ئورنىڭىز » باش بەت » ئالامەت-كارامەت » ئەلشات ئۇسلۇبى ھەقلىق تارقىتىلىدۇ

ئەلشات ئۇسلۇبى ھەقلىق تارقىتىلىدۇ

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئالامەت-كارامەت | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل12-ئاي22-كۈنى |2,711 قىتىم

مانا شۇنداق قىلىپ ئەلشات بلوگى ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ 2.1 نەشىرىنىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ يىڭى نەشىرىگە ئوڭۇشلۇق كۆچىۋالدۇق، ئەمدىكى ئاساسلىق مەخسەتكە مىنىڭ بۇ ئۇسلۇبنى قانداق تاللاپ تەرجىمە قىلىش جەريانلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتسەم:

بلوگبۇستىن يىڭى كۆچكەن ۋاقىتلاردا بلوگقا يىڭى بولغاچقا پىرىستاننىڭ تارقاتقان ھەقسىز ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىپ يۈردۈم، ئەينى ۋاقىتتا بلوگبۇس تىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىپ ئانچە مۇنچە ئۆزگەرتىپ يۈرەتتىم، كىيىن ۋوردپىرەس تىمۇ بىر تەرجىمە قىلىپ باقاي دەپ بىرقانچە ئۇسلۇبنى قىلىپ باقتىم يامان ئەمەس بولدى، لىكىن يىڭى بولغاچقا خاتالىقلارمۇ ۋە چالا تەرجىمىلەرمۇ ئاز بولمىدى. ئاخىرى توردىن دەرىس ئىزدەپ ئۇستازلاردىن سوراپ مۇھىمى ئۆزۈم تىرىشىپ بىردەم بۇزۇپ بىردەم تۈزۈپ يۈرۈپ خىلى ئۈگىنىپ قالدىم، كىيىن قارىسام بەزەن دوستلىرىمىز ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنى بىلىپ تۇرۇپ ھەقسىز ئۇسلۇب ئىشلىتەمسىز دەپ مازاق قىلغانمۇ بولدى، لىكىن مەن بلوگقا يىڭى كىرگەندىن بىرى ئىزچىل ئۇسلۇب ئىزدەپ يۈرگەن، لىكىن تازا ياخشىسىنى تاپالمىغان ئىدىم، ئاخىرى 2 ئاي بولغان ۋاقىتتا بىر خەنزۇچە بلوگدىن ھازىرقى ئۇسلۇبنىڭ 1.0 نۇسخىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئۇسلۇب 3 خىل رەڭلىك ئىدى. ئۇسلۇبنى ياسىغۇچى ئەينى ۋاقىتتا يىڭى بولغاچقا 3 رەڭ ئۈچۈن 3 css تۈزۈپ چىقىپتۇ، بۇ 3 cssدانە css 3 ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلغان بىلەن باراۋەر ئىدى، بۇنى كۆرۈپ بىشىم قاتقان بولسىمۇ ئامال يوق تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، لىكىن 3 css نى تەڭشەش ئۈچۈن بىردىن بىردىن سىناق قىلدىم، ئاسان بولسۇن دەپ بىرسىنى ئۆزگەرتىپ بولۇپ يەنە بىرسىنى ئۆزگەرتىمەن دەپ css3  نى ئىچىپ ئولتۇرۇپ قىلىپ كىيىن ئارلىشىپ كىتىپ تۈزگەننى بۇزۇپ ئولتۇرۇپ 3 css نى 1 كۈندە تەڭشەپتىمەن، نەچچە تاشلىۋەتكۈدەك بولدۇم، ئاخىرى جاپاغا چىداپ بىركۈندە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، ئەتىسى كۆچۈش تەييارلىقىنى قىلاي دەپ ئۇسلۇبنى قاچىلىسام ئەسلىدىكى ئۇسلۇبدا قانداقلا رەسىم ئەكىرسەك ئۆلچەملىك كىسىپ بىرەتتى، لىكىن بۇ ئۇسلۇب ئۇنداق قىلىپ بىرەلمىدى،( لىكىن ھازىرقى نەشىرىدە كىسىپ بىرىش ئىقتىدارى بار ) ئەينى ۋاقىتتا مەن يىڭى بلوگ قۇرغاندا كۈندە 2دىن 3 تىن تىما يوللاپ خىلى كۆپ تىما قىلىۋىتىپتىكەنمەن، بارلىق تىمىنىڭ رەسىمىنى photoshop دا ئۆلچەملىك كىسىشكە توغرا كەلدى، ئامال يوق، بىرقانچە بلوگگىر دوستىمىزنى ياردەمگە چاقىردىم، ئۇلارمۇ ئازراق ياردەملەشتى، شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنىكىچە سائەت 12 دە كۆچۈپ بولۇپتىمەن ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇسلۇبقا كۆچۈش ئۈچۈن 2 كۈن ۋاقتىم كىتىپتۇ، لىكىن تارتقان جاپارىمغا چۇشلۇق دوستلىرىمىزغا ئۇسلۇب يارىدى ۋە ماختىدى، ھاردۇقۇممۇ چىقتى، شۇنداق قىلىپ مانا 6 ئاي بوپتۇ ئىزچىل ئالماشتۇرماي كىلىۋاتىمەن، كىيىن بۇ ئۇسلۇبنىڭ 1.1 3 css بىرلەشتۈرۈلگىنى چىقتى، كىيىن 2.0 8 خىل رەڭلىك نەشىرى ھەقلىق تارقىتىلدى، ئاخىردا 2.1 نەشىرى يارىمىغان 4 خىل رەڭنى چىقىرۋىتىپ 4 خىل رەڭ بىلەن 2.1 نەشىرىدە توختىدى، مانا بۇ نەشىرىنىمۇ قايتا تەرجىمە قىلىپ كۆچۈۋالدىم، ھەر ھالدا ياخشى چىقتى،

لىكىن بلوگ يىزىش جەريانىدا كۆپ دوستلىرىمىز ئۇسلۇبۇمنى تەمىنلەشنى ئىيتتى، تەرجىمە قىلغاندا خىلى جاپا تارتقان بولغاچقا تەمىنلىگۈم كەلمىدى، ئاخىرى سورىغۇچىلار كۆپىيىۋەرگەچكە ھەقلىق دەپ تۇرۋالدىم، مەيلى دەپ مەيدىسىگە ئۇرغانلارغا تەمىنلىمەي ئامال بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى مەخپى سوراپ كەلگەنلەرگە مەخپى ساتتىم، ئەمما ئۇسلۇبىمنى ساتىمەن دەپ داۋراڭ سىلىپ باقمىدىم، مانا كۆڭلىمىزنى ئانچە مۇنچە قىلىدىغان google دىنمۇ ئايرىلدۇق، شۇڭا ئەمدى ئۇسلۇبۇمنى ئاشكارە ھەقلىق تارقىتىش ئويىغا كەلدىم،

ئۇسلۇب ئىقتىدارلىرىنى ئەلشات بلوگىدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ، ئارقا بەت تەڭشىكىنى بۇ رەسىمدىن كۆرۈڭ

ئۇسلۇب ئىقتىدار ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەي:

باش بەت يازما رەسىمىنى كۆرسىتىش كۆرسەتمەسلىكنى ئارقا بەتتىن تەڭشىگىلى بولىدۇ، نادىر سۈرەت قوللايدۇ، چوڭ سۈرەتنى كىسىپ ئۆلچەملىك كۆرسىتىپ بوشلۇق تىجەيدۇ، نادىر سۈرەت بەلگىلىمىسىڭىز يازما ئىچىدىكى رەسىمنى تارتىپ چىقىپ باش بەتتە كۆرسىتەلەيدۇ، سىيرىلما تىزىملىك قوللايدۇ، ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى قىستۇرمىسىز ھەل قىلىنغان، 4 خىل رەڭلىك خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز. باش سۈرەتلىك ئىنكاس ئىقتىدارى قوشۇلغان، ئۇقتۇرۇش ئورنى قوشۇلغان، ئىنكاسچىلار تىمى ئورنىتىلغان. قوش سىتونلۇق ئۇلىنىش ئورنى چىقىرىلغان. مۇناسىۋەتلىق يازما ئورنى چىقىرىلغان. ئىنكاس چىراي ئىپادىسى قىستۇرمىسىز ھەل قىلىنغان.

رەسىمنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ

 

ئۇسلۇب باھاسى : 100 يۇەن

ئەلشات ئۇسلۇبىنى سىتىۋالغانلارغا ئۇسلۇبنىڭ 8 خىل رەڭلىكىمۇ سوۋغا قىلىنىدۇ، بۇرۇن بۇ ئۇسلۇبۇمنى سىتىۋالغانلار مىنى بىۋاستە ئىزدىسەڭلار يىڭى 2.1 نەشىرى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كىيىن يىڭى نەشىرلىرى چىقسا بۇ ئۇسلۇبنى سىتىۋالغانلارغا ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:2914.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 16 پارچە ئىنكاس بار!
  1. كۆزنەك بىلوگى  ( 2011.12.22 19:03 ) : -14-قەۋەت

    راسلا بۇگۇن سىز ئۈچۈن ناھايتى ئازابلىق كۈن بولۇپتۇ.بىلوگىڭىزمۇ ماتەم تۇتقاندەك تۇرامدۇنىمە!؟بۇ 500 دوللار تۇرسا ھە!
    :???: :o :o

    جاۋاب
  2. مۇزات  ( 2011.12.22 23:23 ) : -13-قەۋەت

    ۋوي نېمانچە قىممەت دەيمەن. لېكىن پۇلىسغا چۇشلۇق ئۇسلۇبتە بۇ! مەن بەك ياقتۇرۇپ قالغان بۇئۇسلۇبنى،كېيىن يانچۇققا پۇل كىرگەندە چۇقۇم ئالىمەن،ئەمسە ماڭا بىرنى كۆڭلىڭىزدە پۇكۇپ قۇيارسىز!

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.12.23 11:00 ) :

      ھازىرقى ئۇسلۇبىڭىز مەن پەخىرلىنىدىغان ئۇسلۇب جۇمۇ، ئۇسلۇب يىغىپ ئاسارە- ئەتىقە دۇكىنى ئاچامتىڭىز، ھا ھا ھا!

      جاۋاب
  3. مۇزات  ( 2011.12.23 22:16 ) : -12-قەۋەت

    ھازىرىقى ئۇسلۇپقۇ بەك ياخشى، لېكىن بەزى تور بەتلەرنى كۆرسەم بىزدەك ئۇ-بۇ توردىن ئېسل نەرسلەرنى تاللاپ ئېلان قىلساق،بىزدەكلەرنى يامان تىللايدىكەن ‹‹خاسلىقى يوق،ئۆزگىچىلىكى يوق›› دەپ.بىزمۇ ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان،ياشلار ياقتۇردىغان تېمىلارنى يوللايمىز. بىز ئۇنداق تېملارنىمۇ خېلى ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تاپدىغان تۇرساق…شۇڭا مەنمۇ ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇپ بۇرۇنقى يول ۋە ئۆزەمنىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقى بۇيىچە ماڭاي دەۋاتىمەن.

    جاۋاب
  4. بىزەكچى  ( 2011.12.24 00:40 ) : -11-قەۋەت

    ئۇنداقتا مىنىڭكىنىمۇ نەشرىنى كۆتۈرۈپ بىرىدىكەنسىز ھە؟

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.12.24 19:15 ) :

      چاتاق يوق. ئىزدەڭ ئەڭ يىڭى نەشىرىنى تەمىنلەپ بىرەي

      جاۋاب
  5. پرېستان  ( 2011.12.24 11:46 ) : -10-قەۋەت

    google adsense توختاپ كەتتىما؟ :o

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.12.24 18:52 ) :

      ھەئە، ئالامەت ئىچىنىشلىق

      جاۋاب
  6. لوپنۇرى  ( 2011.12.24 22:50 ) : -9-قەۋەت

    بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارلىرى بەك ياخشى ئىكەن.باھاسىمۇ مۇۋاپىقكەن.خۇدايىم بۇيرۇسا،بلوگۇمغا بىر يىل توشقاندا سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبىڭىزدىن بىرنى سېتۋالىمەن. ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.

    جاۋاب
  7. ئارمان  ( 2011.12.25 09:06 ) : -8-قەۋەت

    ماۋۇ ئۇسلۇپ ماڭا باشتىلا يارىغان ئاۋالمىغانغا ئەمدى پۇشايمەن …
    بلوگىمنىڭ زىيارەت مىقدارى سەل ئاشقاندىلا ئالماشتۇرۋالمەن ….

    جاۋاب
  8. تەجەللى1  ( 2011.12.25 23:55 ) : -7-قەۋەت

    سالام دوستۇم!سىز تىخىچە مىنى قۇشۇپ قويماسىزغۇ› ;-) يەنە بىر گەپ بىلوگىم بەك تەستە ئىچىلىدىنغان بوپو قاپتۇ يىڭى ئۇلۇبقا كۆچكەندىن بىرى….مەن تەكشۇردۇم كومپىيۇتىردىكى مەسىلە ئەمەسكەن،باشقا بىلوگلارمۇ شۇنداق تىزكەن،مەسىلەن سىزنىڭكى….بۇ ئۇسلۇپ كۆچۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك،خاپا بولماي بىر قاراپ بىقىڭە ئاغىنە

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.12.28 10:57 ) :

      دوستۇم بىلىپ قىلىڭ، ئۇسلۇب بىلەن بلوگنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، مىسال ئالاي: سىز ماشىنىڭىزنى ھەرخىل رەڭلەردە بىزەتسىڭىز ماشىنىڭىز ئىغىرلاپ قالامدۇ؟ ئۇچىڭىزغا بىرقانچە قۇر كىيىمنى ئارتۇق كىيىۋالسىڭىز قانچىلىك ئىغىر بولۇپ كىتىسىز؟ بۇ شۇنىڭدەك ئىش، ئۇسلۇب دىگەن پەقەت بلوگنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى بىزەيدىغان نەرسە ، ئۇنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكى يوق.

      جاۋاب
  9. ھەدىسلەر  ( 2011.12.26 00:17 ) : -6-قەۋەت

    كونا خىرىدارلارغا ئەرزانراق بۇلامدۇ يا مۇقۇق باھامۇ ؟

    جاۋاب
  10. تەجەللى1  ( 2011.12.28 18:25 ) : -5-قەۋەت

    بىلدىم دوستۇم….

    جاۋاب
  11. ئوسمانجان  ( 2012.08.26 13:18 ) : -4-قەۋەت

    مەن ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا لايىھىلەنگەن بىر ئەدەبىيات بىلوگىغا ئېھتىياجلىق ئىدىم.

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.08.27 21:47 ) :

      بولىدۇ، بۇ ئاساسلىىق ئۇسلۇب بىلەن ھەل بولىدىغان ئىش. مىنى ئىزدەڭ QQ:464243056

      جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif