ئورنىڭىز » باش بەت » ھەيران قالارلىق » خوتىچاڭنى يەنە يەمسىز؟

خوتىچاڭنى يەنە يەمسىز؟

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ھەيران قالارلىق | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل06-ئاي20-كۈنى |3,906 قىتىم

خوتىچاڭ دىگەن مۇشۇ نىجىس نەرسىنى توردا ھەتتا خەنزۇلارمۇ پاكىز ئەمەسلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كىلىۋاتىدۇ، بىزلەرمۇ تەشۋىق قىلىۋاتىمىز، مەن ھەتتا بايلىق بلوگىدىمۇ ماتىريال توپلاپ بىر يازمىمۇ يازغان، ئەمما يەنە بازارلاردا خوتىچاڭ  دىگەن مەينەت نىجىس نەرسىنى يەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆرسەم بىرىپ ئازغىغا بىر شاپىلاق سالغۇم كىلىدۇ، ئەمما ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ كىشىلەر تورغا چىقمامدۇ، ياكى ئاڭلىمامدۇ، ياكى بىلمەمدۇ؟ ياكى بىزدىكى تەشۋىقات يىتەرلىك ئەمەسمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ھازىرغىچە تۈزەلمەي يۈرۈۋاتقان دوستلار بەكلا كۆپ، شۇڭا بۈگۈن يەنە بۇ مەينەت نىجىس نەرسە توغىرسىدا خەنزۇلارنىڭ توپلىغان يوشۇرۇن سۈرەتكە ئىلىۋالغان يەنە بىر ماتىريالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، شۇڭلاشقا  بولسا دوستلار مۇشۇ تىمىنى مەنبە ئەسكەرتىپ مەنبە ئەسكەرتمىسەڭلارمۇ مەيلى كىچىك بلوگىڭلار بولسۇن مەيلى چوڭ بىر توربەت مۇنبىرىڭلار بولسۇن ئۆزۈڭلار ئەزا بولغانكى تىما يوللىيالايدىغان ھەر قانداق مۇنبەرگە بىر يوللاپ مۇشۇ مەينەت نەرسىنى مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈمىدلىرى چىراقلىرى بولغان ئوماق پەرزەنىتلىرىمىزدىن ۋە بىلمەي يەپ كىتىۋاتقان نادان ياشلىرىمىزدىن يىراق قىلايلى قىرىنداشلار،QQ توپلىرىدا تەشۋىق قىلايلى، بولسا بىلگەنلىرىمىز ئۇرۇق-تۇققان دوست - بۇرادەرلىرىمىز بار يەردە ئادەم كۆپ يىغىلغان سورۇنلاردا ئىيتىپ بىر قىرىندىشىمىزنىڭمۇ بولسا ئەقلىنى مۇشۇ مەينەت نەرسىدىن ساقلاپ قالايلى. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھارامدىن پاك ئەمەس يىمەكلىكلەردىن ساقلىسۇن. ئامىن!

ئىشقىلىپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە قىرىنداشلارخوتىچاڭ دىگەن نەرسىنى مەيلى خەنزۇ مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن بىرەسىنىڭ خوتىچاڭ نى پاكىز نەرسىدە ھەقىقى توخۇ گۆشىدە ياسايدۇ دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، بەيدۇ غا 火腿肠 蛆虫      火腿肠现蛆  مۇشۇ ئىككى سۆزنى ئايرىم ئايرىم يىزىپ ئىزدىتىپ رەسىملىرىنىكۆرۈپ بىقىڭلار، قانچىلىك مەينەتلىكىنى يەنىمۇ بىلىپ قالىسىلەر.



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:,
يازما ئادرىسى:../3925.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 15 پارچە ئىنكاس بار!
  1. تورسودا  ( 2012.06.20 18:44 ) : -14-قەۋەت

    ئەقلى بار ئادەم يىمىسە بولىدۇ بۇنى ، يىگەنلەرنى توسساق بەزىلەر خاپا بوپ كىتىدىكەن تىخى……

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.06.20 18:52 ) :

      @تورسودا نىمىشقا مىنىڭ ئەقلىمنىڭ بۇلغىنىشىغا روخسەت قىلمايسەن دەپما؟ بۇنى يىگەنلىك چوشقا گۆشىنى يۇيۇۋىتىپ يىگەنلىك بىلەن باراۋەر دىسە ئارتۇق كەتمەس

      جاۋاب
  2. مۇزات  ( 2012.06.20 22:07 ) : -13-قەۋەت

    ما ئۇسلۇب ھەجەپ پىچەت بۇلۇپ كېتىپتا! :arrow:

    جاۋاب
  3. سەھرالىق  ( 2012.06.21 18:09 ) : -12-قەۋەت

    تىمىنىڭ ماۋزۇسى توغرا ئۇ نەرسىنى يىمەسلىك كىرەك،
    ئەمما تىمىدىكى ئاۋۇ فىلىم خوتىچاڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇنداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈردىغان فىلىمنى خوتىچاڭ بىلەن باغلاپ تىما قىلىپ يوللىغانلىق باشقىلارنىڭ ئەقلىنى خوتىچاڭ يىگەندىنمۇ بەكرەك بولغىغانلىق بولىدۇ، :twisted:

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.06.22 11:12 ) :

      فىلىمنىڭ ئىچىگە يىزىپ قويۇلغان خەنزۇچە خەتنى ئوقۇيالمىغان ئوخشىمامسىز؟ ئوقۇپ يىزىپ تەرجىمە قىلىپ بىرەيما؟

      جاۋاب
  4. سەھرالىق  ( 2012.06.23 18:55 ) : -11-قەۋەت

    توردىكى ئۇنداق خەتلەرنىڭ ھەممىگە ئىشىنىپ كىلىدىغان بولساق بىز ئاللا بۇرۇن ئىمانىمىزدىن ئاجراپ دەۋزىخى بولوپ كىتىمىز، مەن خالىسام ھازىرلا مۇشۇ فىلىمنى چۈشۈرۈپ ئاشۇ خەتنىڭ ئورنىغا باشقىچە مەزمۇندىكى خەتلەرنى يىزىپ تورغا يوللاپ قويالايمەن ھەم سىزمۇ شۇنداق قىلالايسز، بۇ فىلىم چىققىلى 2يىلدىن ئاشتى شۇ ۋاقىتتىلا مەرىپەت ئىسلام مۇنبىرى ۋە باشقا خۇيزۇ، جەنزۇ،تۈرۈك، قاتارلىق ئىسلامچە مۇنبەرلەدە مۇنازىرە بولوپ ئاخىرى فىلىمنىڭ ھەقىقى كىلىش مەنبەسى ۋە ئۇ ھايۋانلارنى نىمىشقا تىرىك قويۇپ شۇنداق ئىزىپ پارچىلايدىغانلىقى ئىسپاتى بىلەن قوشوپ يوللونۇپ مەسىلە ئايدىڭلاشقان(بۇ يەردە دەي دىسەم خىلى ئۇزۇن مەزمۇن ئىدېى شۇنى ئىزدەۋاتىمەن تاپساملا يوللايمەن ) ئۇ ۋاقىتا فىلىمدىمۇ ئۇنداق خەتلەر يوق ئىدى، دىمەك كىيىن يىزىپ كىرىشتۈرۈلگەن، ئەمىليەتتىغۇ ئۇ نەسىنى بىز ئۇيغۇرلا ياسمايمىز شۇنداقتىمۇ ئىسلامدا ئىنىق بىلمىگەن ئىشقا گۇمانى قاراشقا قاراش گۇمان قىلىش چەكلەنگەن،

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.06.23 22:06 ) :

      مەن يازمىدا دىيىلگەن ئىككى خەنزۇچە خەتنى بەيدۇ غا بىسىپ كۆرۈپ بىقىڭ، قانچىلىك مەينەت كۆڭلى ئىلىشقۇدەك مەينەت خوتىچاڭلارنى تۇتۇپ تۇرغىنىنى كۆرىسىز، شۇنى ئىنىق بىلىۋىلىشىمىز كىرەككىن: خوتىچاڭ ھەرگىزمۇ پاكىز نەرسە ئەمەس، ھازىرغىچە ئىزچىل مۇشۇ نەرسىنىڭ مەينەت نەرسە ئىكەنلىكى توغىرسىدا ھەرخىل گەپ سۆزلەر بار، «« شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس»». فىلىمدىكىسى مەيلى مۇشۇ نەرسىنى ياسايدىغان گۆش بولسۇن ياكى باشقا گۆش بولسۇن، بۇنداق مەينەت نەرسىنى خەلقىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ دەپ قارايمەن . (شەخسى كۆز قارىشىم). بەزىدە ئۆيدە جىدەل ماجرا چىقماسلىقى ئۈچۈن خوتۇنىمىزغا يالغان ئىيتىپ مەسىلە ھەل قىلغانغا ئوخشاش ئىش بۇ. شۇڭا دوستۇم سىزمۇ قولىڭىزدىن كەلگىنىچە تەشۋىقات فىلىملەر بولسا يوللاپ خەلقىمىزنىڭ بۇ مەينەت نەرسىدىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىڭىز نى قوشۇڭ.

      جاۋاب
      • سەھرالىق  ( 2012.06.24 17:36 ) :

        @ئەلشات ما گىپىڭىز جايىدا قوللايمەن،

        جاۋاب
  5. سەھرالىق  ( 2012.06.24 13:16 ) : -10-قەۋەت

    مېنىڭ نامىمدا كىرىپ جاھاننى قالايمىقان قىلىۋاتقان كېمۇ؟ :twisted:

    جاۋاب
    • سەھرالىق  ( 2012.06.24 17:38 ) :

      @سەھرالىق ۋوي مەن سىلىنىڭ ناملىرىدا كىرمىدىم ، ئۆزەم سەھرالىق بولغاچقا ئىسمىڭىز دىگەن يەرگە تىزلا سەھرالىق دەپ يىزىپتىمەنغۇ :grin:

      جاۋاب
  6. تۇران تېكىن  ( 2012.06.26 11:01 ) : -9-قەۋەت

    سەھرالىقتىن يەنە بىرسى پەيدا بوپتۇغۇ!

    جاۋاب
  7. تورسودا  ( 2012.07.5 13:18 ) : -8-قەۋەت

    ئەلشات بۇرادەر، يىڭى مەزمۇنلار چىقاي دىمەيدىغۇ؟ ئالدىراشمۇ قانداق؟

    جاۋاب
  8. ئەلگە نەپ  ( 2012.07.10 17:16 ) : -7-قەۋەت
  9. سەھرالىق  ( 2012.07.12 15:38 ) : -6-قەۋەت

    تۇفى ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرۈپ ھەرگىز يىقىن كىلىدىغان نەرسە ئەمەسكەن!! :idea: :idea: :idea: :twisted: :twisted:

    (مەنمۇ سەھرالىق)

    جاۋاب
  10. سەھرالىق  ( 2012.07.12 15:39 ) : -5-قەۋەت

    ھىي باش سۆرتىمگە سەت بىر نەرسە چىقىپ قاپتىغۇ!! :twisted: :idea: :idea: :???: :???:

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif