ئورنىڭىز » باش بەت » تاغدىن-باغدىن » بۈگۈن شۇنداق بىر كىشىندىن شۇنداق سۆيۈندۈم

بۈگۈن شۇنداق بىر كىشىندىن شۇنداق سۆيۈندۈم

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل01-ئاي28-كۈنى |3,802 قىتىم

بۈگۈن جۇمە، كومپىيۇتىر ئالدىدا بەك ئالدىراش بولۇپ كىتىپ نامازغا سەل كىچىكىپ قاپتىمەن، جەينىمازنى كۆتۈرۈپلا چوڭ بازار مەسجىدكە باردىم ،بارسام سىرتىدىن يەنە چوڭ بازار مەسجىدنىڭ يىنىدا بىر بوش يەر بار، شۇ يەردىن ئورۇن تىگىپتۇ، بۇ بوش ئورۇننىڭ ئالدى تۆمۇر توساق بىلەن ئىتىۋىتىلگەن، شۇ يەردە ئولتۇردۇم، سۈننەتنى ئوقۇپ بولۇپ پەرىز ئارلىقىدىكى خۇتبىنى تىڭشاپ ئولتۇراتتۇق، لىكىن تازا ئىنىق ئاڭلىغىلى بولمايتى، ئالدىمدا چوڭ بازارنىڭ كەررىفورنىڭ ئالدىغا كىلىپ كىتىدىغان ماشىنىلارنىڭ توختاش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىككى ئامانلىق قوغدىغۇچىنىڭ ئالدىمزدا كىشىلەرنى ئۆتكىلى قويماي ھەممىسىنى بىر چەتكە ھەيدەۋاتقانلىقىنى كۆردۈميۇ ئەممە تازا دىققەت قىلماپتىمەن، بىر ۋاقىتتا خىلى يىراقتا تۇرغان ئامانلىق قوغدىغۇچى بالا يەنە بىر بالىغا ئۈنلۈك ۋارقىردى، ئوقۇل بالا بولغانكىن جاڭ جۇڭ گەپ قىلىپ ئاۋۇ ياقتىن كەلگەن ئادەملەرنى توسۇپ ئۆتكىلى قويما دەپ ئۇ بالىغا بۇيرۇق چۈشۈردى، شۇ ۋاقىتتىلا بۇ ئىككى دوستىمىزنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشىلەر ئۆتىۋەرسە بولاتتى، چۈنكى ئالدىمىزدا توساق بار ئىدى، لىكىن بۇ ئىككى دوستىمىز دىنىمىزنى كاپىر بىلەن مۇسۇلماننى پەرىقلىق ئايرىپ تۇردىغان بۇ ئۇلۇغ نامىزىمىزنى ھۆرمەتلەپ شۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدىمىزدىن ئۆتۈشكە روخسەت قىلماي تاكى بىز پەرىزنى ئوقۇپ نامازدىن قايتقۇچە ئىككى دوستىمىز ئالدىمىزدىن ئادەم ئۆتۈشكە روخسەت قىلمىدى، خەنزۇلار بولسا ،ئا، دەپ ھەيران قىلىشتى، گەرچە ئۇ ئىككى دوستىمىز ناماز ئوقۇمىسىمۇ يەنىلا بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دىنىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ نامىزىمىزنىڭ ياخشى ئادا بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بىلىشىمچە ئۇ بالىلارنى چوڭ بازار ئامانلىق قوغداش ھەيئىتىدىن ئاشۇنداق قىل دەپ بۇيرىمىغان، شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار ئۇلۇغ نامىزىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقاردى ،نىمىلا بولمىسۇن ئۇمۇ بىر مۇسۇلماننىڭ پەرزەنتى ياكى ئەۋلادى، نىمىلا بولمىسۇن بىز مىللەتداش، پەرىز ناماز ئوقۇلغىچە شۇلارنىڭ شۇ ئىشىدىن شۇنداق سۆيۈنۈپ خۇشال بولۇپ شۇلارنىڭ ئاشۇ ئىشلىرىغا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن، شۇ ۋاقىتتا شۇ قىرىندىشىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەپ ئاللاھدىن ھىدايەت ئاتا قىلىشى ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىپ قويىمەن دەپ كۆڭلۈمگە پۈتكەن ئىدىم، ئەپسۇس پەرىزدىن كىيىن سوغۇق يەردە دەسسەپ تۇرۇپ پۇتۇم توڭۇپ پەرىز تۈگەپ بولىشىغىلا تىزلا دۇئا قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتىپتىمەن، ئاللاھ خالىسا شۇ قىرىندىشىمىز ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىمەن، نامازدىن قايتىپ چىقىپ شۇ دوستۇمنىڭ چىرايىغا سۆيۈنگەن شۇلاردىن خۇشال بولغان مەنادا نەچچە قاراپ ئۆتۈپ كەتتىم، ئۇبالىمۇ ماڭا قاراپ ئۆزىدىن سۆيۈنگىنىمنى بىلدى دەپ قارىدىم. بۇ بىر كىچىككىنە ئىش، بۇنىڭدىن باشقا دىنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان كۆپ قىرىنداشلىرىمىز بار شۇلارغىمۇ دۇئا قىلىمىز، شۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئاسانلىق ساق سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەركەت تىلەيمىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئامىن!



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:3311.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 8 پارچە ئىنكاس بار!
  1. تىلەك  ( 2012.01.28 11:06 ) : -14-قەۋەت

    ئىسىل ئىش بوپتۇ.
    Athan دەپ بىر يۇمشاق دىتال بار، قاچىلاپ قويساڭلار ناماز ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالمايسىلەر(ماس چىراي ئىپادىسى).

    ;-) :|

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.01.28 11:26 ) :

      شۇنداق قىلمىسام بولمىدى، ئىش بىلەن بولۇپ ناماز ۋاقتىنى ئۇنتۇپلا قىلىۋاتىمەن

      جاۋاب
  2. تىلەك  ( 2012.01.28 11:31 ) : -13-قەۋەت

    ئوبدان ئويلاپسىز، ماۋۇ بەتتە بار http://www.islamicfinder.org/athanDownload.php
    كىرىپ Athan Basic Free دىگەننى چۈشۈرۋېلىپ، تۇرۇۋاتقان شەھەرنى بەلگىلەپ قويسىڭىز بولىدۇ.

    جاۋاب
  3. radiofan  ( 2012.01.28 12:44 ) : -12-قەۋەت

    مەنمۇ سۆيۇندۇم ،

    جاۋاب
  4. ياپراق  ( 2012.01.28 13:45 ) : -11-قەۋەت

    ياخشى تىما ئىكەن،رەھمەت،تىمىڭىزغا

    جاۋاب
  5. تۇران تېكىن  ( 2012.01.29 10:46 ) : -10-قەۋەت

    بۇ ئالەم ئىللىقلىققا تولغان ئالەم. ئىللىقلىق مۈتلەق، ئۇ پەقەت بىزنىڭ قانداق قارىشىمىز ۋە مۇئامىلە قىلىشىمىزغا باغلىق. ئىماننىڭ نۇرلىرى سىزنى يۇرۇقلۇققا باشلاپ ماڭغىلى تۇرۇپتۇ.

    جاۋاب
  6. بۇھايات  ( 2012.02.1 10:52 ) : -9-قەۋەت

    ئىنتايىن توغرا دەيسىز. بەزى ئادەملەر قايسى خىزمەتنى قىلىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىزغا بولغان ھۆرمىتى بار.
    ئاللاھ ئۇلار ۋە بىزگە مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن!
    ئۇنىڭ ئەكىسچە بولغانلار ھايات ئاخىرلاشقاندىكىن ھەممىنى بىلىپ يىتىدۇ.
    بىراق، ئۇ چاغدا مىڭ ئەپسۇس!

    جاۋاب
  7. بوغلان  ( 2012.02.14 22:33 ) : -8-قەۋەت

    ئىنسان قەلبى ئۇلۇغ ئىشلاردىلا ئەمەس، سىز سۆيۈنگەنگە ئوخشاش باشقىلار دىققەت قىلمايدىغان، قائىدە-مىزان بەلگىلەنمىگەن ئىشلاردا ياخشىلىقلارنىڭ جارى بولۇپ تۇرۇشى بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.
    ياخشىلارغا ياخشىلىق تولا دىگەن گەپ بار. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولسۇن ئۇلارغا!

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif