ئورنىڭىز » باش بەت » ئۇقتۇرۇش » ئۇقتۇرۇش:مەن بلوگچىلىقتىن قول ئۈزدۈم

ئۇقتۇرۇش:مەن بلوگچىلىقتىن قول ئۈزدۈم

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇقتۇرۇش | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل12-ئاي07-كۈنى |1,620 قىتىم

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مەن بىلەن 2 يىلدىن بىرى قولنى قولغا تۇتۇشۇپ بلوگ ساھەسىگە قەدەم قويغان ئۇستاز شاگىرت سەپداشلار: مانا شۇنداق قىلىپ بۇ بلوگچىلىققا قەدەم قويغىلىمۇ 2 يىل بولاي دەپ قاپتۇ، بۇ بلوگچىلىققا قەدەم قويۇپ ناھايتى ئىسىل ئاكا ھەدە ئىنىلەر بىلەن تونۇشۇپتىمەن، بۇنىڭدىن مەن بەك خۇشال، بۇ جەرياندا بەزىلىرىگە ئۈگۈتۈپتىمەن بەزىلىرىدىن ئۈگۈنۈپتىمەن، ئۈگەنگەنلىرىمنى چامىمنىڭ يىتىشىچە باشقىلارغا يەتكۈزۈپتىمەن، كىيىن يىڭى بلوگچىلارغا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن بوشلۇق سىتىش بلوگ قۇرۇش مۇلازىمىتىنىمۇ قىپتىمەن، ئىشقىلىپ بلوگچىلىققا قەدەم قويغان ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن بلوگ يازغان ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغان ۋاقىتلىرىم خىلى مەنىلىك ئۆتۈپتۇ، پۇشايمان قىلمايمان، ئەكىسچە خۇشال بولىمەن، ئەمدى ئادەم بارغانسىرى چوڭ بولىدىكەن چوڭ بولغانسىرى زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەرمۇ چوڭ بولىدىكەن، بۇ مەزگىللەردە ئادەم سەل ئالدىراش بولۇپ قالامدۇ نىمە بىلمىدىم، ئىىشقىلىپ مەن سەل ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، بولۇپمۇ دۇكان ئاچقاندىن بىرى، ئۇزۇن بوپتۇ بلوگ بىلىملىرىغا دائىر بلوگ يازمىغىلى، نىمە ئۈچۈن؟ يەنە شۇ ئالدىراشچىلىق بولمامدۇ، بۇرۇن ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن بلوگ يازغان ۋاقىتلاردا بىكار قالساملا بلوگ بىلىملىرى ئىزدەيتىم ئۇسلۇب تەرجىمە قىلاتتىم، مانا ئەمدى مۇشۇ ئالدىراشچىلىق سەۋەبلەر بىلەن بۇ بلوگقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىم سوۋۇپ قالدىمۇ نىمە بىلمىدىم، بۇرۇنقىدەك بلوگ يازغۇم كەلمەس بولۇپ قالدى، شۇڭا ئاخىرى ئويلا ئويلا بلوگچىلىقتىن قول ئۈزۈش قارارىغا كەلدىم، بلوگ يىزىش جەريانىدا بەزەن دوستلارنى خاپىمۇ قىلىپ قويدۇم ، (چۈنكى تولا گەپ سورىغان ئادەم بىلەن تىرىشماس باشقىلارغا يۆلىنىۋىلىپلا تۇردىغان ئادەم بىلەن خوشۇم بولمىغاچ)، يەنە بەزەنلەرنى خۇشالمۇ قىلىپ قويدۇم، خۇشاللىقىدا ئۆز يۇرتلىرىغا كىلىپ ئويناپ كىتىشىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا چىقىپ يۇرتىنى تازا بىر ئوينىتىدىغانلىقىنىمۇ ئىيتقانلارمۇ بولدى، كۆڭلۈڭلارغا رەھمەت، تىگىل بولدى.
بولدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەق گەپنىلا ئىيتاي:
بۇ يازمىنى يىزىش ئارقىلىق بىر قانچە ئىشنى دوستلارغا ئۇقتۇرۇپ قويماقچى:

1- مەن بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا خاپا قىلىپ قويغان دوستلىرىم بولسا ئەپۇ قىلىۋىتىشىنى سورايمەن،
2- ئۇسلۇبلار بلوگى ۋە xjislam نامىدىكى بوشلۇقلارنى پاراۋوز بلوگى (بۇرۇنقى ئۇيئۇبۇنتۇ) نىڭ قۇرغۇچىسى ئىسلامجان ئەپەندىگە ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىمنى ئۇقتۇرۇپ قويماقچىمەن، بۇندىن كىيىن ئۇسلۇب سىتىۋالىدىغان ئۇسلۇب تەرجىمە قىلدۇردىغان بوشلۇق سىتىۋالىدىغان ياكى بوشلۇق مەسىلىلىرى ئىشلار بولسا پاراۋوز بلوگى (بۇرۇنقى ئۇيئۇبۇنتۇ) نىڭ قۇرغۇچىسى ئىسلامجان ئەپەندى نى ئىزدىسەڭلار بولىدۇ
xjislam نامدىكى بوشلۇق سىتىۋالغانلار بوشلۇق پۇلىنى مۇشۇ كىشىگە تاپشۇرساڭلار بولىدۇ، بۇندىن كىيىن بۇ بوشلۇقلارنى باشقۇرۇش ھوقوقى شۇ كىشىگە تەۋە،
ئالاقە ئۇسۇلى: QQ:1368441537 بلوگ ئادرىسى:http://www.parawoz.com

3- ئەمدى بلوگ تىخنىكا ئىشلىرى ئۇسلۇب تەرجىمە قىلدۇرۇش ئۇسلۇب سىتىۋىلىش ئىشلىرىدا پىقىرنى ئىزدىمىگەيسىلەر، تىلفۇن سىتىۋالىدىغان ئىش بولسا ئىزدىسەڭلار بولىدۇ

تىلفۇن لازىم بولسا ئىزدەرسىلەر بۇ يەردىن   http://item.taobao.com/item.htm?spm=a1z10.1.4004-191528237.32.Kk2GRl&id=18174659763

ھازىر تىخى تورغا يوللاپ بولالمىدىم، داۋاملىق كۆپىيىدۇ

قالغان blogqi.biz  torhumar.biz نامىدىكى بوشلۇقلار ھازىرچە مىنىڭ قولۇمدا، بۇنىمۇ ئۆتكۈزىۋىلىشنى خالايدىغان سەمىمى مەسئۇلىيەتچان بلوگچى بولسا ئۆتكۈزۈپ بىرىمەن،

شۇنداقلا مۇشۇ نامدا بلوگ ئىشلىتىۋاتقان دوستلارنىڭ ساندان ھۆججىتىنى پات پات زاپاسلاپ تۇرشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،

شۇنداقلا ھازىر قولۇمدا بار بولغان ئۇيغۇر بلوگ بىلىملىرى جەمگاھى http://www.uybbj.com  بلوگچى بىز http://www.blogqi.biz  تورخۇمار بىز http://www.torhumar.biz قاتارلىق ئىسىملار ۋە بلوگلار مۇ ئۆتكۈزۈلۈپ بىرىلىدۇ، ئەمما ئەلشات بلوگى ھازىرچە مەندە تۇرىۋىرىدۇ.

ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار،QQ:464243056

ئاخىردا يىڭى بلوگچىلارغا بىر سۆزنى ئىتىپ قويسام: بلوگ مەسىلسىدە ھەل قىلالمىغان مەسىلىڭىز بولسا ئىزدىنىڭ سىز ھەل قىلالمىغان مەسىلەن چوقۇم توردا بار، ئىزدەنسىڭىزلا ھەل قىلالايسىز ، ھورۇنلۇق قىلىپ ئىزدەنمىسىڭىز بىشىڭىزنىڭقاتقىنى قاتقان

ئەمىسە ئاكا - ئىنە سەبداشلار ئامان بولۇڭلار ئاللاھقا ئامانەت



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../4147.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 19 پارچە ئىنكاس بار!
  1. تورسودا  ( 2012.12.7 13:39 ) : -14-قەۋەت

    سەپدىشىمىز كۆپەيسە بولاتتى، كىمىمەيمىگىنى ياخشىتى، ۋاقىت چىقىرىپ ئانچە-مۇنچە يىزىپ قويسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ….

    جاۋاب
  2. تورسودا  ( 2012.12.7 13:42 ) : -13-قەۋەت

    تازا قۇلاققا ياقمىدى بۇ گەپلەر….

    جاۋاب
  3. ئۇيغۇربەگ  ( 2012.12.7 23:18 ) : -12-قەۋەت

    نېمىشقا قول ئۈزمەكچى بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم، باشقىلاردىن ئاڭلىسام 30~50دەك بلوگ قاچىلانغان ئاۋۇ xjislam دېگەن تور نامىغا باغلانغان بوشلۇقىڭىز مۇشۇ يېقىندا توشۇپ قالىدىكەن، دېمەك ئاشۇ 30~50 بلوگگېرنىڭ بلوگى ۋەيران بولىدىكەن، ئۇنى قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىز؟
    بلوگچىلىقتىن قول ئۈزسىڭىز ئۈزۈڭ، ئەمما ئاۋۇ بلوگگېرلارنىڭ ئىشىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاندىن ۋاز كېچىڭ، بولمىسا گەدىنىڭىزدە ئۇلارنىڭ قەرزى قىيامەتكىچە سۆرۈلۈپ بارىدۇ.
    قارىغاندا تېلىفونچىلىققا چۈشكەن ئوخشايسىز، يېڭى تىجارىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

    جاۋاب
  4. مۇئەللىم  ( 2012.12.7 23:35 ) : -11-قەۋەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىز ”ئەلشات بىلوگى“نى 400000لىق زىيارەت مىقدارىغا يەتكۈزۈش جەريانىدا ، بەلكىم نەچچە كىچىنى بىلوگ ئۈچۈن ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن بولغىيدىڭىز ، نۇرغۇن زىھىن ۋە كۈچ ، ۋاقىت سەرپ قىلغان بولغىيدىڭىز ، شۇنىڭدەك ، باشقا بىلوگگىرلارمۇ سىزگە ئوخشاش جاپا چەككەن ، تەر ئاققۇزغان . سىز نۇرغۇن بىلوگگىرلارنىڭ بىلوگ قۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەن ۋە يول ئاچقان . ھازىرغا كەلگەندە مەن بىلىدىغان ”ئەلپىدا بىلوگى“ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش 30دەك بىلوگ سىزنىڭ يىرىم يولدا توختاش تۇپەيلىڭىز ۋەيران بولۇش ۋە يوقلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ . سىز ئاشۇ بىلوگگىرلارنىڭ پاسىبانى تۇرۇغلۇق ، ئۇرۇشتا ئەسكەرلىرىنى تاشلاپ قاچقان قوماندانغا ئوخشاش ئىش قىلسىڭىز ، بۇ قامىلىشارمۇ ؟ ھەم ”كەئبىنىڭ سىرى“دېگەن يازمىڭىزدا دېگەندەك ، سىزدىمۇ كىشىلەرنىڭ ھەققىدىن قورقۇش ، ئىبرەت ئىلىش بولسا ، مۇشۇ يازمىڭىزنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ، باياناتتىن بىرنى ئېلان قىلىپ ، سىزدىن بوشلۇق ئېلىپ ، ھازىر بىلوگى ئېچىلمايۋاتقان بىلوگگىرلارغا مەسئۇلىيەتچانلىق نەزىرىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ياكى بوشلۇق كۆچۈش ياكى ساندانىنى زاپاسلىۋىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز ، سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ئاشقان بولاتتى ، ھازىر بولسا سىزنى تىللاپ ئولتۇرۇپىمەن . ئېيتىڭا ، سىز بىز ئىشىنىشكە تىگىشلىك ئادەممۇ ، ياكى؟

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.12.9 23:32 ) :

      دوستۇم مەن شۇ سىرتتىكى ئىشلار سەۋەبلىك بوشلۇقنىڭ ۋاختى توشقىنىنى بىلمەپتىمەن، بوشلۇقنىڭ ۋاختىنىڭ توشقىنىنىمۇ باشقا بلوگچىلاردىن ئاڭلاپ ئاندىن ئۇختۇم، بىز ھازىر بارلىق بلوگچىلارنىڭ ساندان ۋە ھۆججەتلىرىنى زاپاسلاپ كومپىيۇتىرغا چۈشۈرۈپ قويدۇق، بلوگ ئىگىلىرى پاراۋۇزنى ئىزدەپ ئىلىۋالسا بولىدۇ

      جاۋاب
  5. ئەلشات  ( 2012.12.8 23:55 ) : -10-قەۋەت

    بىگىم مەن ئۇنچىلىك مەسئۇلىيەتسىز ئەمەس جۇما :shock: يازمامدا ئۇ بوشلۇقنى پاراۋۇزغا ئۆتكۈزۈپ بەردىم دەپ دىدىمغۇ، ئاخشام ئىككىمىز ئولتۇرۇپ بوشلۇقنىڭ پۇلىنى تۆلىدۇق، پاراۋۇز ساندان ۋە ھۆججەتلەرنى زاپاسلاپ چۈشۈرۋاتىدۇ، ھەممە نەرسىنى ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىمىز، ئىنكاس يىزىشقا ئالدىرماي تىمىنى ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازسىلىچۇ؟ :???:

    جاۋاب
  6. پاراۋوز  ( 2012.12.9 23:04 ) : -9-قەۋەت

    20 كۈن ھەقنىڭ بوشلىقىنى تاقاپ قويۇپ ۋاقتىدا ئوڭشاپ بەرمىگەندىكىن مەسئۇليەتسىز بولماي نېمە؟ بۇنىڭغا باھانە سەۋەب كەتمەيدۇ.

    جاۋاب
  7. پاراۋوز  ( 2012.12.11 13:09 ) : -8-قەۋەت

    ئۇ باللانىڭ email ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بولاتتى، ئۇلارنى تاپالمىدىم.
    ئاۋۇ توختاپ قالغان بوشلۇقنى سېتىۋالغانلار مەندىن زاپاس ھۆججەتنى ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ. ۋاقتى بىر ئاي.

    جاۋاب
  8. رازۋىتچىك  ( 2012.12.18 09:22 ) : -7-قەۋەت

    مىنىڭ بلوگىممۇ ئېچىلمىدى،بۇمىنىڭ ئېلخەت ئادىرسىم:razwitqik@yeah.net

    جاۋاب
  9. بۇھايات  ( 2012.12.18 18:09 ) : -6-قەۋەت

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
    ئەلشات قېرىندىشىم، مەن سىزدىن ئالدىنقى يىلى 50 سومغا بىر بوشلۇق سېتىۋالغانىدىم.
    بوشلۇققمۇ نۇرمال مېڭىۋاتقانىدى، ئىسىمدە قېلىشىچە 9 ئاي بولغان چاغدىغۇ دەيمەن. يەنە 50 سوم تۆلەپ بوشلۇقنىڭ ۋاقتىنى 1 يىل ئۇزارتىپ قوياي دەپ سىزگە ئۇچۇر قىلسام، سىز بولىدۇ ئەمسە پۇلنى سىلىپ بېرىڭ دىگەنتىڭىز.
    مەن پۇلنى سېلىپ بولۇپ سىزگە پۇلنى سېلىپ بولدۇم، تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ دېسەم، سىز، ھەئە، تاپشۇرۋالدىم . مەن ئەتە ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرەي دېدىڭىز. مەنمۇ سىزگە ئىشىنىپ ئىشىمنى قېلىپ يۇرىۋەردىم.
    لېكىن ئەپسۇس، بىر كۇنى توساتتىن بىلوگىم توختاپ قالدى، مەن تور نامىدا مەسىلە چىققان ئوخشايدۇ دەپ تەكشۇرسەم، ساق ئىكەن. بوشلۇققا قاراپ باقايچۇ دەپ قارسام توختاپ قاپتۇ. دېمەك ۋاقىت ئۇزارتىلماپتۇ.
    ئۆتكەندە سىزگە مۇشۇ توغۇرلۇق ئىنكاس قىلسام بوشلۇقتا ئازىراق مەسىلە چىقىپ قالغان، ئاز كۇندىن كېىن ھەل بولىدۇ دېگەنتىڭىز.
    ئەمدى قارسام بوشلۇق ئىشلىرىنى باشقىلارغا ئۆتگۇزۇپ بېرىپسىز.
    ئەمدى مەن 50 سومغا ۋاقىت ئۇزارتقان بوشلۇقنى بىر كۇنمۇ ئىشلەتمىدىم، بۇنى قانداق ھەل قېلىش كېرەك! مىنىڭ سىزدە 1 يىللىق بوشلۇقۇم تېخى بار!
    سودا مۇئامىلىدە ئادىل بولۇپ، ئامرىكىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشنى تەلەپ قېلمايدىغان ئەشۇ 1گ بوشلۇقنى بېرىشىڭىزنى تەلەپ قېلىمەن!
    بەلكىم بەزى دوسلار كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. مەن قەلىبداشلار ئەرەب تىلى ئۆگىنىش بىلوگىنى ماقدۇرۋاتاتتىم.
    http://WWW.Kalipdaxlar.com

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.12.28 02:27 ) :

      خاتىرجەم بولۇڭ، بوشلۇق بىرىمەن ، مەن بىلەن QQ ئارقىلىق بىر ئالاقىلىشىڭە

      جاۋاب
  10. سالىھ بىگ  ( 2012.12.27 21:12 ) : -5-قەۋەت

    ھىي ھىي بۇنداق بولسىمۇ بولمايتتى . كىچىسىمۇ كۈندۈزگە ئۇلاغلىقمۇ ئۇ تىجارەتنىڭ ئەمدى . يىرىم سائەت بىر سائەتتە تۇگەيتى بولمىسا

    جاۋاب
  11. ئاز ساز  ( 2012.12.28 19:03 ) : -4-قەۋەت

    ئەمدى ئوبدان تۇنۇشۇپ يىڭى قوغدۇغىچى قاركىيىملىك تور باتۇرىغا ئۇچىرىشىش نىسىپ بولغانتى بالدۇ كىتىپ قالدىڭىزدە بۇرادەر ، سىزنى داۋاملىق ئىزدەپ تۇرىمەن . يەنە بەك كۆپ خىيال سۈرمەي داۋاملىق تىرىشىپ تۇرۇڭ . سىزگە قاتتىق ئىشەنچىمىز با ئېلشات لوبەن …

    جاۋاب
  12. شىراق  ( 2013.01.1 13:15 ) : -3-قەۋەت

    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم .ئەلشات ئاكىجان.ئانامنىڭ دېيىشچە تۇرمۇش دېگەن بىر مۇش ئىكەن .يۇمۇپ ئۆتىدىغان گەپ ئىكەن. سىز قايتىدىن ئويلىشىپ بېقىڭ . 个人说明:深圳市富迪隆科技有限公司 دېگەن خەتنى ئوقۇپ باقتىم . بەلكىم سىز بۇ ئاتالمىش بىۋاستە سېتىشتا ئەزا ياكى ئۇنداق ئەمەس ،ئىشقىلىپ ئاكىجان سىز ۋە بىز ئۇيغۇر ،بىزنى ھىشكىم باي بولۇشنى ۋە روناق تېپىشنى خالىمايدۇ . گەپنى ئوچۇق دەي . سىزنىڭ خېلى توردا ئۇتۇق قازانغىنىڭىز ئۆزىبىر چوڭ غەلبە .مۇۋەپىقەت قازىنالماسلىقمۇ ئۆزىبىر تەس ئىش ،مېڭىچە بىلوگچىلىقتىن ۋاز كەچمەڭ.سىزگىمۇ ئايان توربىلىملىرى ئۆزلىكسىز.يېڭىلىپ تۇرىدۇ.پەرزەنتىڭىزغا مېنڭچە بۇنى ئۆگىتىش ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈش،ۋەزىپىىڭىز بار،گەپنىڭ پوسكاللىسى سىز بۇنىڭدىن ۋازكەچسىڭىز.سىز ئۇيغۇرياشلىرىنىڭ ئىرادىسىگە سەل تېگىپ قويغاندەك بولامسىزكىن ، مېنىڭچە سىز داۋاملىق تىرىشىڭ.دەم ئىلىڭ بوپتۇ . ئەمما ۋاقتىنچە بولسۇن . ئىشقىلىپ كاللامدىن ئۆتمىدى .بۇ ئىشىڭىز . بۇ يىل 18ياشقا كىردىم.مېنىڭ سىزدەك نەتىجىگە ئېرىشكىم بارئىدى،مېنڭ ئەمەس كومپىيتورغاۋەتوربىلىملىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان كىشىلەرمۇ شۇنداق .ئويلىغانلىرىڭىز ئەلۋەتتە بار .ئەمما تېخىمۇ ئويلاڭ ئاكا .بولسا چەتئەلگە چىقىشنى ئويلاڭ .يەنى بىلىم ئاشۇرۇڭ .ئاكا.سىزئۆزىڭىزگە تەۋە لېكىن روھىڭىز مىللەتكە تەۋە.شۇنداق بىلوگ چىقسۇنكى ئاسيادا يەنى تۈركىي خەلىقتىن چىقسۇن .بۇنى مەيلى ئاق تەنلىك ،قارتەنلىك بولسۇن ، ياكى باشقا سانى بار،ساپاسى يوقلار بولسۇن ،ھەيران قالسۇن !مۇشۇ يەردە پۈتۈن ئۇيغۇر بىلوگداشلارغا بىر تەكلىپىم بار ئىدى،يەنى بىزئوغۇزسۈتىنى ئىشكەن مىللەتبىز،ئوغۇرزسۈتى بىزنى بىزنى ئۇيۇشقاق قىلغانتى .ئەمما تاشقى مۇھىت روھىمىزنى چىرىتتى ،بۇ ئوغۇز سۈتى ئىچىپ قالغان ئوخشايدۇ.؟؟بىرسۆز بىرلەشسەڭلا ، يەنى تاما-تاما كۆل بولار دەپتىكەن .بىر چوڭ ئۇنۋىرسال ،كۆپ تىللىق ،ئۈنۈمچانلىق ،قىممىتى بار ،مەزمۇنى ساغلام ، قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن مۇنداق قىلىپ ئىيتقاندا سىزلەرنىڭ چوڭ رىقابەتچىڭلار قايىل بولغۇدەك .بىر چوڭ بوشلۇقتىلى بىلوگ قۇرۇشىڭلارنى ئۆمىد قىلىمەن …………………….شىراق قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ روھىي ھەرساھەدە پاەيدا بولغۇسى…………………………………………

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2013.01.3 23:26 ) :

      بۇ سۆزلىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم رەھمەت سىزگە ئىنىم، 深圳市富迪隆科技有限公司 لىكىن ماۋۇ نىمە دىگىنىڭىزنكىن بىلمىدىم، مەن ھىچقانداق بىر يەرگە ئەزا ئەمەسمەن، پەقەت ئادەتتىكى بىر دۇكان ئاچتىم خالاس، بلوگ مەسىلىسىگە كەلسەك شۇ دۇكان ئاچقان ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە بلوگ يىزىشقا تۈزۈك ۋاقىت چىقمايدىكەن شۇ

      جاۋاب
  13. بىلىمىم  ( 2013.01.10 21:04 ) : -2-قەۋەت

    خەيرى خوش ئەلشات ئەپەندىم ئامان بولساق كۈرۈشەرمىز :mrgreen:

    جاۋاب
  14. بىزەكچى  ( 2013.02.10 18:58 ) : -1-قەۋەت

    مىنىڭچە قول ئۈزگىنىڭىز ياخشىى بۇپتۇ مەنمۇ سىزدىن بوشلۇق ۋە ئۇسلۇبنى ئېلىپ بلوگى ئاچقان سىز بىر يىل مۇلازىمەت قىلىمەن دىگىنىڭىز ئىسىمدە ئەمما بىر ئىشنى ئۇقالماي سىزدىن ياردەمسورىسام قاتتىق گەپ قىلدىڭىز گەپ سۆزلىرىڭىزدىن كىچىك بالىدەك بىلىندى شۇنىڭ بىلەن گېپىڭىز بەكلا ئېغىر كىلىپ بىلوگنىمۇ تاشلىۋىتىپ ئىسىمنى بىزەكچىلەر ۋادىسىغا ئۇلاپ قويدۇم.

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2013.02.12 00:46 ) :

      دوستۇم بوشلۇقنىڭ ۋاقتى بىر يىل، بىريىل ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىمەن دىمىدىم، 50 كوي ئۈچۈن بىر يىل مۇلازىمەت قىلىدىغان كۈنلەر كەلمىگەندۇ تىخى، 50 كوينىڭ ئۈنچىلىك كۈچى يوقتۇ 21-ئەسىردە

      جاۋاب
  15. بىزەكچى  ( 2013.02.12 09:43 ) : 0-قەۋەت

    مەن سىزگە ئۇسلۇب ۋە بوشلۇق مۇلازىمەت دەپ 200 يۈئەندىن ئارتۇق پۇل سېلىپ بەردىم ،سىزدىن بىر ئېغىز سوئال سورىغىنىمغا مىڭ توۋا دىگىزۈۋەتتىڭىز (سورىغان سوئالىم سىز قىلىپبىرىدىغان ئىشنىڭ ئىچىدە بار ئىدى بولمىسا) قىسقىسى سىزنى تەبرىكلەيمەن. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif