يازمىغا مۇزىكا قىستۇرۇش قىستۇرمىسى( ئۇيغۇرچە قىستۇرما )
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: قىستۇرما | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل08-ئاي25-كۈنى |2,889 قىتىم
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى توپلاردا ۋە ماڭا كەلگەن سۇئاللارغا ئاساسلانغاندا يازمىغا ناخشا قىستۇرۇشنى ئويلايدىغانلار خىلى باركەن، مۇشۇ مەسىلىنى ئويلاپ بىر ئىزدىنىپ باقاي دەپ ئىزدەندىم، ئۇنى بۇنى قاچىلاپ يۈرۈپ ياخشىراق ھەم كۆركەم بىر مۇزىكا قويغۇچنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۆزۈممۇ سىناپ باقتىم خىلى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىستۇرمىنى دوستلارغىمۇ تەۋسىيە قىلاي دىگەن ئويغا كەلدىم، لىكىن يەنە خەنزۇچە بىلمەيدىغان دوستلار قىيىنىلىپ قالمىسۇن دەپ ئاخىردا بۇ قىستۇرمىنىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، ئىھتىياجلىق دوستلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئاۋۋال قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، ئاندىن قوزغىتىڭ، تەڭشەكلەر رايۇنىغا قارىسىڭىز (亦歌مۇزىكا قىستۇرمىسىي تەڭشەش) دىگەن بىر تاللاشنى كۆرىسىز، بۇ يەردىن مۇزىكا قويغۇچنىڭ رەڭگىنى ئۆزىڭىز خالىغان رەڭدە بىكىتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ياكى تەڭشىمەي شۇ پىتى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ( ئىختىيار )
ئەمدى مۇزىكىنى يازمىغا قىستۇرۇش ئۈچۈن يازما يىزىش رايۇنىغا كىرىپ قارىسىڭىز يازما يىزىش كۆزنىكىنىڭ ئۈستىدىكى تىزىملىكلەر رايۇنىغا بىر دانە مۇزىكىنىڭ بەلگىسىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز، ئاشۇنى بىسىپ ( مۇزىكا ئادرىسى قوشۇش ) دىگەننى بىسىپ ناخشىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يىزىپ قويۇپلا كىرگۈزۈش دىگەننى باسسىڭىز ئىش تامام ۋەسسالام، مانا مۇشۇنداقلا ئاددى،
ئۇنىڭدىن باشقا ئاشۇ تورغا ئەزا بولۇش ئىقتىدارلىرىمۇ باركەن، بۇنى سىناپ باقمىدىم، قىزىققۇچىلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ناخشىلارنى تورغا يوللىماقچى بولسىڭىز توردا ھەقسىز بوشلۇقلار كۆپ، شۇنىڭغا يوللاپ ئىشلەتكەيسىز، ( ئۆزىڭىزنىڭ تور بوشلۇقىغا يوللاپ ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز )
ياشلا تورى ھەقسىز 50MB لىق MP3 تور بوشلۇقى تەمىنلەيدىكەن، 1 ئاي ھەقسىزكەن ئۇندىن كىيىن ئايلىقىنى 1 مو دىن ئۇزارتىپ ئىشلىتەلەيدىكەنسىز،
تىخىمۇ كۆپراقلىرى بۇ يەردە ، سىناپ بىقىڭ.
قويغۇچ ئۈنۈمى:
[music1g play=http://alxat18.m3.yax.la/rahimsiz.mp3]
سەمىمى ئەسكەرتىش: قىستۇرمىنى قاچىلاپ خاتالىق كۆرۈلگەن دوستلار كەمىنە بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، بىۋاستە چ چ ئارقىلىق يوللاپ بىرەي ياكى ئىلخەت قالدۇرۇڭلار، نىمىشقىكىن بىلمىدىم ، قىستۇرمىنى تورغا يوللىساملا قاچىلىسا خاتالىق چىقىپ نۇرمال بولماپتۇ، بىۋاستە ئەۋەتىپ بەرسەم قاچىلىسا نۇرمال، شۇڭا نۇرمال قوزغىتالمىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار،QQ: 464243056 مىنى قوشقاندا ئەسكەرتىش بىرىڭ، قىستۇرما دەپ
تىمام يارىغان بولسا ئىلان نى............ ھى ھى ھى، شۇغىنىسى مائۇسىڭىز ئازراق ئۇپراپ كىتىدىغان بولدى دە!
يازما خەتكۈچى:music, Music Plugin, قىستۇرما, مۇزىكا, ناخشا, 音乐插件
يازما ئادرىسى:../2036.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
كىيىنچە لازىم بولۇپ قالغىدۇك ماڭا wp قا كۆچكەندە
ما قىستۇرما بولۇپ قالغۇدەك زادى!
بلوگلىرىنىڭ ئىنكاس يولاش كۆزنىكىدىكى نام-شەرىپىڭىز دېگەن جاي نورمال ئەمەس، يەنى ئۇيغۇرچە تونۇماپتۇ، ئاندىن Cookieنى چەكلەپ قويۇپسىز، ئوڭشاپ قويسىڭىز بولغۇدەك.
ماڭا ئۇزۇن بوپتۇ ، ئوت تۈلكىگە مىنىۋىلىپ ie غا مىنىپ باقمىغىلى، بۈگۈن بۇ گىپىڭىزدىن كىيىن قارىسام ie دا خىلى بىنۇرمالسىزلىقلار باركەن، ئاستا ئوت تۈلكىدىن چۈشۈپ ie مىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇيەر بۇ يەرلىرىنى تۈزلەپ ئەدىپىنى بىرىپ قوياي! پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!
مەزكۇر ئىنكاسنى ئاتەش تۈلكىدە يازغان نوچىمەن!
رامىزانلىق سوۋغىلىرىڭىز بارغانسىرى سەرخىل بۇلۇپ كىتىپ بارۇدۇ جۇمۇ.
خۇشاللىقىمدا كىرىپ چۇشۇرۇپ قاچىلىسام نورمال قاچىلانغان ،ئەمدى كەچ بولغاندە ئارقا بەتكە كىرەي دىسەم بولمىدى ، سانداندا خاتالىق كۆرىلدى دەيدۇ، ئامالسىز خاتالىق بار ئورۇننى ئىزدەپ بۇ قىستۇرمىنى ف ت پ ئارقىلىق يۇيۇپ تاشلاپ ئاندىن ئارقا بەتكە كىرسەم نورمال ئىچىلدى ،ئۇستازلار يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن بەك ياخشى قىستۇرما ئىكەن .
ئۇنداقتا قىستۇرمىنىڭ ئىسمىنى قىستۇرما ئىزدەش رايۇنىغا يىزىپ ئەسلىسىنى قاچىلاپ كۆرۈپ بىقىڭ
بولىدىغان قىستۇمىكەندۇق، ماڭىمۇ بىۋاستە ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن…
Ozkan@126.com
ئەۋەتىۋەتتىم تاپشۇرۋىلىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلشات ئەپەندى،بۇ قىستۇرمىدىن بىرنى ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز،بىۋاستە چۈشۈرگىنىم ئىشلىمەيۋاتىدۇ
782924578
خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى،سىزنىڭكىدە نۇرمال ئىشلەپتىكەن بۇ قىستۇرما،بۇ قانداق گەپتۇ بىلمىدىم،سىز بىر قاچىلاپ س؟ىناپ بىرەمسىز يا؟
خاتالىق كۆرۈلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماڭىمۇ يوللاپ بىرەمسىز؟ چۈشۈرگىنىم بلوگنى بۇزىۋەتتى.
taymas0903@gmail.com
چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يىڭىلاپ قويدۇم ئەمدى چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