QQ دا ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشىڭىز ئەمەلگە ئاشتى
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: چۈشۈرۈلمىلەر | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل11-ئاي25-كۈنى |5,496 قىتىم
ئاۋال بۇ دىتالنىڭ دەسلەپكى تەمىنلەنگەن نەشرىدە ساقلانغان مەسىلىلەر (پەقەت كەمىنە ئىلقۇت تەرىپىدىن بايقالغانلىرىلا) تولۇق تۈزۈتۈلگەندىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى نەشرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ! ئىلقۇت بلوگىدا ياخشى ئەسەرلەر بار
1.ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى:
ئاۋال بۇ دېتالنى قوزغىتىمىز، ئاندىن خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز.
ئەگەر «يوللاش» كۇنۇپكىسى يانمىسا (ھەرىكەتچان بولمىسا، يەنى كۈلرەڭ ھالەتتە تۇرسا)، تېخى خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنىڭ تاللانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، سىز بۇ چاغدا خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى مائۇس بىلەن چېكىپ قويۇڭ. يانغان بولسا يېزىشنى باشلاڭ.
دەسلەپ دىتالنى قوزغاتقان ھالەت: «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنىڭ رەڭگىگە دىققەت قىلىڭ!
خەت يېزىشقا باشلىغان ۋاقىت. ئاۋۇ ئىككى قىزىل چەمبىرەككە ئېلىنغان جايغا قاراڭ. يۇقىرى سول بۆرجەكتە سىز پاراڭلاشماقچى بولغان قارىشى تەرەپنىڭ QQ ئىسمى كۆرۈنۈشى كېرەك. قايسى توردېشىڭىزنىڭ ئىسمى كۆرۈنسە سىزنىڭ ھازىرقى پاراڭلىشىش ھالىتىڭىز شۇ توردېشىڭىز بىلەن بولغان بولىدۇ.
2. ئىقتىدار چۈشەندۈرلىشى: ئىلقۇت بلوگى http://blog.ilqut.com نى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ
1)Ctrl+Enter تاللانمىسى: ئەگەر سىز پاراڭلاشقاندا Ctrl+Enter نى بېسىش ئارقىلىڭ سۆز ئەۋەتىشكە ئادەتلەنگەن بولسىڭىز، بۇ تاللانمىنى تاللاپ قويسىڭىز، سىز خەت يېزىپ بولۇپ Ctrl+Enter نە باسقاندىن كېيىن يوللايدۇ، ئۇنداق بولمىسا Enter نى باسسىڭىز يوللايدۇ. QQ نىڭ ئەۋەتىش ھالىتى Ctrl+Enter (رەسىمدىكىدەك)بولسا بۇ تۈرنى تاللاڭ. تىخىمۇ نادىر يازمىلار http://blog.ilqut.com ئىلقۇت بلوگىدا
2) بىۋاستە: يېزىقنى بىۋاستە ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز بۇ تۈرنى تاللاڭ، QQ دا ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە ئەۋەتكىلى بولمايدۇ، سىز خەنزۇچە قاتارلىق يېزىقلارنى ئەۋەتكەندە بۇ تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى: http://blog.ilqut.com
بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى: http://blog.ilqut.com
3)ULY: بۇ تۈر ئاساسلىقى يانفۇندا تورغا چىققانلار بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن لاھىيلەندى، يەنە ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ULY يېزىقىدا يوللاپ بېرىدۇ.
4)يوللاش: بۇ كۇنۇپكا QQ دىكى «يوللاش» كۇنۇپكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر خەت يېزىپ بولۇپ «يوللاش » كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىڭ يوللاشقا ئادەتلەنگەن بولغاچقا بۇ كۇنۇپكا قوشۇلدى. ئىلقۇت بلوگى http://blog.ilqut.com نى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ
پاراڭلىشىش شۇنداق ئەپلىك ئىكەن
5)خاتىرە: بۇ مەلۇم بىر كىشى بىلەن پاراڭلاشقان خاتېرە بولۇپ، كومپيۇتېردا ساقلىنىپ تۇرىدۇ، پاراڭلىشىش خاتېرىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز QQ دىكى مەلۇم شۇ كىشى بىلەن پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچسىڭىز «خاتېرە » كۇنۇپكىسى يانىدۇ سىز خاتېرە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مەزكۇر كىشى بىلەن پاراڭلاشقان خاتېرىنى كۆرەلەيسىز.
6)ئىزلا: بۇ دېتالنى قوزغاتقاندىن بۇيانقى بارلىق پاراڭلاشقان خاتېرە بولۇپ، كومپيۇتېردا ساقلانمايدۇ، دېتال ئۆچكەن ھامان بۇ خاتېرىمۇ ئۆچىدۇ.
7)شەكىل: بۇ ئاساسلىقى پاراڭلاشقاندىكى خەت نۇسخىسى(خەت شەكلى، رەڭگى، چوڭ-كىچىكلىكى)نى تاللايدىغان كۇنۇپكا. http://blog.ilqut.com
8)«ئۇ» كۇنۇپكىسى: ئەگەر كۇنۇپكا «ئۇ» ھالىتىدە تۇرغان بولسا نۆۋەتتكىكى كىرگۈزۈش شەكلىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ھالەتتىكى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرلىشى تۆۋەندىكىدەك:
بىر كۇنۇپكىدە ئىككى ھەرپ بولغانلىرى بىۋاستە يازسا ئۈستىدىكى ھەرپ ،Shift نى بېسىپ تۇرۇپ باسسا ئاستىدىكى ھەرىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، سىز ئۇيغۇرچە بىلەن سىستېمىنىڭ نۆۋەتتىكى كىرگۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز ياكى بىۋاستە « Shift » كونۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
8)دائىملىق سۆز لەر تېزىملىكى: ئاستىدىكى تاللانما تېزىملىكتە بەزى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر بېرىلدى، مۇشۇ تېزىملىتىن تاللاپمۇ ئەۋەتەلەيسىز.
بۇ دېتال ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ «ئەلپىدا» خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى، تۇنجى نەشىرى بولغاچقا بەزى كەمچىلىلكلەر بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلارنى بېرىشىنى سورايمىز. بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇشۇ دېتال توغۇرلۇق پىكىر تەكلىپ بولسا ئالاقىلىش QQ سى : 1843791748 بىلەن ئالاقىلىشىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئىلقۇت بلوگىدا ياخشى ئەسەرلەر بار
يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى
2011-يىل 10-ئاي (ئۈرۈمچى)
ئىلقۇت ئەسكەرتمىسى:
يۇقىرىدىكى تەشۋىقات ماتېرىيالىنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىنى يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى تەييارلىغان. كەمىنە ئىلقۇت پەقەت بىر قىسىم سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىدى.
كونا 1.1 نەشىرىنى چۈشۈرۈش
ئەڭ يىڭى 1.5 نەشىرىنى چۈشۈرۈش
]yhyبۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى: http://blog.ilqut.com
مەنبە: http://blog.ilqut.com/index.php/archives/3002.html
يازما خەتكۈچى:QQ, UYghur, ئۇيغۇرچە
يازما ئادرىسى:2761.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
مەن بىرىنچى بۇلۇپ كۆرگەن ئوخشايمەن، سىناپ باقاي ،بەكلا قۇلايلىقدەك قىلىدۇ .
بۇ دېتال بولىدىكەن جۇمۇ ، كەڭ تورداشلار ئارسىدا ئومۇملارشتۇرسا بولغىدەك . بۇنىڭدىن كېيىن چ چ دا ئۇيغۇرچە پالاڭلىشىدىغان گەپكەندە … بۇمۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولدى .
شۇنداق، مەنچە بۇ تىمىنى بارلىق مۇنبەر بلوگلاردا تىخىمۇ كۆپ تەشۋىق قىلىپ ھەممە كىشى بىلىدىغان قىلىۋىتىش كىرەك، شۇنداق بولغاندا ئوموملىشىى ياخشى بولىدۇ
QQ دا بىر كۈندە رەسىم ئەۋەتىشنىڭ چەكلىمىسى بارغۇ دەيمە
بۇگەپنى سىزدىن تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم
بۇ دېتال بەك ياخشىكەن جۇمۇ،ئىشلىتىشمۇ بەك قولايلىق ئىكەن.سىزگە كۆپ تەشەككۈر!
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، مەن چۈشۈرۈپ ئىشلتەي دېگەنىدىم ئەمما ، قاملاشتۇرالمىدىم.
ئالدىرماي كۆرۈپ تەپسىلى قىلىڭ چوقۇم قىلالايسىز
چ چ دا رەسىم ئەۋەتىشنىڭمۇ چېكى بارمىكەن؟
مەن بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ، win8 رەسمىي نەشىرى چىققاندىن كېيىن تېڭشۈنمۇ بىزنىڭ يىزىقىمىزنى قوللاش ئۈستىدە ئويلىشا دەيمەن ؟ سىز قانداق قارايسىز؟
ناتايىن جۇمۇ QQ نىڭ بىزنى قوللىشى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار قەتئىلىك بىلەنلا قارلۇقنى رەت قىلىۋەتكەن