ئورنىڭىز » باش بەت » ئالامەت-كارامەت » يەنە بىر ئىلان قويۇپ پۇل تىپىش تورى

يەنە بىر ئىلان قويۇپ پۇل تىپىش تورى

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئالامەت-كارامەت | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل03-ئاي29-كۈنى |2,095 قىتىم

google دىگەن چىدىماس كاساپەت بىزگە قارىتا تۈزۈمنى چىڭىتقاچقا كۆپىنچە دوستلىرىمىزنىڭ ئىلانى ئارقا ئارقىدىن مەرھۇم بولۇپ كىتىۋاتىدۇ، مىنىڭمۇ ئىككى قىتىم شۇنداق بولۇپ خىلى كۆپ پۇلۇم مەرھۇم بوپ كەتتى، xشۇنىڭدىن كىيىن ئانچە مۇنچە توردىن كىرىم قىلغۇدەك ئىلان بىرلەشمىلىرىنى ئىزدەپ باقتىم، تۈزۈكرەكلىرى يوق، بولسىمۇ ئىلانلىرى ماز، ياكى چىكىلىش باھاسى تۆۋەن دىگەندەك، مانا ئالدىنقى كۈنى بۇتورنى ئۇچراتتىم، بۇ تور ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق توربەت www.163.com  مانا مۇشۇ تورنىڭ ئىلان بىرلەشمىسى ئىكەن، بۇنداق داڭدار تور بىكەتنىڭ پۇل بىرىش بەرمەسلىكىنى بىر قاراپلا بىلەلەيمىز. ئىلانلىرىمۇ بولىدىكەن، ماز ئىلانلار يوقكەن، ھەممىسى تور ئويۇن ئىلانلىرى ئىكەن، باھاسىمۇ بولىدىكەن، بىر چىكىلىشى بىر ip دىن 1 مو بىرىدىكەن، ئۇيغۇر تور بىكەتلەرنى تەستىقلىماسمۇ دىسەم تەستىقلىدى، مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلە ئۈستىدىلا بار. ئەمدى بۇنى سىلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلپ قوياي، ئانچە مۇنچە بولسىمۇ توربىكىتىڭلارنىڭ چىقىمىنى قامدىيالىسا ئەجەپ ئەمەس.

تىزىملىتىش ئادرىسى: تىزىملىتىش



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../3626.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 13 پارچە ئىنكاس بار!
  1. udun  ( 2012.03.29 16:43 ) : -14-قەۋەت

    bek yahshi boptu mawu ish!!!!

    جاۋاب
  2. تىلەك  ( 2012.03.29 16:43 ) : -13-قەۋەت

    ئەمما بۇ ئويۇن ئېلانىنىڭ مەزمۇنى تازا ساغلام ئەمەسمۇ نىمە؟ ئۈستىدىكى رەسىمدن ھېس قىلدىم ھە، خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ.

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.03.29 16:54 ) :

      ئۇ بىر ئىلان، ئويۇنچىلارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئىلان، ھەم ئۇ دىگەن بىر كارتون دوستۇم. ھىلىقىدەك ئاچا سىڭىللىرنى يالىڭاچلاپ رەسىمگە تارتىپ چىقىرىپ قويغاندىن ياخشى، ( سىزگە قارىتىلغان ئەمەس جۇمۇ) ئاشۇ لاۋزا ئىلان قويغان مەلۇم توربىكەت ئىگىلىرىگە ئىيتىلغان

      جاۋاب
  3. يانتۇ تەكشىلىك  ( 2012.03.29 16:49 ) : -12-قەۋەت

    ئىلاننى چىكىۋەتتىم،مۇشۇ كىرگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى چىكۋەتسە بىركۈندە 400 دىن ئارتۇق چىكىلسە بۇرۇنقى گۇگېلنىڭ ئىلان كىرمىگە يىتەمدۇ؟ ئەمدى گۇگېل بىزگە ئىلان بەرمەمدۇ؟ ياھۇ نىڭ ئىلانى قانداقراق؟

    جاۋاب
  4. ئەلسىھەت  ( 2012.03.29 17:19 ) : -11-قەۋەت

    مەن قايسى ئىلاننى قۇيۇشۇمنى پەقەتلا بۈلەلمدىم :?:

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.03.29 17:40 ) :

      شۇنچىۋالا كۆپ ئىلان بىرلەشمىسى بارمىكەن، قىنى مەنمۇ بىر ئاڭلاپ باقاي

      جاۋاب
  5. ئەلسىھەت  ( 2012.03.30 09:23 ) : -10-قەۋەت

    ماڭا قارىغاندا سىز كۆپىرەك بىلەسىز؟؟؟ :!:

    جاۋاب
  6. ghenibay  ( 2012.03.30 15:34 ) : -9-قەۋەت

    بۇ سۇپىمۇ ئىچىم بوش دەيدىغان چىراي ،باياتىن تېلفۇنغا ئۇچۇر كەپتۇ ،“ئويۇن ، كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرلىك بولمىغان بېكەتلەرگە قويۇلغان“ CPC、CPM ئېلانلىرى 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ ،تىزدىن ئېلانلىرىڭىزنى CPS、CPA ئېلانلىرىغا ئالماشتۇرىۋىلىڭ .“دەپتۇ…،CPS、CPA ئېلانلىرى ئارقىلىق ئاساسەن پۇل تاپقىلى بولمايدۇ دېيىشكە بولىدۇ …

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.03.30 18:34 ) :

      ھە………. ماڭا ھىچقانداق توسالغۇ يوققۇ تاڭ، كىرىممۇ بولىۋاتىدۇ

      جاۋاب
  7. شەربەت  ( 2012.03.31 00:35 ) : -8-قەۋەت

    بىر تىيىن سىزگە كەتتى ئەمىسە :twisted:

    جاۋاب
  8. بىرلام  ( 2012.04.1 12:31 ) : -7-قەۋەت

    مەنمۇ ئەمدى قوياي دىسەم نىمە دەيدىغانسىز غىنىباي

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.04.1 12:55 ) :

      سىناپ بىقىڭ، مىنىڭ شۇنداق نۇرمال مىڭىۋاتىدۇ، ئاز بولسىمۇ ھازىر 1 كويدىن ئارتۇقراق كىرىم بولۇپ مىڭىۋاتىدۇ

      جاۋاب
  9. سالىھ بىگ  ( 2013.02.17 22:43 ) : -6-قەۋەت

    ئەلشات بۇرادەر … بۇنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى نەگە چىقىرىمىز . كودىنىچۇ . مىنىڭكىنى تەستىقلىمىدىغۇ تاۇ …خاتا قويدۇممۇ شۇ ھۇجقەتلەرنى بىلمىدىم

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif