ئورنىڭىز » باش بەت » پەچەت بىلىملەر » ئىسىملىرىمىزنىڭ خەنزۇچە يىزىلىشىدىكى چىكىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

ئىسىملىرىمىزنىڭ خەنزۇچە يىزىلىشىدىكى چىكىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: پەچەت بىلىملەر | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل07-ئاي28-كۈنى |3,195 قىتىم

مۇشۇ تور ساھەسىدە يۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ ئىسىم بىلەن فامىلە ئارلىقىدا بىر دانە چىكىت بار، بۇ چىكىت بىزنىڭ كۆپ ئىشلىرىمىزغا توسالغۇ بولىۋاتىدۇ، توردىلا ئەمەس بەلكى جەمىيەتتىمۇ ھەرقانداق ئىشلىرىمىزغا ھەقىقەتەن توسالغۇ بولىۋاتىدۇ، شەخسەن ئۆزۈممۇ بۇ مەسىلىگە تولا يولۇققان ئىدىم، تۈنۈگۈن بىرسى توردىن بانكا كارتامغا پۇل سىلىپ بىرىدىغان ئىش چىقىپ پۇل سىلىپ بەرمەكچى بولۇپ ئىسمىمنى يازغاندا يەنە ئاشۇ چىكىت مەسىلىسىدىن بۇ پۇلنى سىلىشقا ئامال بولمىدى، ئاچچىقىم كىلىپ بىر ئىتىشاي دەپ بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلىۋەتتىم، بەلكىم بۇ 100% ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئەمەستۇ، لىكىن مەن مۇشۇ ئۇسۇلىم بويىچە ئاشۇ بانكىدا پۇل سالالمىغان ئەھۋالنى ئوڭشاپ مۇۋەپپىقىيەتلىك سالالىدۇق، مانا مۇشۇ ئۇسۇلنى دوستلىرىمىزغىمۇ دەپ بەرسەم مۇشۇ مەسىلىگە يولۇقۇۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئازراقمۇ بولسا پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن ئۈمىدتە بۇ يازمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،

قىنى ئۇنداقتا نەخ گەپكە كىلەيلى:

مىنىڭ قارىشىمچە بىزنىڭ كىملىكلىرىمىزنىڭ ھەممىسىينىڭ ئاساسەن دىگۈدەك چىكىت ئاستىغا قويۇلماي ئوتتۇرغا قويۇلغان، لىكىن بىز ئادەتتە كۇنۇپكا تاختىسىدا چىكىتنى ئوتتۇرغا ئەكىلەلمەيمىز، ئەكىسچە بىز قويغان چىكىت ئاستىدىراق بولىدۇ، ئاندىن بىز ئاستىغا قويۇلغان چىكىتلىك ئىسىمنى سىستىمىلارغا ۋە تورلاردا ئىشلەتسەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ، شۇڭا بىز ئاشۇ چىكىتنى ئەسلى كىملىكتىكى بويىچە ئوتتۇرغا قويغىنىمىزدا بۇ ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتەلەيمىز،

خوش ئۇنداقتا مۇشۇ ئوتتۇرغا كىلىدىغان چىكىتنى بىز قانداق قىلىپ چىقىرىمىز، مانا بۇ بۈگۈنكى سۆزلىمەكچى بولغان مەسىلە،

بۇنى چىقىرىش ئۈچۈن بىز بىردانە خەنزۇچە خەت بىسىش قۇرالىغا ئىھـىياجلىق بولىمىز، يەنى ئادەتتىكى 搜狗 (sogou) ياكى QQ نىڭ خەنزۇچە خەت بىسىش قۇرالىندىن پايدىلىنىمىز، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ قۇراللار قاچىلاقلىق بولىدۇ،

ئەمدى بىز ctrl+shift كۇنۇپكىسىنى باسىمىز باسساق خەنزۇچە خەت بىسىش ھالىتىگە كىلىدۇ، ئاندىن كىيىن بىز ctrl+shift+k بۇ 3 كۇنۇپكىنى بىراقلا باسىمىز، ياكى ئاشۇ خەت بىسىش قۇرالىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان كىچىك خەت تاللاش تەڭشەش رايۇنىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ رەسىمدىكى يەرنى تاللايمىز.

、ئاندىن مۇنداق بىر كۇنۇپكا تاختىسى پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ھەرىپ ۋە بەلگىلەر.

مۇشۇ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى 9 نۇمۇرلۇك كۇنۇپكىنى مائۇس ياكى كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق باسسىڭىز بولىدۇ، باسسىڭىز دەل ئاشۇ بىزنى ساراسىمىگە سالغان ئوتتۇرغا كىلىدىغان چىكىت چىقىدۇ، ئەمدى سىز خەنزۇچە ئىسمىڭىزنى توردا خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى مەن مۇشۇنداق قىلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازاندىم، شۇڭا دوستلىرىمىزغا بۇنى يوللىدىم. قىنى سىناپ بىقىڭلار چوقۇم غەلبە قازىنىپ تەس ئىشلىرىڭلار ئاسان بولۇپ كىتىدۇ،

بۇنىڭ يەنە بىرخىل ئاسان ئۇسۇلىمۇ باركەن، سىزخەنزۇچە يىزىقنى تاللاپ تۇرۇپ tabكۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىدىكى يەنى 1نىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكىنى باسسڭىز دەل ئوتتۇردىكى چىكىت چىقىدىكەن.

