كۆرسىتىش تاللاشلىرى بىلەن تونۇشۇش
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: بلوگ بىلىملىرى | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل12-ئاي28-كۈنى |1,342 قىتىم
بلوگ ئارقا بىتىدە ئەڭ ئۈستىدە كۆرسىتىش تاللاشلىرى دەپ بىر ئىقتىدار بار، بۇنىڭغا كۆپ دوستلىرىمىز دىققەت قىلمىغان بولسا كىرەك، بۇ كۆرسىتىش تاللاشلىرى نىڭ ئىچىدە ھەرخىل ئورۇندا ھەرخىل تاللاش ئىقتىدارلىرى چىقىدۇ، شۇ ئورۇندا تۇرۇپ تاللاشلاردىكى مەلۇم ئىقتىدارنىڭ ئالدىدىكى كاتەكچىگە بەلگە قويۇپ چىقىرۋەتكىلى ياكى قوشقىلى بولىدۇ، بۈگۈن يازما يىزىش كۆزنىكى ھالىتىدىكى ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!
بەزەن ئۇسلۇبلاردا يازمىنىڭ رەسىمىنى ئاشۇ ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق باش بەتتە كۆرسىتەلەيمىز، قىنى مەشغۇلاتى قانداق بولىدۇ يازمىغا دىققەت قىلىڭ. ( بۇ ئۈنۈم مۇشۇنداق ئىقتىدار بەلگىلەنگەن ئۇسلۇبلاردا ئىشلەيدۇ)
ئاۋۋال يازما يىزىش كۆزنىكى ھالىتىدە تۇرۇپ ‹‹ كۆرسىتىش تاللاشلىرى ›› بىسىڭ
ئاندىن ‹‹ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى›› دىگەننىڭ ئالدىدىكى كاتەكچىگە بەلگە قويۇڭ.
قارىسىڭىز يازما يىزىش كۆزنىكىنىڭ ئاستىغا بىر نەرسە پەيدا بولىدۇ, ‹‹يىڭىدىن كىرگۈزۈڭ›› دىگەننى بىىڭ
بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ ئۇ كۆزنەككە مۇنداق يىزىڭ ‹‹ thumbnails ›› چوقۇم مۇشۇ خەت يىزىلسۇن، بولمىسا تونۇمايدۇ، يىنىدىكى ئورۇنغا يەنى ‹‹قىممىتى›› دىگەن كاتەكچىگە رەسىم ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ ‹‹‹ ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى قوشۇش ›› دىگەنى بىسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
بۇنى بىر قىتىم يىزىۋەتكەندىن كىيىن كىيىنكى قىتىملاردا يەنە يىزىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ‹‹ تاللاش ›› نى باسسىڭىز ئاشۇ خەتنى كۆرىسىز تاللاپ ئاندىن رەسىم ئادرىسىنى ياندىكى ئورۇنغا كىرگۈزۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.
يازما خەتكۈچى:بلوگ بىلىملىرى
يازما ئادرىسى:2947.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
بۇنداق قىلسىڭىز ھەممە ئۇسلۇبدا ئىشلىمەيدۇ؟ thumbnail ئىقتىدارى بولسا بولىدۇ.
ئاللا بۇنى ئەسكەرتىپ قويىمەن دەپ ئەسكەرتمەپتىمەندە، ئەسكەرتىپ قويسام بولغىدەك. پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!
ھازىرقى ئۇسلۇبىمنى ئالماشتۇرغاندا، ئۇلانما قۇشۇش ئۈچۈن ئارقا بەتكە كىرسەم، بەزى ئىقتىدارلىرى كام ئىكەن. بۇ ئىقتىدارلىرىنى ئەسلىدە ئاشۇ كۆرسىتىش تاللاشلىرىدىن تاللاپ بىرىدىغان ئىش ئىكەن. مەن بۇنى بىلمىگەچكە، ئىشلا كۆڭلۈمدىكىدەك بولماي تاس قالغان ئەسلىدىكى ئۇسلۇبنى ئىشلەتكىلى. كېيىن ئەلشات ئىنىمنىڭ سۈرەتلىك كۆرسىتىپ بىرىشى بىلەن ھەل قىلىۋالغان ئىدىم. شۇنداق ئاددى ئىكەن. شۇندىن كېيىن ھەرقايسى بۆلەكلەرگە كرسەم ئۆزەمچە كۆرسىتىش تاللارشلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقىدىغان بولدۇم. ئادەمنىڭ بىلىمى ئەشۇنداق بىر جەريانلار ئارقىلىق ئىزچىللىشىپ ماڭىدىكەن.
ياخشى بىلىمكەنتۇق، شۇغىنىسى ئۇسلۇبىمدا ئۇ ئىقتىدار يوق ئوخشايدۇ، ھىچ ئۇچرىتالمىدىم ، ياخشى يىرى بىلمىگەن بىلىمدىن بىرسى قوشۇلدى كاتتا رەھمەت بۇرادەر