ئورنىڭىز » باش بەت » ئۇقتۇرۇش » ئەلشات ئۇسلۇب بلوگى قۇردى

ئەلشات ئۇسلۇب بلوگى قۇردى

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇقتۇرۇش | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل06-ئاي15-كۈنى |2,594 قىتىم

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەلشات بلوگىنىڭ ئىسىل قوللقغۇچىلىرى ۋە كەڭ كۆرۈرمەنلىرى: كەمىنە ئەلشات بلوگىغا wp غا كۆچكىلىمۇ 2 ئايدىن ئىشىپتۇ، بۇ مەزگىلدە دوستلارنىڭ قوللىشىىدىن مەدەت بىرىشلىرىدىن بۈگۈنكىدەك مۇشۇ كۈنلۈك 400IP نىڭ ئالدى كەينىدە ماڭغۇدەك ھالەتكە كەپتىمەن، مۇشۇ ۋاقىتلاردا يەنە شۇ ئۆزۈمنىڭ ئوتتەك قىزىقىشىم بىلەن wp تەرجىمە قىلىشنى ئۈگىنىپتىمەن، ئەمدى ئۇيغۇربەگ پىرىستان تەدبىركار لارغا يەتمىسەكمۇ ئازراقمۇ بولسا ئۈگىنىپتىمەن ،شۇنداقلا يەنە بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئۈگىنىمەن، ئەمدى مۇشۇ ئۈگەنگىنىمنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە قىتىم ئۇسلۇبمۇ تارقىتىپتىمەن، مانا مۇشۇنداق قىلىپ بۇ ساھەگخمۇ كىرىشىپ قالدىم، مۇشۇنداق بولغانكىن بۇندىن كىيىن يەنە توختىماي ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىپ دوستلارغا سۇنۇش ئارزۇيۇم بار شۇ ۋەجىدىن ئۇسلۇبلارنىڭ چىچىلىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن يىقىندا بىر مەخسۇس ئۇسلۇب بلوگى ياساپ چىقتىم، بۇندىن كىيىن تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبلىرىم مۇشۇ يەردە تارقىتىلىدۇ، لىكىن بلوگقا ئايرىم تورنامى ئالمىدىم، تارماق بلوگ قىلىپ قۇرۇپ تۇردۇم. ئىلاندىن كىرگەن كىرىم ئاز بلوگنى كۆرۈپلا ئاستا پەم بىلەن چىقىپ كىتىدىغان دوستلىرىمىز كۆپراق ئىكەن، ئاستى ياندىكى ئىلانلار قەرەللىك بومبىدەك، ھى ھى ھى! كىينچە دوستلارنىڭ قوللىشى ياخشىراق بولۇپ ئىلانلارنى ياخشىراق چىكىپ قوللاپ بەرسە، ئۇنىڭغىمۇ ئايرىم تورنامى ئىلىپ تىخىمۇ كۆپ ئۇسلۇبلارنى دوستلارنىڭ ھوزورىغا سۇنماقچى،

بولدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي: قالغىنىنى بلوگنى كۆرسەڭلار بىلىسىلەر. بۇندىن كىيىن تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبلىرىم مۇشۇ يەردە تارقىتىلىدۇ

يىڭى بلوگ ئىسمى: ئۇسلۇب بلوگى ئادرىس :    uslub

ئەسلىدىكى ئادرىسىمنىڭ ئارقىسىغا/uslub مۇشۇنى قوشۇۋەتساڭلار بولىدۇ

ئاخىردا دوستلارغا دەيدىغىنىم: بىر بىرىمىزنى قوللايلى ، توربەت ياسىغۇچىنىڭ ۋە ياكى بىر بلوگ ياسىغۇچىنىڭ بىر بلوگنى ماڭدۇرىشىغا چىقىم ۋە ۋاقىت زىھنى كۈچ سەرىپ قىلىدۇ، ئۇلارنى پەقەت شۇ ئىلان كىرىمىلا خۇش قىلالايدۇ، ئۇندىن باشقا ھىچنىمە ئۇلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرالمايدۇ، مەيلى توربەت مەيلى بلوگ بولسۇن، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان توربەت ياكى بلوگلارنى قوللىسىڭىز يەنە مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى تىخىمۇ كۆپراق يوللىسۇن دىسىڭىز شۇلارنى قوللاپ ئىلانىنى بىر چىكىپ قويۇڭ، ئۇ قەرەللىك بومبا ئەمەس ئۇنى چەكسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق سىزدىن ئارتۇق تورپۇلى ئىلىۋالمايدۇ سىز كەمبەغەل بولۇپ كەتمەيسىز ئۇياق بىيىپ كەتمەيدۇ، پەقەت ئاچقان توربىكىتىنىڭ يىللىق چىقىملىرىنى ئاران كۆتۈرىدۇ خالاس، بۇ پۇل باشقا مىللەتنىڭ يانجۇقىدا سىز بىزگە كىلىدۇ، سىز بىزنىڭ يانجۇقىغا كىرىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتىنىڭ يانجۇقىغا كىرىدۇ، شۇڭا بىر بىرىمىنى قوللايلى توربەتچىلەرنى قوللايلى، تەرەققىيات قوللاشتىن كىلىدۇ، ئۇيغۇر توربەت چىلىكىنى قوللايلى، تەرەققى قىلىشىغا ياردەم بىرەيلى



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:846.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 14 پارچە ئىنكاس بار!
  1. يىتەكچى  ( 2011.06.15 13:56 ) : -14-قەۋەت

    ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز !

    جاۋاب
  2. شۇڭقارى  ( 2011.06.15 14:27 ) : -13-قەۋەت

    قالتىسقۇ ئەلشات ئەپەندى ! تىخىمۇ تېرشىڭ :razz:

    جاۋاب
  3. تۇران تېكىن  ( 2011.06.15 17:11 ) : -12-قەۋەت

    نەچچە كۈندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى ئاخىر روياپقا چىقىرىپسىزدە! بلوگبۇستىكى ۋاقتىمىزدىمۇ پات – پات ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپ تۇراتتۇق. ۋوردپرەستىمۇ ئۇسلۇبلار موللاشقىلى تۇردى. يەنىلا بىزگە ئاسان بوپتۇ. رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن كىرىم مەنبەيىڭىزنى ئاران بىرنىلا چىكەلىدىم. :razz:

    جاۋاب
  4. ئىزدەن  ( 2011.06.15 18:39 ) : -11-قەۋەت

    ما ئىشىڭىز بولىدۇ مانا! داۋاملىق تىرىشقايسىز…

    جاۋاب
  5. نەقىش  ( 2011.06.15 19:37 ) : -10-قەۋەت

    بۇندىن كىيىنblogbus تىكىدەك ئىلانلارنى چىكىشنى داۋاملاشتۇرمىز ھەم يانا دىققەت قىلدىڭىزمۇ سىز wp توغرۇلىق تىما يوللىغاندىن بىرى blogbus تىكىدەك سىزنى (ئۇستاز) دەپ ئاتايدىغانلار كوپەيدى مۇشۇنىڭدىنمۇ ھاردۇقىڭىز چىقىشى كىرەك ، مانا مەن نەچچە ئون شاگىت تەربىيلەپتىمەن ئۇلارنىڭ ئۇستام دىگەن سوزى ماڭا تەسەللى بولاتتى

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.06.15 20:15 ) :

      دىگىنىڭىز توغرا! بەرھەق

      جاۋاب
  6. تور  ( 2011.06.15 23:55 ) : -9-قەۋەت

    مىنىمۇ شاگىت تۇتمامسىلە …. مەنمۇ ئۈگىنەي چ چ بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار …. مىنىڭمۇ شۇنداق ئۈگەنگەم بار …

    جاۋاب
  7. گۈلدەستە  ( 2011.06.16 15:40 ) : -8-قەۋەت

    تارماق دۇككانغا مۇبارەك بولسۇن،مەھسۇلاتتىن بېرەر ئىككىنى پۇكەيگە تىزىۋىتىپ ئاندىن ئىلان قىلمامدۇق بۇ ئۇقتۇرۇشنى.

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.06.16 17:24 ) :

      مەھسۇلاتتىن بىر ئىككى ئەمەس 5 نى تىزىۋەتتۇققۇ

      جاۋاب
  8. پالۋان  ( 2011.06.16 21:08 ) : -7-قەۋەت

    مەن سىزگە بىلوگىمنىڭ مەخپى نۇمۇرۇمنى دەپ بەرسەم ماڭا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچلاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن؟ مەن سىز تارقاتقان ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈپ پەقەت قاچىلىيالمىدىم، قاچىلايدىغان يەرنىمۇ تاپالمىدىم،بولمىسا خەنزۇتىلىغا خىلى پىششىق.

    جاۋاب
  9. يالماۋۇز  ( 2011.06.17 16:04 ) : -6-قەۋەت

    ياخشى ئىش بوپتۇ ، ئەمما مۇشۇ بلوگىرلار بولۇپمۇ ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەقسىتى پۇل بولىشى ناتايىن ، كەچكىچە كۈلكە چاقچاق بىلەن تولداماي بلوگنى مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىكراق بىر ئىشقا تۇتۇنغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ ، بىزگە مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىشلار كېرەك ، قۇرۇق شۇئار ئەمەمس! تىرىشىڭ

    جاۋاب
  10. ھونزادە  ( 2011.06.18 09:47 ) : -5-قەۋەت

    مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق بولسۇن.

    جاۋاب
  11. بىغەم  ( 2011.06.21 20:34 ) : -4-قەۋەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يېڭى بلوگ ھەۋاسكارى بىغەم سىزنى كۆرگىلى كەلدى!
    ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن!

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif