ئادەملەردە مىھرى شەپقەت دىگەن نەرسە قالماپتۇ،
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل10-ئاي17-كۈنى |1,966 قىتىم
دىققەت يۈرەك كىسىلى بارلار ۋە كىچىك بالىلار بار يەردە كۆرمەڭ
2ياشلىق بالىنى ماشىنا بىسىۋەتسە 10 نەچە ئادەمنىڭ كارى بولمىدى
13- چىسلا چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 5 تىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە ، گۇاڭدوڭ فوشەندە بىر پاجىئە يۈز بەردى . ئىككى ياشلار ئەتراپىدىكى بىر سەبى قىز كوچىدە ئويناۋاتقاندا، بىر بولكىۋاي ماشىنا قىزنى سوقىۋىتىپ ئالدى كەينىگە يىنىپ ئىككى قېتىم دەسسىۋىتىپ قېچىپ كەتكەن . ئارقىدىنلا بىر بىر يۈك ماشىنىسى تەرىپىدىن دەسسەپ ئۆتۈلگەن. بۇ يەردىن ئۆتكەن ئون نەچچە ئادەمنىڭ ۋە ئەتراپتىكى دۇكاندارلارنىڭ بۇ بالا بىلەن كارى بولمىغان . 5 تىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە يۈلدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان بىر ئەخەلت تېرىيدىغان ئايال تەرىپىدىن يولنىڭ چېتىگە تاتىپ ئېلىپ قويۇلۇپ ئاپىسىنى چاقىرىپ قويغان
15 - چىسلا كەچتە موخپىر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ ئامانلىق ساقلاش كامىراسىدا سىنغا ئېلىنغان فىلىم خاتىرىسىنى كۆرگەن، شۇ كۈنى 5تىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، كىچىك بالا بىر 5 خىل مىتاللار شەھەرچىسى ئىچىدىكى بىر كىچىك كوچىدا ئويناۋاتقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئالدى تەرەپتىنى بىر ئاق رەڭلىك بولكىۋاي كەلگەن، كىچىك بالىنى كۆرمىگەندە سۇرەتنى تېزلىتىپ كىچىك بالىنى ئوڭ چاق بىلەن دەسسىۋەتكەن، بولكىۋاي بىر توختىۋىتىپ، ماشىنغا ماينى بېرىپ ئارقا چاق بىلەن يەنە بىر دەسسەپ ئۆتۈپ قېچىپ كەتەن.
ئون نەچچە سىكنوتتىن كىين، 3 يولۇچى بۇ ئورۇندىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەر بالا بار ئورۇندىن ئايلىنىپ ئۆتكەن، قاراپمۇ قويمىغان، باشقا ئىككى كىشى بالىغا بىر قاراپ قويۇپ ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن. قەدىمىنى ئاتىلىتىپمۇ قويمىغان. ئارقىدىنلا بىر كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسى كېلىپ كۆرمىگەندەكلا بالىنى ئالدى كەينى ئوڭ چاق بىلەن ئىككى قېتىم دەسسەپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن 4 توكلۇك موتسىكىلىت ۋە بىر 3 چاقلىق موتسىكىلىت ۋە 3 يولىچى بۇ يەردىن ئۆتكەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىغان. ياردەممۇ قىلمىغان، تېلفون ئۇرۇپ قۇتقۇزۇش خادىمىمۇ چاقىرمىغان .
5 تىن 33مىنۇت ئۆتكەندە بىر ئەخلەت تېريدىغان ئايال بالىى كۆرۈپ ئۇنى يۆلەپ قويماقچى بولغان، لىكىن بالا تۇرالمىغان، ئايال بالىنى قۇچاقلىۋىلىپ، ئىككى قاسناقتىكى دۇكاندارلارغا قاراپ توۋالاپ ياردەم تەلەپ قىلغان، ھىچكىمنىڭ كارى بولمىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئايال بالىنى يولنىڭ چېتىگە تارتىپ قويۇپ كوچا ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتكەن، بىر قانچە سىكنوتتىن كىيىن بىر ئايال يۈگۈرگەن پېتى بالىنى قۇچاقلاپ كۈتۈرۈپ دوختۇرغا ئېلىپ ماڭغان . ئىگىلىنىچە دوختۇرغا ئېلىپ بارغۇچى ئايال ئۇ قىزنىڭ ئانىسى ئىكەن .
13 چىسلا قىز بالا دوختۇرخانىدا ئوپىراتسىيە قىلىنغان ، ئارقا مىڭە قاپقاق سوڭىكى كېسىپ ئېلىۋىتىلگەن، ھەم شۇ كۈنى ئوبلاستلىك ھەربى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. ھازىر تېخى خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتمىگەن
10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا، مۇخپىر دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن، بالا جىددى كۈزىتىش ئۆيىدە كۈزىتىۋىلىپتۇ، سېستىرانىڭ دىيىشىچە بالىنىڭ پۈتكۈل بەدىنى مۇزدەك بولۇپ، ئەھۋال ياخشى ئەمەسكەن.
ھازىر ھەت ئىككىلا ۋەقە سادىر قىلغۇچى شوپۇر قولغا ئېلىنىپ تەكشۇرىلىۋېتىپتۇ .
مەنبە: http://www.elqut.cn/read.php?tid=45861
يازما خەتكۈچى:ۋەقە
يازما ئادرىسى:../2519.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
ئىمان ئىنساپ بولمىغان كىشلەر ئەنە شۇنداق بولىدۇ ئەلۋەتتە…ھەي ،بىزنىمۇ ئاللاھ پاناھىدا ساقلىغاي.
بۇ گۇاڭدۇڭلۇق گۇيلار بەك قارا قورساقكەن جۇمۇ.مەن توردا كۆرگەن بىر-بىرىگە زوراۋانلىق قىلغان ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەردە ساپلا مۇشۇ گۇڭدۇڭلۇقلار بار.