ئورنىڭىز » باش بەت » تاغدىن-باغدىن » ئافغانىستاننىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىپ بىقىڭ!

ئافغانىستاننىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىپ بىقىڭ!

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل04-ئاي30-كۈنى |6,051 قىتىم

تۆۋەندىكى فىلىم بولسا دۆلىتىمىزدىن بىر ئايال بىرىپ ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغان بىر قىسقا فىلىمى بولۇپ بۇنى كۆرسىڭىز ئافغانىستانلىق قىرىنداشلىرىمىزغا چوقۇم ھىسداشلىقىڭىز قوزغىلىشى مۇمكىن! مەن فىلىمنى ئەزەلدىن بۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كۆرمەيتىم لىكىن بۇنى باشتىن ئاخىرى بىر كۆرۈپ تۈگىتىپتىمەن! بۇنى كۆرۈپ مەندە ئافغانىستاندىكى قىرىنداشلىرىمىزغا بولغان چۈشىنىشىم يەنىمۇ بىر قەدەر چۇڭقۇرلىدى.

قوشۇمچە: مەن ئاساسلىق بۇ فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندىم لىكىن تەرجىمە قىلىشقا سەل ئاجىزلىق قىلغۇدەكمەن تەرجىمە قىلالايدىغان دوستلىرىمىز بولسا تەرجىمە قىلىپ بەرسە شۇ دوستىمىزنىڭ نامىدا بلوگقا يوللاپ قويساق بولىدۇ!



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:438.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 8 پارچە ئىنكاس بار!
  1. ھەمزە  ( 2011.04.30 02:21 ) : -14-قەۋەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئاپغانىستانىدىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننى قانۇن قىلغان ۋە قۇرئان قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىپ كىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان توختىماي بۇلىۋاتقان ئۇرۇش ئۇلارنى تەرەققىياتتىن تۇسۇپ قويدى.
    ئاياللىرىنىڭ كىينىشى ھەقىقەتەن ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىگە تۇلۇق چۇشىدۇ. ئاللاھ ئافغانىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلرىمىزغا ياردەم قىلسۇن!
    بولسا تەرجىمە قىلىپ قويغان بولساڭلار… ئەرەپچە بولغان بولسا ئۈزۈملا تەرجىمە قىلىتتىم.

    جاۋاب
  2. پاكدىل  ( 2011.04.30 09:26 ) : -13-قەۋەت

    ۋاھ بۇ ھىجاپلىق ئاياللار نىمە دىگەن چىرايلىق كىيىنگەن…….

    جاۋاب
  3. نەقىش  ( 2011.04.30 14:29 ) : -12-قەۋەت

    يۇقارقى فىلىمدىن كورۋىلىشقا بولدۇكى ئۇ يەردىكى بالىلار تۇغۇلشىدىنلا ، ئاچارچىلىق، ئۇرۇش خانىۋەيرانچىلىقى ئۇستىگە تۇغۇلدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ خاراكتىرى قانداق بولۇپ يىتىلدۇ ؟ بۇ بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا تىگىشلىك مەسىلە

    جاۋاب
  4. رېتسىپ  ( 2011.05.1 11:16 ) : -11-قەۋەت

    ھەقىقەتەن قاپالىقكەن جۇمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ،خۇداغا شۇكرى دېسەك بولغۇدەك….

    جاۋاب
  5. بىلىمدان  ( 2011.05.1 16:39 ) : -10-قەۋەت

    خەنزۇلار نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ ئۇ يەردە

    جاۋاب
  6. بۇلبۇلناز  ( 2011.06.1 19:15 ) : -9-قەۋەت

    ئافغانىستاننىڭ مەركىزى_ كابۇل

    2009 يىلى 7- ئايدا فىلىم ئىشلىگۈچى لىياڭزى ئافغانىستاننىڭ مەركىزى كابۇلغا كەلدى ، بۇ ئۇنىڭدىن ئارىدىن ئالتە يىل ئـۈتۈپ ئىككىنچى قىتىم كىلىشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا لىياڭزى ئۇرۇش ئەمدىلا ئاياقلاشقان كابۇلنىڭ ئەينى چادىكى ھالىتىدىن خاتىرە قالدۇرۋالغان ۋە تەلىيگە يارىشا پەقەت ئاياللارلا كىرىش ئىمكانىيتى بولغان ئاممىۋى سورۇنلارغىچە كىرگەن ئىدى. ئالتە يىل ئـۈتۈپ كەتتى ، كابۇل يەنىلا ئاۋالقىدەك قۇپقۇرۇقمىدۇ ، ئاشۇ بىر قىسىم كۆرۈشكەن ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى قانداقراقتۇر؟ ئۈتۈپ كەتكەن ئالتە يىلدىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ، لىياڭزى يەنە بىر قېتىم كابۇلغا كىرىپ كەلدى.
    لىياڭزى : مەن تۇنجى قېتىم بارغان چېغىمدا، شەھەرگە كىرىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ۋەيران بوپ كەتكەن قۇرۇلۇشلارنى بايقىغانىدىم . ئادەملەر كۆپ ئەمەس ، ماشىنىلارمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى . ھەرقاچان ئامرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئارمىيسىنىڭ ھەربىي ماشىنلىرى ۋە تانكىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى ، كابۇلنىڭ شەھەر ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن بىرەرمۇ مۇكەممەل قۇرۇلۇشنىڭ يوقلىقىنى ئاندىن بايقىدىم .

    جاۋاب
  7. بۇلبۇلناز  ( 2011.06.3 16:33 ) : -8-قەۋەت

    داۋامىنى قىلىشقا ۋاقىت يار بەرمەيۋاتىدۇ ، تاما – تاما كۆل بولار دەپ باشقىلارمۇ بىرەر ئېغىزدىن تەرجىمە قىلىپ قويغان بولسا تەرجىمە پۈتۈپمۇ قالاتتىكەن!!!

    جاۋاب
  8. ئەرتەن  ( 2011.06.12 15:27 ) : -7-قەۋەت

    فىلىمنى كۆرمىدىم ، بۇبۇر بىلەن بىزنىڭ ھېچقانداق قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز يوق دەپ قارايمەن .

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif