ئورنىڭىز » باش بەت » ئالامەت-كارامەت » ئۇيغۇر پاركور ھەۋەسكارى ئابدۇقادىر تۇرسۇن

ئۇيغۇر پاركور ھەۋەسكارى ئابدۇقادىر تۇرسۇن

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئالامەت-كارامەت | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل11-ئاي22-كۈنى |4,044 قىتىم

پاركور ماھارىتى بولسا ياشلارنىڭ قىزىقىدىغان خەتەرلىك تەنھەركەت تۈرلىرىنىڭ بىرى، بۇ چەتئەل مەدەنىيتىدىن ئىقىپ كىرگەن بولۇپ ناھايتى خەتەرلىك تەنھەركەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، بىز ھەرقىتىم چەتئەللىكلەرنىڭ پاركور ماھارەتىلىرىنى كۆرگىنىمىزدە ھاياجانلىنىپ كىتەتتۇق، مۇشۇ قىزىقىش ئاساسىدا يىتىلىۋاتقان ياش پاركور ھەۋەسكارى ئابدۇقادىر تۇرسۇننىڭ بۇ پاركور ھاياتىغا نەزەر تاشلاپ باقايلى!



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:,
يازما ئادرىسى:../2750.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 10 پارچە ئىنكاس بار!
  1. تىرويان  ( 2011.11.22 21:10 ) : -14-قەۋەت

    مەنمۇ خىلى يامان بۇ ھەركەتلەرنىڭ يىرىمىنى مەنمۇ قىلالايدىكەنمەن :o

    جاۋاب
  2. بىلوگخۇمار  ( 2011.11.22 23:56 ) : -13-قەۋەت

    پاركور بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەيدا بولغان خەتەرلىك تەنتەربىيە شەكلى . بۇ خىل تەنتەربىيە شەكلىنى مەن تۇنجى قېتىم فېرانسىيە فىلىمى (خەتەرلىك 13_رايون)دېگەن فىلىمدە كۆرگەن ئىدىم .مانا ئەمدى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر بالىلىرى ئارسىدا كەڭ تارقالماقتا. بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەنتەربىيە شەكىلىرى كەڭ تارقىلىپ ، تالانتىلىق ئەزمەتلەر يېتىشىپ چىقسا نىمىدىگەن ياخشى ئىش ! پۇتبول ، ۋاسكىتپول قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىدە كۆپلەپ تالانىت ئىگىلىرى يىتىشىپ چىقسا،مىللىتىمىزنىڭ ئۇمۇمى ساپاسىغا چۇقۇم پايدىسى تېگىدۇ!

    جاۋاب
  3. چەۋەندازلار  ( 2011.11.23 00:55 ) : -12-قەۋەت

    بەزىدە مۇشۇ پاركور بالىلارنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئىختىيارسىز قەدىمىنى توختىتىپ ئۇلارنىڭ ماھارىتىگە سەپ سېلىپ ئۆتۈپ كېتىمەن. بۇ فىلىم ياخشى ئىشلىنىپتۇ.

    جاۋاب
  4. Hiyaliy  ( 2011.11.24 02:37 ) : -11-قەۋەت

    مەزمۇنى ناھايىتى ياخشىكەن. ئەمما ئەڭ مۇھىم يېرى: باش پېرسۇناژنىڭ ئىسمى خاتا بولۇپ قاپتۇ. توغرىسى ئابدۇقادىر تۇرسۇن ئىكەن. تۈزىتىپ قويسىڭىز بولغۇدەك.

    جاۋاب
  5. ئۆزقان  ( 2011.11.24 02:45 ) : -10-قەۋەت

    بۇ ئەقىل-پاراسەت، چېچەنلىك ۋە زور چىدام-غەيرەت تەلەپ قىلىدىغان ماھارەتكەن.« B13-رايون »دېگەن كىنونى كۆرۈپلا پاركور ماھارىتىگە قايىل بولغانىدىم. بۇ ئىنىمىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن!

    جاۋاب
  6. ئۆزقان  ( 2011.11.24 02:47 ) : -9-قەۋەت

    ئۇيغۇر پارىكورچىلىقىنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەم ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم سەرخىللارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن!

    جاۋاب
  7. تۇران تېكىن  ( 2011.11.24 13:19 ) : -8-قەۋەت

    دۇنيا پاركو تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

    جاۋاب
  8. لوپنۇرى  ( 2011.11.29 22:17 ) : -7-قەۋەت

    مەنمۇ تەنتەربىيەگە بەك قىزىقىمەن.توختىماي ئۇ ياكى بۇ تەنھەرىكەت تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرىمەن. بۇ باللارنىڭ ماھارىتى ھەقىقەتەن ياخشىكەن. ئىشلىگەن خەتەرلىك ھەركەتلىرىنى كۆرۈپ قايىل بولماي تۇرالمىدىم.ئۆزۈمچە ھەۋەس قىلىپمۇ قالدىم.لېكىن تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ ئاللىقاچان 35 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئەر ئىكەنلىكىمنى ئېسىمگە ئېلىپ خۇرسىنىپ كەتتىم.ئاللاھ بۇ بالىلارنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن.

    جاۋاب
  9. زىلتار  ( 2011.12.9 01:35 ) : -6-قەۋەت

    فىلىمنىڭ سۈرەت ئىلىنىش ھەم مونتاژلىنىشى بەك ياخشى چىقىپتۇ، رەڭ ئۈنىمىمۇ ياخشى چىقىپتۇ… ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ دە ھەر قىتىم ھەرقانداق بىر فىلىمنى كۆرسەم ئوپېراتورلۇق، مونتاژلىق، رىژىسورلۇق قىسمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن…

    جاۋاب
  10. رازۋىتچىك  ( 2011.12.30 21:43 ) : -5-قەۋەت

    بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ نىمە ؟!بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ فىلىمغا ئالغان يەر باركەن،بەلكىم كىنو تىياتىرنىڭ باللىرى بولسا كېرەك.ئوغۇلبالىدەك بىڭسى باركەن.تەۋەككۈلچىلىك ئوغۇللارغا يارىشىدۇ

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif