ) : -7-قەۋەت

    ئەلشاتجان بۇ يەرنى قىزىتىۋىتىپتۇغۇ …
    ماڭا ئۇسلۇب لازىم ئەمەستى، خاتا كىرىپ قاپتىمەن :cool:

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.01.2 11:01 ) :

      نۇرقۇت ئەپەندىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغىنىدىن ناھايتى خۇشال بولدۇم، كەپ تۇرغايسىز بىزنىڭ بۇ ئەرزىمەس كەپىلىرىمىزگىمۇ

      جاۋاب
  9. نۇرقۇت  ( 2012.01.2 21:43 ) : -6-قەۋەت

    ما گەپنى! :twisted: مەن كىرىپ تۇرىمەن، لېكىن دائىم ئىنكاس يازمايمەن شۇ :idea:

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif