ئورنىڭىز » باش بەت » ئۇقتۇرۇش » ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز: ئۆمەرجان ياردەمگە مۇھتاج

ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز: ئۆمەرجان ياردەمگە مۇھتاج

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇقتۇرۇش | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل09-ئاي18-كۈنى |1,716 قىتىم

قېرىندىشىمىز ئۆمەرجان خۇنەن ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئىقتىساد – سودا ئىنىستىتوتى 2008-يىللىق بىرىنجى سىنىپ ئوقوغۇچىسى بولۇپ ، ئوچۇق يورۇق مىجەزى ۋە ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ياخشى ئوبراز تىكلىگەن . لىكىن 2011 – يىلى 8 – ئايدا ئۇ جىددىي خاراكتېرلىك لىمغا ھۈجەيرىسى ئاق قان كېسىلى دەپ دىئاگىنوز قويۇلغان ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك كىسەل بولۇپ ئۆمەرجاننىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئىدى . ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىدا ھەممىمىزگە ئوخشاش يېڭىچە خىزمەت مۇھىتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان قېرىندىشىمىز ھازىر مەكتەپتىن ئايرىلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ دادىسى خىلى بۇرۇنلا ۋاپات بولغان بولۇپ ئانىسى 64 ياش ، مۇقىم كىرىمى يوق ، داۋالىنىش چىقىمى ئەسلىدىنلا باياشات بولمىغان بۇ ئائىلىنى ئاللىقاچان ھالسىرىتىپ قويغان بولۇپ ، ئۆمەرجاننىڭ ئانىسى ئائىلىدىسىكى بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئۈمىدى بولغان ئوغلىنى بارچە ئاماللارنى ئىشلىتىپ داۋالىتىۋاتىدۇ ، ئۇ ئەمدى يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيسى قىلدۇرمىسا بولمايدۇ ، لىكىن ئوپىراتسىيە چىقىمى 400 مىڭ يۈەن بولۇپ ، نۇرغۇن قەرىزگە بوغۇلۇپ بولغان بۇ ئائىلە بۇنچىۋالا پۇلنى يەنە نەدىن تاپىدۇ!؟ بىز (ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى) بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ھەرخىل ئۇسۇللاردا ياردەمدە بولدۇق ،ھەم تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ مۇراجەتنى يىزىپ تۇرۇپتىمىز ، ئىقتىدارى يېتىدىغانلارنىڭ قېرىندىشىمىزغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !

 


مەزكۇر مۇراجەتنامىنىڭ خەنزۇچە تەشۋىقاتلىرى: تىخىمۇ نادىر يازمىلار http://blog.ilqut.com ئىلقۇت بلوگىدا

تېڭشۇن بلوگىمدىكى تەشۋىقات ئادرىسى: http://user.qzone.qq.com/973871010/blog/1315881628

سىنا بلوگىمدىكى تەشۋىقات ئادرىسى: http://blog.sina.com.cn/s/blog_622cc1a40100wjym.html

خەنزۇچە تەشۋىقاتتا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تېلېفۇن نومۇرى تەمىنلەنگەن، سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ!



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:2223.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 4 پارچە ئىنكاس بار!
  1. شىرىن بۇلاق  ( 2011.09.21 17:27 ) : -14-قەۋەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ پوچتا بانكىسىدىكى بانكا ھېسابات ئىسمى:吾买尔艾比布力ئىكەن،布 دېگەن خەت不غا ئالمىشىپ قاپتۇ

    جاۋاب
  2. ئۇزۇق  ( 2011.09.26 22:08 ) : -13-قەۋەت

    پاھ……ئەتراپىمىزدىكى ساخاۋەتچىلەرنى………. بۇ تىمىغا چۇشكەن ئىنكاسلار نىمە دىگەن كۆپ…….

    جاۋاب
    • شىرىن بۇلاق  ( 2011.09.27 12:10 ) :

      شۇنى دېمەمسىز؟قىزىقارلىق،كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى تېمىلارغا ئىنكاس يېزىلماي چۆلدەرەپ قالسا مۇشۇنداق تمىلار كۆرۈلۈش سانى ئەڭ كۆپ،ئىنكاسلارغا كۆمۈلۈپ كېتەي دەپ قاپتۇ

      جاۋاب
      • ئەلشات  ( 2011.09.27 13:51 ) :

        :cool: كىلىۋاتىدۇ گەپلەر تەتۈرسىگە

        جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif