Akismet گە ئاچقۇچ ئىلتىماس قىلىش
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: بلوگ بىلىملىرى | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل01-ئاي13-كۈنى |1,761 قىتىم
Akismet دىسە بەلكىم كۆپىنچە بلوگگىرلارغا ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەرگىزمۇ بىكار نەرسە ئەمەس، بۇ بلوگىمىزدا ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بلوگىمىزغا كەلگەن ئەخلەت ماشىنا ئىنكاسلارنى توسۇپ بىزگە كۆپ قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ. بلوگىمىزدىكى ئىسىم ئىلخەتلەرنىڭ چوقۇم يىزىلسۇن دەپ شەرت قىلىنىشنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ ئەخلەت ئىنكاسلارنى توسۇش ئىدى، ئەخلەت ئىنكاسلار بۇنىمۇ بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى ، شۇڭا بىز بۇ قىستۇرما ئارقىلىق ئۇلارغا تاقابىل تۇرىمىز.
بۇ قىستۇرما بىز بلوگنى قاچىلىغاندىلا بىرگە چىقىدۇ، لىكىن ئاچقۇچى يوق، ئاچقۇچنى ئۆزىمىز ئىلتىماس قىلىمىز، شۇڭا ئاچقۇچ ئىلتىماس قىلمىغاندا قىستۇرما رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىستۇرما تۇرسىمۇ ئەخلەت ئىنكاسلار يىغىپ كىتىدۇ، تىخى بەزەن يىڭى دوستلىرىمىز بۇنى بىلمەي ئەخمىقانىلەرچە مىنىڭ بلوگىمغا چەتئەللىك ئىنكاس يىزىپتۇ دەپ ئۆزىنى خۇش ئىتىپ يۈرىدۇ.
قىنى ئەمىسە نەخ گەپكە كىلىپ ئاچقۇچنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز قانداق ئىشلىتىمىز شۇ توغىرسىدا توختىلىپ ئۆتەي:
ئادەتتە بىز Akismet گە ئاچقۇچ ئىلتىماس قىلمىغاندا ئۈستىدە داۋاملىق بىزگە ئەسكەرتىش بىرىپ تۇردۇ، مەسىلەن مۇنداق:
ئاشۇنى بىسىپ ئاچقۇچ ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش كۆزنىكىگە كىرىمىز. مۇنداق كۆزنەك ئىچىلىدۇ،
ئاشۇنى بىسىڭ بۇ يەردىن كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ http://akismet.com/wordpress
ئاندىن بۇنى بىسىڭ
بۇ قىستۇرما ھەقلىق ۋە ھەقسىز بولۇپ بىز بۇ يەردە ھەقسىزنى ئىلتىماس قىلىمىز، ( چۈشۈنۈشۈمچە ھەقلىق ئاچقۇچ ئەخلەت ئىنكاسنى بەكراق توسالىشى مۇمكىن، لىكىن ھەقسىزمۇ خىلى ياخشى توسىدىكە
ياندىكى كۆزنەككە ئىسىم ۋە ئىلخەتنى تولدۇرۇڭ ، ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ئىلخەتكە ئەۋەتىدۇ، شۇڭا چوقۇم توغرا يىزىڭ، ئەمدى قىزىل ئىستىرىلكا ئىچىگە قاراڭ، 36$ دوللار دىگەننى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتكەنسىز. 36 دوللار تۆلەمدىم دەپ ھەيران قالغانسىز؟ خاتىرجەم بولۇڭ ،30 يۇەنگە ئۇسلۇب سىتىۋىلىشقا چىدىمىغان بەزەن كىشىلەر 36 دوللارغا قىستۇرمىغا ئاچقۇچ ئىلىش مۇمكىنمۇ؟ شۇڭا بىز ئاۋۇ كۆرسىتىلگەن سىيرىغۇچنى سولغا سۈرىمىز ، تاكى 0$ دوللار دەپ يىنىدىكى ئىپادە قاپىقىنى تۈرگىچە.
ئەڭ ئاستىدىكىنى باسساق ئىلخەتكە ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ئەۋەتىدۇ. رەسىمدىكى كود دەل ئاچقۇچ نۇمۇرى شۇ كۆچۈرۋىلىڭ
ئەمدى بۇ نۇمۇرنى بۇ يەرگە چاپلاپ ئاستىدىكىنى بىسىۋەتسەك ئىش تامام!
ئەمدى ھىلىقى ئەخلەت ئىنكاسلار كىرىپ بلوگىڭىزنى ئەخلەت تۇڭى قىلىپ قويمايدۇ.
يازما خەتكۈچى:Akismet, spam, ئەخلەت ئىنكاس
يازما ئادرىسى:3028.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ماۋۇ تىمىنى مەن ئۈچۈنلا يىزىپلا جۇما
مۇشۇ ئۇسلۇبلارنى گوگېلغا نىمە دەپ ياززاق ئىزدىگىلى بولىدۇ ئۇسۇبلار قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ تورخۇمار ،ۋەتەننىڭ (بۇرۇنقى )ئۇسلۇبلىرى قايسى شەكىلدىكى ئۇسلۇبلاغا كىرىدۇ شۇلانى قانداق ئىزدەيمىز مەن ئىنگىلىزچە بىلمەيدىكەنمە بولسا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز
خەنزۇچە wordperss 主题 ئىنگىلىزچە wordperss thems دەپ يازسىڭىز بولىدۇ
يازمىنى مۇنداق تەپسىلىي يېزىپ بەرسىڭىز ماڭا ئوخشاش ھەرقانداق دۆت ئادەملارمۇ چۈشۈنۈۋالغۇدەك. ئۆتكەندى يەرلىكتە بلوگ سۇپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى دەرسىڭىزنىمۇ مۇشۇنداق يوللاپتىكەنسىز، خېلى ئوبدانلا پايدىلىنىۋالدىم.
ئۆتكەندە قايسى بىر خەنزۇچە تور بىكەتتە ھەقلىق يازما دېگەن سەھىپىنى كۆرگەن ئىدىم. بۇنىمۇ ئويلۇشۇپ كۆرەرسىز.
بۇمۇ پايدىلنىش قىممىتى خېلى يۇقۇرى قىستۇرمىكەن، ئىزدىنىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن!
ئەلشاتجان مۇشۇ بېكەتنىڭ قانچىلىق بوشلۇق قالغانلىقىنى قانداق بىلىمىز.بىر چۈشەنچە بېرىۋەتسىڭىز
ۋاھ ! مەن سىز دىگەندەك «بۇ نىمىدۇ ؟» دەپ كارىم بولماپتىكەن ، مانا بۈگۈن نىمىلىكىنى بىلىۋالدىم ، ئاچقۇچىنىمۇ ئېلىۋالدىم ! رەخمەت ! ھارمىغايسىز …
ياخشى بىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر!
ھىم… مەنمۇ بىلىۋالدىم…رەھمەت جۇما.
ھىم… مەنمۇ بىلىۋالدىم…رەھمەت جۇما