ئەلشات تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇقتۇرۇش | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل04-ئاي06-كۈنى |2,646 قىتىم
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەلشات بلوگىنىڭ 1 يىلدىن بىرى قوللاپ مەدەت بىرىپ كىلىۋاتقان ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى! ئالدىنقى يىلى مۇشۇ كۈندە مەن blogbus نى تاشلاپ wordpress قا قەدەم قويغان ئىدىم، مانا بۈگۈن بۇ ساھەگە كىرگىلى دەل 1 يىل بوپتۇ، بۇ جەرياندا بلوگقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ئىشتىياق بىلەن بلوگ ئىچىگە چۇڭقۇر سىڭىپ كىرىپ بلوگنى تىخىمۇ چۈشۈنۈپ ۋە ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش توغىرسىدا ئۆزۈم ئىزدىنىپ تىرىشىپ بەزەن ئىشلارنى بلوگ ساھەسىگە مەندىن بۇرۇن قەدەم قويغان ئۇستازلاردىن سوراپ يۈرۈپ بۇ بلوگنى يامان ئەمەس چۈشۈنۈپ ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشنىمۇ ھەر ھالدا ئۈگۈنۈۋاپتىمەن،
بۇ بىر يىل جەريانىدا ھەرخىل ياخشى سىخى مەرىد بىلىملىك دانا ۋە يۈز ئابرويى بار ھەرخىل كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپتىمەن، مانا مۇشۇ ۋەجىدىن مەن بلوگ ساھەسىگە كىرگىنىمدىن ناھايتى خۇشال! يەنە ھەرخىل ناچار كىشىلەرگىمۇ يولۇقۇپ تۇردۇم، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەرخىل سۆزلىرىدىن مەن يەنە بوشىشىپ قالمىدىم، بەزىدە كىچىكلىك قىلىپ ۋە ياكى ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن بەزەن سۇئال ياردەم سوراپ كەلگەن دوستلارغا توڭ تىگىپ ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويغانمۇ بولدۇم، ( شۇ دوستلىرىمدىن مۇشۇ پەيتتىن پايدىلىنىپ ئەپۇ سورايمەن، كىچىكلىك ياشلىق نادانلىقتا ئالدىڭلاردا خاتا قىلىپ قويغان يەرلىرىم ۋە ياكى سوغۇق مۇئامىلە قىلغان يەرلىرىم بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر! ) .
بلوگ بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا ھەرخىل ساۋاق ۋە بىلىملەرگە ئىگە بوپتىمەن، شۇ ساۋاقلاردىن بىر قانچىنى دوستلار بىلەن تەڭ بەھرىرلەنمەكچىمەن،
1- ئادەم تىرىشچان بولۇشى باشقىلارغا يۆلىنىۋالماسلىقى ئىرادىلىك قەيسەر بولۇشى كىرەككەن، خەقكە يالۋۇرغۇچە ئۆز كۈچۈڭگە يالۋۇر دىگەن سۆزن مۇشۇ بلوگ ساھەسىدە ماڭا بەكراق ئىپادىلەندى،
2- مەلۇم بىر ئىشنى قىلىپ سىناپ باقماي تۇرۇپ قىلالمايمەن دىمەسلىك كىرەككەن، ئاۋۋال قول سىلىپ سىناپ قىلغانلارنىڭكىنى كۆزىتىپ ۋە ياكى توردىن ماتىريال ئىزدەپ ھەل قىلىپ بىقىشقا تىرىشىش كىرەككەن، ئەكىسچە . ئۇنداق قىلماي ھەتتا تەييار بار ماتىريالنى كۆرۈپ ئىزدەپ بىقىشقا ئىرىنىپ باشقىلاردىن ياردەم سوراشنىڭ تازا ئاقىلانىلىك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم،
3- ماڭا خىلى كۆپ دوستلار ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش دەرىسى ئىشلەڭ ياكى ھەق بىرەي ئۈگۈتۈپ قويۇڭ دىگەنمۇ بولدى، لىكىن مەن ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدىم، دوستلار ئويلاپ بىقىڭلار دىيارىمىز ياكى دۆلىتىمىزدە بلوگ ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش كۇرۇسى ئىچىلدىمۇ؟ ھەرگىز ئىچىلغىنى يوق، ئۇنداقتا ئۇيغۇر بەگ پىرىستان ئەلشار پاراۋۇز ئارمانىم قاتارلىق بىر قاتار بلوگچىلار نەدىن ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشنى ئۈگەندى؟ دەل تىرىشىش ئارقىلىق قول سىلىپ سىناش ئارقىلىق، ماتىريال كۆرۈش ئارقىلىق، بەلكىم بەزەن دوستلىرىمىز دىيىشى مۇمكىن، خەنزۇچە بىلمىسەم دەپ، مانا مەن ئەلشات خەنزۇچە بىلمەيمەن، بۇ يەردە تىل مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ئىزدىنىش تىرىشىش مەسىلىسى مەۋجۇت، ئەگەر ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنى ئۈگۈنەتتىم دەيدىغان دوستلار بولسا مۇشۇ يەردە بىر قاتار ئۇچۇرلارنى تەمىنلەي قىنى قول سىلىپ سىناپ بىقىڭ،
1- نۇرقۇتتىن css دەرىسلىكى ئىزدەپ css نى ياخشى ئۈگۈنۈڭ، ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشتە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇردىغىنى css
2- پىرىستان ئىشلىگەن 7 قىسىملىق div+css دەرىسىنى تەپسىلى چۈشۈنۈپ كۆرۈپ چىقىڭ،
3- ئۇسلۇبلار بلوگى ۋە ياكى پىرىستان بلوگىدا تارقىتىلىۋاتقان مەلۇم ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ شۇنىڭ خەنزۇچىسىنى تىپىپ ئىككىسىنى سىلىشتۇرۇڭ، ئوخشىماسلىقلارنى تىپىڭ،
مانا مۇشۇ ئىشلارنى تىرىشىپ قىلالىسىڭىز ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنى ئۈگۈنەلەيسىز.
مۇشۇنچىلىك ئۇچۇر بىرەي قالغىنىنى يەنە ئىزدىنىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ،
مەن سۆزلەپ نەلەرگە كەتتىم ئەمدى، ئۆزگىپىمىزگە كەلسەك مانا ئەلشات شۇنداق قىلىپ 1 ياشقا كىردى، ئەلشات تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
ئادەتتە تۇغۇلغان كۈن بولسا باشقىلار تۇغۇلغان كۈن بولغان كىشىگە سوۋغات بىرەتتى، بۈگۈن قائىدە ئۆزگەرسۇن، ئەلشات سىلەرگە ئاز بولسىمۇ سوۋغات تەقدىم قىلسۇن، ئەسلى كەمپۈت شاكىلاتلارنى سوۋغات قىلاي دىگەن ، قارىسام ھەممەڭلار چوڭ بولۇپ قاپسىلەر شۇڭا يەنىلا ئۇسلۇب سوۋغات قىلاي.
سىلەر پەقەت ئىلھام مەدەت سۆزى ئارقىلىق ئىنكاس يىزىپ قوللاپ تۇرساڭلار ماڭا ئاشۇ ئەڭ چوڭ سوۋغاتدۇر!
ئۇسلۇبنى چۈشۈرمەكچى ۋە ياكى تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئىنكاس يىزىڭ
يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../3690.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
مارەك ۋوسۇن!
رەھمەت قازاقبەگ
ئەلشاتنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن ، مۇئەللىم بىلوگى ئەلشاتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ، ئەلشاتقا يەنىمۇ يىڭى نەتىجە ، ۋە ئىلھام ، ئۇتۇق تىلەيدۇ!ئامان بولۇڭ ئەلشات…..
كۆپ رەھمەت ناھايتى خۇرسەن بولدۇم
بلوگىڭىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن ،بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تېلەيمەن ،شۇنداقلا مەن بلوگچىلىق ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن قىلغان ياردەملىرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن،رھمەت!
بىرلىكتە تەڭ ئالغا ئىلگىرلەيلى
ئىزتىل بلوگى ئەلشات بلوگىنىڭ بىر يىللىق توي كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ، بۇنىڭدىنكېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى بېسىشىنى ئۈمىد قىلمەن .
مارەك بوسۇن! ھەربىر قەدەملەر نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقاي
قىنى ئۇ ئۇسلۇب مەن بىر كۆرەي
مۇبارەك بولسۇن . سىزنى قۇتلۇقلايمەن
تورسودا بىلوگى ئەلشات بۇرادەرنىڭ قوللاپ ياردەم بىرىشىدە ئىچىلدى…ئەلشات بۇرادەرئالدى بىلەن بلوگىڭىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن ، بۇندىن كىيىن تىخمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كۆكتە پەرۋاز قىلغايسىز…..ئۈسىتىدىكى يازمىلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ……
http://parwaz.taobao.com
مارەك ۋوسۇن
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى بېسىشىنى ئۈمىد قىلمەن .
ئەلشاتنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن، تېخىمۇ تىرىشىڭ دوستۇم ، بىلوگخۇمار تورى سىزگە يىڭى ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ.. بۇ يولدا داۋاملىق توختىماي تىرىشايلى …
مۇبارەك بولسۇن ئەپەندىم بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىڭىزغا تىلەكداشمىز
مۇبارەك بولسۇن ! ئەلشاتنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولسۇن !
مارەك بولسۇن!
مۇبارەك بولسۇن! شۇ قوپاللىقنى مەن ئەتسلا كەچۇرۋەتكەن،چۇنكى مەن بىلىمى بار ئادەمنى چوڭ كۆرىمەن.
قۇتلۇق بولسۇن ئەلشاتقا
ببىىللووگگ پپەەققەەتت ننووررمماالل ئئەەممەەسس
مۇبارەك بولسۇن،مۇبارەك بۇندىن كىيىن تىخىمۇ گۈللىشىغا تىلەكداشمەن بىلوگىڭىزنىڭ
قۇتلۇق بولسۇن!
ئەلشاتنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن، تېخىمۇ تىرىشىڭ دوستۇم ، ئەلسھەت سىزگە ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ
مۇبارەك بولسۇن
مۇبارەك بولسۇن .تىخىمۇ گۈللەنسۇن!!!!!!!!!!
مۇبارەك،بولسۇن.
كىچىكىپتىمەن.. مۇبارەك بولسۇن..