يازمىنى كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ، بۇ كۆچۈرۈلمە يازما ئەمەس، ئەلشات ئۆزى يازغان يازما.

ئەگەر بۇ يازمىمىزدىن سىزگە ئازراق ئوڭۇشلۇق ۋە ياردىمىم تەگكەن بولسا مەن شۇنىڭدىن خۇشال، ئاخىردا دوستلارنىڭ كەمىنىنى قوللاپ ئىلانلارنى بىر قىتىم چىكىپ قويۇشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن ھى ھى ھى! قىلىنلىق بىلەن دەۋەردىمغۇ، دوستلارنى ئۆز كۆرۈپ.

 



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:1719.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 11 پارچە ئىنكاس بار!
  1. نامسىز  ( 2011.07.28 12:49 ) : -14-قەۋەت

    ئارتۇقچە جەريان.
    tabكۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىدىكى يەنى 1نىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكىنى باسسڭىز دەل ئوتتۇردىكى چىكىت چىقاتتى

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.07.28 15:04 ) :

      بۇنى بىلمەيدىكەنمەن، رەھمەت! مۇشۇ يازما ئارقىلىق بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق مانا! مەن بۇ ئۇسۇلنىمۇ يازمىغا كىرگۈزۈپ قوياي

      جاۋاب
    • تۇران تېكىن  ( 2011.07.30 13:35 ) :

      مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللۇنىمەن. بۇ ئەڭ ئاددى ۋە ئەڭ قولايلىق ئۇسۇلدۇر.

      جاۋاب
  2. پرېستان  ( 2011.07.29 01:42 ) : -13-قەۋەت

    ئېلان چېكىۋەتتىمغۇ مانا…… :razz:

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.07.29 02:24 ) :

      يا…………. ماۋۇ ئەلشات يەر شارىغا پەيدا بولۇپ پىرىستاننىڭ تۇنجى قىتىم ئاياغ بىسىشى بۇ، يەنە كىلىپ تۇنجى كىلىشىدە قۇرۇق قول كەلمەپتۇ، :eek: مۇبارەك قەدەملىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي، :cool:

      جاۋاب
  3. بىلوگخۇمار  ( 2011.07.29 15:03 ) : -12-قەۋەت

    ئىنىم ئاۋال قىلىدىغان ئىش ئېلان چىكىش ،ئاندىن كۆز قارشىمنى دەي : ئەمەلىيەت 搜狗 كىرگۈزگۈچنىڭ خەنزۇچە يىزىقنى تاللاپ تۇرۇپ tabكۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىدىكى يەنى 1نىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكىنى باسسڭىز دەل ئوتتۇردىكى چىكىت چىقىدۇ.

    جاۋاب
  4. سەھرالىق  ( 2011.07.30 01:50 ) : -11-قەۋەت

    كونتىرول بىلەن بوشلۇقنى بىر بېسىپ ئىنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالمىشىپ، چېكىتنى قويۇۋىلىپ يەنە بىر قېتىم باسسىڭىز خەنچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالمىشىدۇ :cool:

    جاۋاب
  5. خىيالىي  ( 2011.08.2 14:08 ) : -10-قەۋەت

    خەنزۇچە كىرگۈزۈش ھالىتىدە شىفىت كۇنۇپكىسى بىلەن 2 كۇنۇپكىسىنى باسساقلا چىقىدۇ.

    جاۋاب
  6. دەۋرىم  ( 2012.01.1 04:39 ) : -9-قەۋەت

    مېنىڭ ئۇسۇلۇم ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن .ئوتتۇرا چىكىت لازىم بولسا مەن ALT+0183 نى باسىمەن. ·

    جاۋاب
  7. تەسنىم  ( 2012.02.10 00:06 ) : -8-قەۋەت

    ۋاھ دەل ئۆزى ! دەل ئۆزى ! مەن مۇشۇ چىكىت مەسىىلىسىنى بىلەلمەي ………..كۆپ تەشەككۈر !!!

    جاۋاب
  8. ئارال52  ( 2013.02.3 17:17 ) : -7-قەۋەت

    سەل مۇرەككەپ بولۇپ قاپتۇ….مۇنداق قىلساق تېخمۇ ئاسان..خەتنى سوگو غا توغرىلاپ (دىيەن)دىگەننى پىنينچە يازساق تاللىغىلى بولدىغان سۆزدىن 5ى چىقىدۇ.ئاشۇ 5
    جىسى دەل ئوتتۇرىغا كىلدىغان چىكىتنىڭ ئۆزى…ئادەتتىكى سۆز تالىغاندەك 5 رەقىمىنى بېسىپ قويساقلا كۇپايە…

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif