ئورنىڭىز » باش بەت » دەرىسلىك » eot ياساش ۋە ئۇسلۇبقا تونۇتۇش دەرىسلىكى

eot ياساش ۋە ئۇسلۇبقا تونۇتۇش دەرىسلىكى

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: دەرىسلىك | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل09-ئاي28-كۈنى |5,875 قىتىم

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەلشات بلوگىنىڭ ئىسىل قوللىغۇچىلىرى:

نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىزچىل ھەل بولماي توپلاردا سورىلىپ كىلىۋاتقان ۋە كۆپ دوستلارنىڭ بىشىنى ئاغرىتىۋاتقان مۇشۇ eot مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋىتىش ئويۇم بار ئىدى، لىكىن شۇ دەرىسلىك ئىشلەشكە خوش ياقماي ھەم ۋاقىت چىقماي دىگەندەك يوللاپ بولالمىغان ئىدىم،ھەم بۇ دەرىسلىك ئىشلەشكە خىلى ۋاقىت كىتىدىكەن، بولۇپمۇ تورغا يوللاشقا خىلى ۋاقىت كىتىدىغان بولغاچقا ئىشلەپ بولالمىغان ئىدىم، مانا ئاخىرى بۈگۈن ۋاختىمنى چىقىرىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋىتىش ئىستىكىدە بۇ دەرىسلىكنى ئىشلىدىم، بۇ ئارقىلىق ھەل قىلالمايۋاتقان بىشىڭلارنى ئاغرىتىپ كىلىۋاتقان بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. قىنى دەرىسلىككە مەرھەمەت!

دەرىسلىكنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:  eot ياساش ۋە ئۇسلۇبقا تونۇتۇش ، ۋە ftp بوشلۇققا نەرسە يوللاش چۈشۈرۈش ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىنىڭ ئورۇنلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

بۇ دەرىسنى تورغا يوللاپ بولغىچە ئەجەپ بەك كۆپ نەس باستى، 56 تورىغا يوللىغان ئىدىم 87% بولغاندا بىرنىمىسى بىرنىمە دەپ يوللانمىدى ، قايتىدىن 56 تورىنىڭ فىلىم يوللاش دىتالىنى چۈشۈرۈپ بىر مۇنچە ۋاقىتتا ئاران يوللىسام تەستىقلىنىۋاتىدۇ دىگەن يىرىم سائەتتىن كىيىن قارىسام ساراڭ ئاداشلار فىلىمدا دۆلەت قانۇنىغا زىت مەزمۇن باركەن دەپ ئۆچۈرۋىتىپتۇ، ساراڭ ئەبلەخلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەرىسلىكنىڭ سىغىمىمۇ تازا چوڭ بوپ كىتىپتۇ. 147MB. ئاخىرى ياڭيۇ (tudou.com) تورىغا يوللاي دەپ ئۇ يەرگە 20 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا 37% بوپتىكەن تور ئۈزۈلۈپ قالدى. كىيىن يەنە 2 قىتىم يوللىدىم ئۇلارمۇ سىغىمى چوڭ بولغاچقىمىكىن يوق بانا سەۋەبلەر بىلەن ئۆچۈرۋەتتى ئاخىرى بولماي فىلىمنى mp4 غا ئايلاندۇرۇپ يوللاشقا توغرا كەلدى.mp4 غا ئايلاندۇرسا سۈرەت تۇتۇقلىشىپ كىتىدىكەن، ئاخىرى شۇنداق قىلىپ youku تورىغا يوللىدىم.  ئەگەر دەرىسلىك تۇتۇق ئىكەن ياخشى كۆرەلمىدۇق دىگۈچىلەر كۆپ بولسا ئىنكاس يىزىڭلار، بىر بولسا سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەي. بۇ قىتىم بۇ دەرىسلىكنى يوللىغان جاپارىمغا ئىلان چىكىپ قويمىساڭلار بەك ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. ھۈ ھۈ ھۈ!

( ئالدىنقى كۈنى سىرتىغا چاپان كەيمەي چىقىپ شامالدا زۇكامداپ قاپتىمەن، شۇڭا ئاۋازىم سەل غەيرىراق چىقىپ قاپتۇ )

دەرىسلىكتە تىلغا ئىلىنغان eot ئۆزگەرتىش دىتالى  چۈشۈرۈش

ukij tuz tom نىڭ ئەرەبچە خەت تونۇيدىغان 2011 نىڭ eot ھۆججىتى ۋە خەت نۇسخىسى alpida نىڭ eot ھۆججىتى ۋە خەت نۇسخىسى  چۈشۈرۈش

دەرىسلىكنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى تەمىنلەي دىسەم ئۇنىمۇ تورغا يوللىشىمغا ئاز دىگەندە2 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكۈدەك شۇڭا يوللىمىدىم توردىن كۆرۈپ تۇرغايسىلەر



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../2287.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 22 پارچە ئىنكاس بار!
  1. ئۇزۇق  ( 2011.09.28 11:44 ) : -14-قەۋەت

    ھا ھا ھا ھا……. «ئەلشاتجاننىڭ نەس باسقان بىر كۇنى» دىگەن تىمىدىن بىرنى يازسام بىر دارامما بولغۇدەك …….. فىلىم يوللاش تور بەتلىرىنى تىللىغان يەرلىرىمۇ قىززىق چىقىپتۇ
    ئىھتىمال كۇن چىققۇچە ئۇخلىغان گەپ شۇڭا ئىشلار تەرتۇسىگە كەپ قالىدۇ(چاخچاق)…
    :smile:

    بۇ دەرسلىكنى بۇرۇنراق يوللىغان بولسىڭىز سىزنىڭمۇ ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ يۇرمەس ئىدىم ئەرەپچە تۇنۇتۇپ بىرىڭ دەپ…..
    ئاخىرىغۇ ئۇيغۇربەگنىڭ دەرىسلىكىدىن ئۈزۈملا قىلۋالدىم

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.09.28 11:48 ) :

      مانا كۆرمەمسىز بۇ نەس باسقان ئىشلارنى، بۇ دەرىسلىكنىڭ ئىسمىنى eot دەپ يازسام نىمە دەپ ئوقۇپ خاتا چۈشىنىۋالدى ئۇ دۆت ئاداشلار، ئاخىرى youku غا تىزىملىتىپ ئىسمىنى دەرىس دەپ يازسام تەستىقلاندىغۇ تاڭ.

      جاۋاب
  2. ئاقدۆڭ  ( 2011.09.28 13:03 ) : -13-قەۋەت

    توربەتچىلەرگە دائىم ئېسىل دەرسلەرنى يوللاپ تۇرغۇنىڭىزغا رەخمەت.مۇشۇنداق تېمىلارنى دائىم يوللاپ بىلىممىمىزنى يېڭىلىۋېلىشىمىزغا دائىم ياردەم قىلىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن. :smile:

    جاۋاب
  3. ھارماس  ( 2011.09.28 13:29 ) : -12-قەۋەت

    ھارماس بلوگى قۇتلۇقلاپ كەلدى :mrgreen:

    جاۋاب
  4. پاكدىل  ( 2011.09.28 16:09 ) : -11-قەۋەت

    ھى ھى مەن ماۋۇ ھەقسىز قۇرۇپ باققان بىلوگقىمۇ تۇنۇتتۇم مانا، رەھمەت سىزگە :smile:

    جاۋاب
  5. پاكدىل  ( 2011.09.28 16:10 ) : -10-قەۋەت

    ھوي ھەقسىز بلوگنىڭ ئادىرسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن http://pakdil.sinaapp.com/ :cool: :cool:

    جاۋاب
  6. شىرىن بۇلاق  ( 2011.09.28 19:23 ) : -9-قەۋەت

    http://www.guansoft.com/wordpress-plugins/page/3
    مۇشۇ توردا ئىشلەتكەن قىستۇرمىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ئىلگىرى مۇشۇ بلوگىڭىزدا باردەك قىلاتتى

    جاۋاب
  7. ئاقدۆڭ  ( 2011.09.29 16:57 ) : -8-قەۋەت

    مەن بىلوگۇمنى ئۆزەمنىڭكىدە ئاچسام خەتلىرى شۇنداق نورىمال،بىراق باشقىلارنىڭكىدە خەت تۇنىمايتى.ئەمدى بۇ دەرسىڭىز ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلالايدىغان بولدۇم.ۋاقىت تېجەش ئۈچۈن، ئىوت ياسىماي سىز تەمىنلىگەن تەييار ئىوت ئارقىلىقمۇ بىلوگۇمدىكى خەتلەرنى نورىمال قىلغىلى بولامدۇ؟
    ئىنكاس رايۇنىغا ئويغۇرچە يېزىق قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا نورىمال خەت يازغىلى بولامدۇ؟
    ھە راسىت ئاۋازىڭىز بەكلا يېقىملىق ئاڭلاندى.مەن ياقتۇرۇپ قالدىم.سىزگە كۆپ رەخمەت.

    جاۋاب
  8. يول99  ( 2011.09.30 10:02 ) : -7-قەۋەت

    ئەلشاد سىز بىلگىنڭىزنى ئەلدىن ئايىمايسىز ،
    مەن تاۋباۋىن دۇككان ئالغان بىزەلمەي بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈسـتىگە توردا ئۇيغۇرچە ئۇ توغۇرسىدىكى بىرمۇ دەرىس يوقكەن ، شۇڭا مۇشۇ تاۋباۋدا دۇككىننى بىزەش توغۇرسىدا ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭز سىزدىن بەك مىننەتتار بۇلاتتۇق . ئەۋەتتە بىلگىنڭىزنى سۆزلىسىڭزىلا بولدى .

    جاۋاب
  9. تۇران تېكىن  ( 2011.09.30 23:41 ) : -6-قەۋەت

    ماڭا سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرىسىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.10.1 11:22 ) :

      مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىۋەتتىم، ئەمدى لازىمى يوققۇ دەيمەن

      جاۋاب
  10. ئاقدۆڭ  ( 2011.10.7 11:53 ) : -5-قەۋەت

    ئەلشات ئەپەندىم.نەچچە كۈندىن بېرى بىلوگىڭىزغا ئادەمنى خوشال قىلىدىغان بىلىملەر كۆپلەپ يوللىنىپتۇ.بۇ دەرسىڭىز شۇنداق ئىخچام يوللىنىپتۇ.بىراق سىن ھۆججىتى بەكلا تۇتۇق.مۇمكۇىن بولسا سەل سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بەرسىڭىز.بەزى جايلىرىنى تازا قاملاشتۇرالماي قالدىم.شوڭا ئاۋاز بىلەن سىنىننى ئېنىق كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم سىناپ باقسام.رەخمەم سىزگە! :idea:

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.10.7 14:01 ) :

      ئەگگر يوللاش ئاسان بولسا مەن بۇرۇنلا تەمىنلىەن بولاتتىم، قارىسام ھىچكىم تەمىنلەشنى ئىيتمىدى سىزدىن باشقا شۇڭا تەمىنلىمەي تۇردۇم، ئۇنى تورغا يوللىشىمغا ئەڭ ئاز بولغاندا 2 سائەت كىتىدىكەن، چۈنكى سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ سىغىمى 147MB شۇڭا كۆزەينەك تاقاپ كۆرگەچ تۇرغايسىز :twisted:

      جاۋاب
  11. ئاقدوڭ  ( 2011.10.13 15:32 ) : -4-قەۋەت

    ئاپلا مەن كۆزئەينىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.10.13 21:00 ) :

      كۆز ئەينىكىڭىز تۇرمامدۇ ئەنە

      جاۋاب
  12. ھەۋەسكار  ( 2011.10.25 19:55 ) : -3-قەۋەت

    ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم، ئەلشات!
    سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇپقىغۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدىكەنمىز. ئەگەر ئۆزىمىز تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇپقا ئىئوت تونۇتماقچى بولساق قانداق قىلىمىز؟ بولسا خاپا بولماي مۇشۇنىمۇ بىر چۈشەندۈرۋەتكەن بولسىڭىز.رەھمەت! :roll:

    جاۋاب
  13. ھەۋەسكار  ( 2011.10.25 20:08 ) : -2-قەۋەت

    سۇئالىم چالا قاپتۇ. مەن تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇپ cmsئۇسلۇبى ئىدى. بىلوگىم قوللىنىۋاتقان ئۇسلۇب شۇ. بۇ ئۇسلۇبنىڭ style.css ھۆججىتىدە html يوقكەن. شۇڭا قەيەرگە قىستۇرۇشنى بىلمىدىم.خاپا بولماي دەپ بەرگەن بولسىڭىز.مەنۇ خېلى كۆپ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلغان. لېكىن ھەممىسگە ئىئوت تونۇتالماي، تارقاتمىدىم. ئەگەر مۇشۇنى ئۆگىنىۋالسام،تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبلىرىمنى ئۇسلۇبلار بىلوگىدىمۇ ھەقسىز تارقاتقان بۇلاتتىم. بولسا چ چ دا ئالاقىلاشساقمۇ مەيلى. مېنىڭ چ چ رىم:540153581
    رھەمەت! جاۋابىڭىزنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن ئەمىسە.

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.10.25 23:21 ) :

      سىزنى قوشۇۋالدىم QQ دا ئالاقىلىشايلى

      جاۋاب
  14. ئەلسىھەت  ( 2012.02.20 20:06 ) : -1-قەۋەت

    چاتاق چىقتى. مەن ھەممە مەشخۇلاتنى دەرىسلىك بۇيىچە قىلغان. ئىش پۈتكەندە ھەممە تور كۆرگىدە نورمال. لىكىن مۇشۇ ئوت تۈلكىدە خەتلەر چاپاق چىقىۋالدى. eot خاتا چېغى دەپ style.css ھۆجىتىنى بوشلۇققا يولاپ كۇرۇپ باقساممۇ يەنىلا ئوت تۈلكىدە نورمال ئەمەس. 1 كۈن ھەپىلىشىپ كومپىيوتۇرغا قايتا سېستىما قاچىلاپ ئوت تۈلكىنىڭ تەڭشەكلىرىنى يەنە تەڭشەپ باقتىم (دەرىسلىكى بۇيىچە) لىكىن يەنىلا ئۈنىمى بولمىدى. غۇ نىمە ئىشتۇ؟ بىر يول كۆرسەتكەيسىز.

    جاۋاب
  15. ھەمرا بىز  ( 2012.04.1 19:00 ) : 0-قەۋەت

    سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن ، مەن بەكلا قىينىلىۋاتىمەن مۇشۇ ئىشتا . رەھمەت

    جاۋاب
  16. پەنجىر  ( 2012.09.18 19:01 ) : -14-قەۋەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بۇ دېتالغا بەك ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانتىم، ئېلخېتىمگە يوللاپ بېرەمسىز؟ چۈشۈرۈش نى بېسىپ چۈشۈرەلمىدىم. يەنە ھېلىقى ئۇسلۇب ياسايدىغان دېتالنى. ئاللاھ ئىشىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! رەھمەت! iskandar0510@163.com

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.10.5 13:32 ) :

      چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يىڭىلاپ قويدۇم ئەمدى چۈشۈرۋىلىڭ

      جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif