ئەمدى 6 ياشلىق جىكسوننى كۆرۈڭ
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ھەيران قالارلىق | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل05-ئاي18-كۈنى |3,670 قىتىم
ئالدىنقى قىتىم 12 ياشلىق جىكسون نىڭ ماھارىتىنى كۆرسەتكەن ئىدۇق ئۇ فىلىممۇشۇنداق ئالقىشقا ئىرىشپ كۆرگەن بۇقىتىم 6 ياشلىق جوڭگو لۇق 6 ياشلىق بالىنىڭ سەھنىدىكى جىكسونچە ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى!
يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../577.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
كىچىك جېكسونلار نېمە دېگەن كۆپ ھە، ئۆتكەندە تۈركىيىلىك بىر كىچىك بالا جېكسوننى ئۆز ئەينى دوراپ داڭ چىقارغان، ئەمدى بۇ چىقىپتۇ…
خەنزۇلاردىن بىر قىسىم چوڭلار جېكسوننى دوراپ قاملاشتۇرالمايۋاتاتتى، ماۋۇ شاكىچىك خېلى ئوبدان دوراپ قۇيۇپتۇ قۇمۇ!
بۇ كۇنۇپكىلاردا ھىلى ئۇيغۇرچە، ھىلى لاتىنچە، ھىلى پىنيىنچە يېزىپ يۈرۈپ، ئىملادىمۇ خاتا كىتىدىغان بۇلۇپ قاپتۇق. يۇقىرىدا جۇمۇ دەپ يازىمەن دەپ، قۇمۇ دەپ يېزىپ كىتىپتىمەن ئەمەسمۇ؟
ۋاي توۋا ئۇيغۇر تورچىلىقىمىز نىمە بوپ كەتتى، بۇ تور بەتنىڭ زىيارەت مىقدارى شۇنداق يۇقىرىكەن، قانداق ياخشى بىلىملەر باركىن دەپ كىرسەم. تور دۇنياسىدا ئادەمگە قەدەمدە بىر پۇتلىشىدىغان ئەخلەت تەرمەچلەدىن باشقا ھىچ نەرسە يوق، ئەقلىمىزنى ئاچايلى تورداشلار………
يولداش باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلىڭ. نىمانداق سىسق گەپلەر بۇ.
بىلىم ئالغۇڭىز بولسا سىزگە كىرەكلىك بولغان بىلىم بار تور بەتكە كىرىڭ. زورلاش يوقققق
دوستۇم! ھەممە يەردە بىلىملا بولسا بولىۋىرەمدۇ؟ كۈندە لەغمەن يەۋەرسىڭىز پولو يىگۈڭىز كەلمەمدۇ؟ سىز ئويلىغاننى توربەت قۇرغۇچى ياكى بلوگ قۇرغۇچى ئالدىن خىلى ياخشى ئويلىشىدۇ! مىنىڭ مەخسىتىم تورساھەسىدە بىلىم ئۈگىنىۋىرىپ ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋىرىپ زىرىكىپ كەتگەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ئارام بولسۇن ئۇچۇن بۇ بلوگقا مەخسۇس كۈلكىلىك ئىشلار، تۇرمۇشىمىزدىكى پەن تىخنىكا يىڭىلىقلىرى، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاجايىب ئىشلارنى يوللاپ شۇ زىرىكككەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازراقمۇ بولسا خۇشاللىق ئاتا قىلاي دەپ بۇ بلوگنى قۇردۇم! بۇنىڭ خاتا يىرى بارمۇ؟
ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرغا تاشلىيالايدىغانلار ئاز جۇما بىزدە. ئەلشات ئەپەندى. سىزمۇ بۇ بلوگنى ئۈزىڭىز دىگەندەك بىر خىللا زىننەتلىمەي ئۈزىڭىزدە بېسىلىپ ياتقان كومپىيوتېر،بلوگ،تور ئىشلىرى قاتارلىق بىلىملەرنى يوللاپ قۇيۇڭ. يۇقارقى خىلىل ئىسىملىك تورداش ئۆز كۆڭلىدىكىنى سىزگە دەپتۇ. بۇ ياخشى ئىش. سىزگىمۇ قول قويدۇم. ئاچچىق گەپلەر بىلەن يېزىلغان ئەمما ھەقىقى بولغان بۇ ئىنكاسنى سىزنىڭ ئۇچرىۋەتمەي سەمىيمىيلىك بىلەن جاۋاب يازغانلىقىڭىزدىن تۇلىمۇ خۇرسەن بولدۇم.
مەن ئۇزۇمگە ‹ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ سۆزلىگىن› دىگەن ھەدىسنى قىبلىگاھ قىلۋالغان. ئەمما بەك كۈڭۈلچەكلىكىم تۇپەيلى بەزى ۋاقىتتا ئەمەل قىلالماي قالىمەن.
سىزگە كىچىككىنە تەكلىپ: سىزدە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا ئائىت بىلىملەر بولغاندىكىن ئۇنىمۇ بلوگ قۇرۇشتىكى مەقسەت قىلىشىڭىزنى مەسلەھەت بىرىمەن.
كىشىلەرنىڭ شاتلىقى ھەمىشە كۈلكە بىلەنلا بولمايدۇ. ئۆزى باش قاتۇرۇپ قىلالمايۋاتقان ئىشىنى مەلۇم بىرسىنىڭ سەۋەبىدىن قىلالىغان بولسا مانا بۇمۇ ھەقىقى شاتلىق ئاتا قىلالايدۇ.كىشىلەرگە نەتىجە ئارقىلىق شاتلىق ئاتا قىلىش ئۇنتۇلماس شاتلىقتۇر. كۆپ سۆزلەپ قويغان بولسام خاپا بولمىغايسىز.
ئەلشاتنىڭ مەقسىتى ئەلگە شاتلىق ئاتا قىلىش
ئەلشات ئەپەندىم ئىملاغا دىققەت قىلغايسىز!
نىمىش بوپ كەتتى. ھازىر ئۈستىدە بىرسىنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس يازسام ئەمدى يوقاپ كەتتىغۇ..
ئەستاغفۇرۇللا يەنە پەيدا بوپ قالدى، كەچۈرۈڭلا ھە..
بۇ بالا جىكسونلار كۆپەيگىلى تۇردى ھە
شۇنى دىمەمسىز ھەممە مىللەتتىن چوڭ كىچىك دوراپ بولدى.
بىز ئۇيغۇرلاردىن بالا جىكسۇنلار ئەمەس بەلكى ، بالا ئىدىسونلار چىقىشىنى شۇنداق ئۇمىت قىلاتتىم ، بىراق…
نەقىش ئەپەندىم! بۇ بىزنىڭ مىللەتتىن ئەمەس جۇما! قىرىنداش مىللەت ھى ھى ھى!!
نىمىشقا ھەممىمىز ئۆزىمىز قىلالمىغاننى كىچىككىنە باللارغا ئارتىپ قويدىغاندىمىز. گىپىڭىزدىن قۇسۇر تاپماقچى ئەمەسمەن. سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى كۆرۇپ شۇنداق ئويلاپ قالدىم. «نەقىش» چان نىمىشقا ئىدىسۇن بولالمىغاندۇ دەپ. چىقىپمۇ قالار، ئاۋال ئۆزىمىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن باللارغا تەلەپ قويساق.
دوستلار!!!ئۇنۋېرسال بېكەت بىزدە ئازمۇ؟!!يۇقۇردا كۆرۈپ ئۆتكەن كىچىك بالىمۇ ئۆزىدىكى خاسلىقنى جارى قىلدۇرۇپتۇ.ئەلشات ئەپەندىممۇ ياخشى كۆڭلى بىلەن بۇنى پەقەت ئۆزى دىگەندەك سىلەرگە شاتلىق ئاتا قىلىش قىلىش ئۈچۈن قۇرغان!!!كىشىدە ئۆزلۈق ھەم خاسلىق تۇيغۇسى بولۇش كېرەك،ھېلى كۈلكىلىك بىرنەرسىلەر يوللانسا ،ھېلى بېكەت ياساش ئۈچۈن دەرسلىك يوللانسا،يەنەبىردەم باشقا بىرنىمىلەر يوللانسابۇبېكەت نىمۇ بولۇپ كېتەر!!شۇكاللا ئۇماچ بولۇدۇ.مەن ئەلشات بىلوگىغا تۇنجى كىرىپلا،(ھە…بۇئەسلىدە مەخسۇس كۈلكىلىك،ھەن ئاجايىپ نەرسىلەرنى يوللايدىغان بېكەتكەندە!!!)دەپ ئويلاپ مەمنۇن بولغانىدىم.تورداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكرىنى ئەلشات ئەپەندىم ئاڭلىسا بولىدۇ.مەنچە دەرسلىك يوللانسا دىگەن تورداشلار،دەرسلىك دىسەڭلار ئۇيغۇربەگدە،تەدبىركاردا،بىلكۆرسەڭلار مۇۋاپىق.ئەلشات ئەپەندىمنىڭ بېكەتنى ئارلاشما بېكەت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!!
پىكىرىڭىزنى قوللايمەن! پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!