ئورنىڭىز » باش بەت » قىستۇرما » ئارقا بەتتە يازما سىتاستىكىلىغۇچ قايتا تارقىتىلدى

ئارقا بەتتە يازما سىتاستىكىلىغۇچ قايتا تارقىتىلدى

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: قىستۇرما | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل10-ئاي08-كۈنى |3,208 قىتىم

ئالدىنقى قىتىم مەن ئارقا بەتتە يازما سىتاستىكىلىغۇچ تارقاتقان ئىدىم، لىكىن بۇ قىستۇرما  دوستلارنىڭ بلوگىدا خاتالىق چىقىپتۇ، مەن بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ سەۋەبىنى خىلى ئىزدىدىم، تۈنۈگۈن ئاخشام ئەلشاتقىمۇ قاچىلاپ قوياي دەپ قاچىلىسام مىنىڭكىدىمۇ يەنە بۇ خاتالىق ئۇچۇرى چىقتى، سەۋەبىنى ئويلاپ باقسام مۇنداق ئىكەن.

سەۋەبى: بىز بۇ قىستۇرمىنى بلوگقا قاچىلىغاندا شۇ بلوگ ئۈچۈن مەخسۇس بىر سىتاستىكىنى خاتىرلەيدىغان بىر دەپتەر قوشۇلىدىكەن، بىز بۇنى بىۋاستە FTP دىن چۈشۈرۈپ باشقا بلوگدا قاچىلىغاندا شۇ بلوگ ئۈچۈن قۇرغان سىتاستىكا خاتىرسى  بىلەن يىڭى بلوگنىڭ خاتىرسى قارشىلىىپ خاتالىق كۆرۈلگەن ئىكەن،

ئوڭشىغان ئۇسۇلۇم:

قىستۇرمىنى بلوگقا قاچىلىماي تۇرۇپ توردىن چۈشۈرۋىلىپ تەرجىمە قىلىۋالغان تەرجىمە ھۆججىتىمنى ئەسلىدىكى تەرجىمىسىز ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۋىلىپ ئاندىن قاچىلىسام نۇرمال ئىشلىدى.

شۇڭا بۈگۈن قىستۇرمىنى قايتا تارقىتىشنى لايىق كۆردۈم. لىكىن بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەمدى دوستلارغا لازىم ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىدىم، شۇڭا 10 ئىنكاس چۈشكەندىن كىيىن قىستۇرمىنىڭ نۇرمال ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە سىتاستىكىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلىنىدۇ، قىنى لازىم بولغانلار ئىنكاس يىزىڭلار!

قىستۇرما سىتاستىكا ئەھۋالى:

 

ئەگەر بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىغاندا نۇرمالسىزلىق يەنە كۆرۈلسە مۇنداق ئوڭشاڭ!

قىستۇرمىنىڭ نامىنى قىستۇرما يىزىپ ئىزدەش رايۇنىغا يىزىپ ئىزدىتىپ قاچىلاڭ قوزغىتىڭ. قاچىلانغان قىستۇرمىلار رايۇنىغا كىرىپ شۇ قىستۇرما نامىنىڭ ئاستىدىكى  قوزغىتىڭ   توختىتىڭ  تەھرىرلەش دىگەن خەتلەر بار بۇ خەتلەر ئارىسىدىن تەھرىرلەش دىگەننى بىسىڭ، ئاندىن بۇ يەردىن چۈشۈرگەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان قىستۇرمىنى كومپىيۇتىردا تۇرۇپ پىرىستىن يىشىڭ ئاندىن قارىسىڭىز بىردانە post-views.php ناملىق ھۆججەتنى كۆرىسىز ئۇ ھۆججەتنى قوش چىكىپ ئىچىدىكى بارلىق كودنى كۆچۈرۈڭ ئاندىن بايا قىستۇرمىنى تەھرىرلەش دىگەننى باسقان ۋاقىتتىكى كۆزنەك ئىچىدىكى بارلىق كودنى ئۆچۈرۋىتىپ ھازىر كۆچۈرۋالغان كودنى ئاشۇ يەرگە چاپلاپ ساقلىۋىتىڭ. ئەمدى قاراپ بىقىڭ قىستۇرمىڭىز ئۇيغۇرچىلىشىپ بولدى.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشۈرۈش ئادرىسى قايتا يىڭىلاندى

چۈشۈرۈش



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:,
يازما ئادرىسى:2440.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 23 پارچە ئىنكاس بار!
  1. shirinbulaq  ( 2011.10.8 15:36 ) : -14-قەۋەت

    بۇئىنكاس مۇشۇ قىستۇرمىنىڭ تارقىتىلىشى ئۈچۈن يېزىل

    جاۋاب
  2. بىلوگخۇمار  ( 2011.10.8 18:17 ) : -13-قەۋەت

    بەك ياخشى بولدى ..مەنمۇ بۇ قىستۇرما قاچان ئوڭشىلاركىن دەپ ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدىم ..ئەمدى ياخشى بولدى ..بولۇڭلار دوستلار 10ئىنكاسنى تەييار قىلىپ ..بۇ قىستۇرمىنىڭ گۈزەلىكىدىن ھۇزۇر ئالايلى…. ئەلشات ئەپەندىنىڭ تىرشچانلىقىغا رەھمەت…

    جاۋاب
  3. رازىيە  ( 2011.10.8 18:24 ) : -12-قەۋەت

    ئۇيغۇر بەگ تورىدىن چۈشۈرگەن بولساقمۇ مۇشۇنداق قايتا ئۆزگەرتەمدۇق؟

    جاۋاب
  4. ئۆزقان  ( 2011.10.8 19:59 ) : -11-قەۋەت

    مەن ئىشلىتەلمەيدىغان بولدۇم دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان، ئەمدى ياخشى بولدى.رەھمەت، ئەلشادجان!
    شۇغىنىسى قاچان 10ئىنكاس چۈشەر؟ ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن :smile:

    جاۋاب
  5. shirinbulaq  ( 2011.10.8 23:44 ) : -10-قەۋەت

    bir adamning inkasliri birga hisablinip kitamdu>? :!:

    جاۋاب
  6. ئايقۇت  ( 2011.10.8 23:50 ) : -9-قەۋەت

    ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم
    ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن …بۇ قېتىم ئوڭشاپسىزدە…

    جاۋاب
  7. ئۇزۇق  ( 2011.10.9 11:51 ) : -8-قەۋەت

    ئەلشاتجووووووووووووون ئىۋۇ گۇگۇل ئىلانلىرىدىكىلەرگە بى ئۇزۇنراق ئىشتان ئېپپەسىلە قىش كەپقالدى سۇغۇق ئۆتكۈزۈپ سالمىسلا ئۇلارغا :smile:

    جاۋاب
  8. شىرىن بۇلاق  ( 2011.10.9 14:42 ) : -7-قەۋەت

    ما ئادەملەر بىكار ئولتۇرغۇچە بىرەر ئىنكاس يېزىۋېتىپ قايتسا بولماسما؟تېخىغىچە 10غا يەتمەپتا بۇ؟

    جاۋاب
  9. سەھرايىم  ( 2011.10.9 17:20 ) : -6-قەۋەت

    قېنى بۇ قىستۇرمىنى بىر تارقىتىلى ئەلشاتجونننننننن

    جاۋاب
  10. ئۇيغۇربەگ  ( 2011.10.10 18:28 ) : -5-قەۋەت

    ياخشى بولدى ئەمدى~

    جاۋاب
  11. بوغلان  ( 2011.10.10 23:21 ) : -4-قەۋەت

    شۇنداق قىلىپ سىنايدىغان يېرىگە كەپ قاپتىمەن دە …

    جاۋاب
  12. مەن يەنە بىر قېتىم ئالىجانابلىق قىلۋېتەييا

    جاۋاب
  13. ھەدىسلەر  ( 2011.10.16 23:02 ) : -2-قەۋەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەنغۇ داۋام تەيياغا ئۈلگۈرمەن .

    جاۋاب
  14. ھەدىسلەر  ( 2011.10.18 09:34 ) : -1-قەۋەت

    مەن پەقەت چۈشرەلمىدىم :o

    جاۋاب
  15. كىتابپۇرۇش  ( 2011.11.22 12:09 ) : 0-قەۋەت

    مەنمۇ چۈشۈرەلمىدىم .

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.11.22 13:34 ) :

      چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يىڭىلاپ قويدۇم، قايتا چۈشۈرۈڭ

      جاۋاب
  16. كىتابپۇرۇش  ( 2011.11.22 18:35 ) : -14-قەۋەت

    رەھمەت سىزگە.

    جاۋاب
  17. كىتابپۇرۇش  ( 2011.11.22 18:43 ) : -13-قەۋەت

    aqa4vx82 ئىسىملىك فورماتى ئىنىق ئەمەس ھۆججەتتىن بىرسى چۈشۈپتۇ.
    يەنە خاتالىق بامۇ قانداق ؟ :!:

    جاۋاب
  18. ياپراق  ( 2012.02.5 17:56 ) : -12-قەۋەت

    ياخشى قىستۇرمىكەن،مەن سىناپ باقاي

    جاۋاب
  19. ئەلپىدا  ( 2012.02.7 16:22 ) : -11-قەۋەت

    ھەي ، مەن ھازىرچە قىلالمايدىغان ئوخشايمەن بۇ مەشخۇلاتنى .بولمىسا مەن ئىزدەپ يۈرگىنىم ئىكەندۇق . ئەلشاتجان ، ئېغىر كۆرمەي ماڭا ھېچ بولمىسا باش بەتتە كۆرۈنىدىغان زىيارەت ئىستاستىكىسىنى قانداق قىلىپ چىقىرىدىغانلىقىمىزنى دەپ بەرگەن بولسىلا ، قانداق قىلىمەن ، ئاز – ئازدىن ئۈگەنمەمدىم مۇشۇنداق … :idea:

    جاۋاب
  20. بىلنۇر  ( 2012.02.14 12:04 ) : -10-قەۋەت

    ئىنتايىن ياخشى قىستۇرماكەن ،لېكىن چۈشۈشى نورمال ئەمەستەك تۇرىدۇ .

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.02.14 12:12 ) :

      تەھرىرلەپ قويدۇم چۈشۈرۋىلىڭ

      جاۋاب
  21. ۈۈۈ  ( 2012.02.29 18:17 ) : -9-قەۋەت

    بۈۈبۈب

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif