ئىنكاسچىلارنىڭ ئىنكاس سانى ۋە رەتكە تىزىش قىستۇرمىسى
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: قىستۇرما | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل10-ئاي11-كۈنى |1,858 قىتىم
نۆۋەتتە ئىلىپ كەلگەن قىستۇرمام بولسا بلوگىڭىزغا سائەتلىك ،كۈن، ھەپتە، ئاي، بىريىل، قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئىنكاس سانىنى رەقەمچە كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان قىستۇرما بولۇپ بۇ قىستۇرما بلوگىڭىزغا ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئىنكاس يىزىش ھەۋىسىنى قوزغاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، بۇ قىستۇرمىنىڭ ئۇيغۇربەگ بلوگىدا تارقاتقان ئاكىتىپ ئىنكاچىلارغا ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى: ئىنكاس چىنىڭ باش سۈرتىنى ئىسمىنى ۋە يازغان ئىنكاس سانىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بولۇپ ھەر بىر كىشىنى بىررەتكە تىزىپ بىرىدۇ، ئەڭ كۆپ ئىنكاس يازغان كىشى ئەلۋەتتە ئەڭ باشتىن ئورۇن ئالىدۇ.
قىستۇرما ئۈنۈمى:
قىستۇرمىنىڭ مۇھىم تەڭشىكى:
بىرىنجى ئىستىرىلكا ئىچىدىكى بولسا: سائەتلىك ،كۈن، ھەپتە، ئاي، بىريىل، قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە، بولغان ئىنكاسلارنى كۆرسىتىش دىگەنلىك بولۇپ سىز خالىغان بىرنى تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئىككىنجى ئىستىرىلكىدىكى بولسا ئىنكاس يازغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ ھەرىپ سانىنى بەلگىلەيدۇ.
قالغان قىسمىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم ھەم تەڭشەشنىڭ ھاجىتى يوق ئورۇنلار.
مەن مۇنداق تەڭشىدىم:
قىستۇرما نامى:Top Commentators Widget
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغىتىپ ۋىجىتلار رايۇنىغا كىرىپ Top Commentators Widget ناملىق ۋىجىتنى سۆرەپ يان سىتونغا تاشلاپ قويسىڭىز لا بولىدۇ.
ئاخىردا ئىنكاس يازمىساڭلارمۇ ئىلان چىكىشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر. ئىلان چەككەن سىخى تورداشلارغا ئىلان چىكىشكە ۋاقتى چىقمىغان بىخىل ئالدىراش دوستلارغا رەھمەت!
يازما خەتكۈچى:Commentators, ئىنكاس سانى
يازما ئادرىسى:../2471.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
بۇنىمۇ سىناپ باققۇلۇق، لېكىن مىنىڭ بلوگىمنىڭ ئۈسلۇبى كۆپىنچە قىستۇرمىلارنى قپبۇل قىلمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ماۋۇ بىرىنى سىناپ باقاي. ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
بۇمۇ ياخشى قىستۇرما ئوخشىايدۇ-ھە… سىناپ باقاي…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، چەۋەندازلارنىڭ يېڭى بېتى بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ دوستانە ئۇلانمىلىرىنى ئېلان قىلدى ھەمدە سىزنىڭ بېتىڭىز دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى! چەۋەندازلار دوستلىقىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
http://chewendazlar.com
ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم!
ۋوي ۋوي مىەن ئاۋۇ قستۇرما چۈشەندۇرلىشىدە يۈرىمىنا؟
مەن چولپان بولدۇممۇ نىمە؟ خاخا””
چاقچاق،
شۇ ماڭا ئوقۇرمەنلەر تېمى كىرەكئىدى بولسا بەرگەن بولسىڭز سىزنىڭكىدەكچۇ،،،
بۇ تام مىنىڭ ئۇسلۇبۇمنىڭ ئىقتىدارى، بۇنداق تام لازىم بولسا بەگنىڭ بلوگىدا بار ، شۇ يەرنى ئارلاپ بىقىڭ
چۇشۇرۇۋالدىم ئىشلىتىشنى باشلاپ كەتتىم
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، بەك ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز جۇمۇ؟ ئا للا كۆپ ئەجىر ئا تا قىلسۇن !
ياخشى تىمىلار بار ئىكەن ئەلشاتكا،بۇرۇن بىلوگباستىكى چىغىمدا بەك ناچار ھىس قىپتىكەنمەن،كەچۇرۇڭ ھەقىقەتەن نادىر يازمىلار بار ئىكەن.
ياخشى قىستۇرمىكەن،لىكىن ئەلشاتكا ئۆزىڭىزنىڭ بىلوگىغا ئىشلەتسىڭىز بوپتىكەن،بولمىسا سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا ئىنكاس يازىدىغان ئادەم كپ بولغاندىن كىيىن ئاخسا تۇرىدۇ