ئورنىڭىز » باش بەت » تاغدىن-باغدىن » چارچىدىڭلارمۇ ؟ يېڭى سۆز ئۇيۇنى ئوينايمىز

چارچىدىڭلارمۇ ؟ يېڭى سۆز ئۇيۇنى ئوينايمىز

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل05-ئاي09-كۈنى |1,067 قىتىم

 نىمە نىمىدىن ياخشى
ئاڭلىغاندىن كۆرگەن ياخشى .يىغلىغاندىن كۈلگەن ياخشى .
بىلمىگەندىن بىلگەن ياخشى ،مەنىسىز ياشغاندىن ئۆلگەن ياخشى .
ئەلسىز سۈرگەن ھۇزۇرۇڭدىن ،ئەل ئوتىداكۆيگەن ياخشى .
ئۆزگە يۇرۇتتا شاھ بۇلغۇچە ،ئۆز يۇرتىنى سۆيگەن ياخشى .
كۈنلۇك ھەقتىن ئايلىق ياخشى ،گادايلىقتىن بايلىق ياخشى .
پىيادىدىن ئاتلىق ياخشى ،خاپىلىقتىن شادلىق ياخشى .
پايدا ئالغان يالغىنىڭدىن ،زىيان تارتقان راسمۇ ياخشى .
ئاڭلاپ ئەمەل قىلمىغاندىن ،ئاڭلىمىغان گاسمۇ ياخشى .
ئۇرالمىغان دەل توپكاڭدىن ،ئەپلىك چىققان پاسمۇ ياخشى .
ئۈنى چىقمىغان داپ -دۇتتاردىن ،داراڭلغان داسمۇ ياخشى .
مىنىتى بار زىياپەتتىن ،قۇرۇق ئىچكەن ئاشمۇ ياخشى .
باشقىلارنىڭ گۆھىردىن ئىلىكىڭدىكى تاشمۇ ياخشى .
تەپكەك قىرى ئارغىماقتىن ،خۇيى ياخشى تايمۇ ياخشى .
يۇرۇتمىغان چىرىغىڭدىن ،ئاسمابدىكى ئايمۇ ياخشى .
ئەندىشە بىلەن يىگەن ئاشتىن ،غەمسىز ئىچكەن چايمۇ ياخشى .
چاش ئال دىسە باش ئالغاندىن ،تۇسۇۋالغان «ھايمۇ »ياخشى .
تۇلغانغىچە پۇشايماندىن ،ئۆز ئۆزنى سۇرىغان ياخشى .
قىل ئالغۇچە پىتىر ناندىن ،سىخىيلارنى دۇرىغان ياخشى .

نىمىنى -نىمە يۇقىتىدۇ ؟
راست يالغاننى يۇقىتىدۇ ،ئۈمىدىسىزلىك ئارماننى يۇقىتىدۇ .
سامساق ھەسەلنىڭ پايدىسىنى يۇقىتىدۇ ،بىئەدەپ سۇرۇننىڭ قائىدىسىنى يۇقىتىدۇ .
ھەرىكەت ئاغرىقىنى يۇقىتىدۇ ،ھۇرۇنلۇق بارلىقىنى يۇقىتىدۇ .
خاپىلىق شادلىقىنى يۇقىتتدۇ ،سىردىشىش ياتلىقنى يۇقىتىدۇ .
ئىسىقى يۇق مەش كۆمۈرنى يۇقىتىدۇ،غەم -ئەندىشە ئۆمۇرنى يۇقىتىدۇ.

نىمە -نىمە بىلەن سەمىرىيدۇ ؟

 

مەمەدان گەپ بىلەن سەمىرىيىدۇ، پارىخۇر نەپ بىلەن سەمىرىيىدۇ .
قۇلۇلە نەم بىلەن سەمىرىيدۇ ،خىيانەتچى غەن بىلەن سەمىرىيىدۇ .
ماختانچاق پۇۋ بىلەن سەمىرىيىدۇ ،مەرگەن ئوۋ بىلەن سەمىرىيىدۇ .
مانتا ھور بىلەن سەمىرىيىدۇ .كۆنچى شور بىلەن سەمىرىيىدۇ .
ئاشلىق ،مىۋە يازدا سەمىرىيىدۇ،غاز ئۆردەكلەر سازدا سەمىرىيىدۇ .
ئىشەك توپىدا سەمىرىيىدۇ ،ياسانچۇق خوتۇن ئۇپىدا سەمىرىيىدۇ .
تاپاۋەت غەيرەت بىلەن سەمىرىيىدۇ ،بىكارچى غەيۋەت بىلەن سەمىرىيىدۇ .
ئىلىم پەن ھەق بىلەن سەمىرىيىدۇ، سىتىقچى نەق بىلەن سىەمىرىيىدۇ .

قىنى بلوگداشلار بىزمۇ ئويناپ باقمامدۇق؟


无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:3803.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 5 پارچە ئىنكاس بار!
  1. بىلىمدان  ( 2012.05.9 23:09 ) : -14-قەۋەت

    ئوخخۇ نىمانداق قىززىق گەپلەر، ئۈچىيىم ئۈزلۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى…. ھادۇقۇم چىكەتتى …. :oops:

    جاۋاب
  2. مۇزات  ( 2012.05.13 23:41 ) : -13-قەۋەت

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىركەن. ;-)

    جاۋاب
  3. سەھرالىق  ( 2012.05.14 20:37 ) : -12-قەۋەت

    مەن تىپىشماق ئىيتىپ بەرسەم بولاپتىكىن :mrgreen:

    جاۋاب
  4. ugking  ( 2012.05.15 10:34 ) : -11-قەۋەت

    پەچەت يىزلىغان سۆز ئۆيۇنى ئىكەن :o :o :o

    جاۋاب
  5. ئەلگەنەپ  ( 2012.05.15 18:10 ) : -10-قەۋەت

    ئەلشات ئەپەندى قالتىس مەزمۇن يوللاپسىز جۇمۇ :o

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif