ئورنىڭىز » باش بەت » بلوگ بىلىملىرى » بلوگنىڭ سۈرتىنى ئاستىلىتىۋاتقان ئامىللار

بلوگنىڭ سۈرتىنى ئاستىلىتىۋاتقان ئامىللار

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: بلوگ بىلىملىرى | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل10-ئاي18-كۈنى |1,912 قىتىم

بلوگ ياكى توربەت ئاچقۇچىلار ئۈچۈن توربەتنىڭ ياكى بلوگنىڭ سۈرتىنىڭ تىز ياكى ئاستا بولۇشى بۇ ناھايتى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، شۇڭا بىز بوشلۇق سىتىۋالغاندا ئامال بار تىز سۈرتى تىز بوشلۇقلارنى سىتىۋىلىشنى ئويلايمىز، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇن قايسى دۆلەت بولسا ياكى زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قايسى دۆلەتتىن  كىرسە شۇ دۆلەتتىن بوشلۇق ئالغاندا زىيارەتچىگە تىخىمۇ قولاي ۋە ئىچىلىشى تىز بولىدۇ، شۇڭا بىز بوشلۇق سىتىۋالغاندا ئامال بار ئۆز دۆلىتىمىزدىن سىتىۋالغىنىمىز ياخشى icp سوراپ قالغاندا icp يوق كىشىلەر باشقا دۆلەتنىڭ icp يوق بوشلۇقلارنى ئالماي ئامال بولمايدۇ، ئەمدىكى ئاساسلىق مەخسەت بولسا بىز بوشلۇقنى يىڭى سىتىۋالغاندا سۈرتىنىڭ شۇنداق تىزلىقىنى ھىس قىلىمىز، بارا بارا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سۈرتىنىڭ تىخىمۇ ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز، شۇ ۋاقىتتا بوشلۇق ساتقۇچىدىن ئاغرىنىمىز، ياكى ئۇرۇشىمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرگىزمۇ بوشلۇق مەسىلىسى ئەمەس، بوشلۇق سۈرتى سىز بۇرۇن سىتىۋالغان ۋاقىتتىكىسى بىلەن ئوخشاش ، لىكىن سۈرەتنىڭ ئاستىلاپ كىتىشى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىللار تەرپىدىن بولىدۇ، ( ئۆز تەجىربەمگە ئاساسەن سۆزلىدىم )

1- wordperss نىڭ خەت نۇسخىسىنىڭ چەتئەل بوشلۇقىدىن چۈشۈپ بولغىچە ئاستىلتىۋىتىش مەسىلىسى

wordperss نىڭ ukij tuz tom خەت نۇسخىسى wordperss نى تەرجىمە قىلغاندىلا  css قىسمىغا چەتئەل بوشلۇقىنىڭ خەت نۇسخىسى ۋە فونتىنى چەتئەل بوشلۇقىدىن ئۇلانما قىلىپ يىزىپ قويغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شۇ خەت نۇسخىسى ۋە فونتى چەتئەل تورىدىن چۈشۈپ بولغىچە بلوگ ئىچىلىپ بولالماي بلوگنىڭ ئىچىلىش سۈرتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن رەسىمدىكىدەك.

مانا بۇ يەرگە قارىسىڭىز ئاۋۇ ئادرىستا چەتئەل تورىنىڭ ئادرىسىنى كۆرىسىز، بۇ دەل بلوگنىڭ سۈرتىنى ئاستىلاشتۇرۋەتكەن ئامىللارنىڭ بىرى،( بۇ ئورۇن بلوگ ئىچىلىۋاتقان ۋاقىتتا تور كۆرگۈنىڭ ئاستى قىسمىدا كۆرۈنىدۇ ) بەلكىم بەزەن بلوگلاردا بۇنداق بولماي ئەسلى بلوگنىڭ ئادرىسى يىزىلىپ قويۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەگەر مۇشۇنداق خەت نۇسخىسىنى چەتئەل بوشلۇقىغا ئۇلانما قىلىپ قويۇلغانلار بۇ ئۇسۇل بويىچە ئوڭشىۋىلىڭ.

ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە ئۇلانما قىلىپ قويۇلغان خەت نۇسخىسى ۋە فونتى بوشلۇقىڭىزدىمۇ زاپاس بار شۇڭا ئاۋۇ چەتئەل تورىنىڭ خەت نۇسخىسى ۋە فونتى ھاجەتسىز، ئۆز بوشلۇقىڭىزدىكىنى ئىشلەتسىڭىز  بلوگىڭىز ئىچىلغاندا تەڭلا ئىچىلىدۇ

ئوڭشاش ئۇسۇلى مۇنداق:

wordpress نىڭ بۇ ھۆججىتى ئىچىگە كىرىڭ wp-content\languages  ئادىن قارىسىڭىز fontfaces.css ناملىق css ھۆججىتىنى كۆرىسىز، قوش چىكىپ بۇ css نى ئىچىڭ، ئىچىدىكى  تور ئادرىسىغا قاراڭ. ئاندىن ئاۋۇ چەتئەلنىڭ ئۇلانما ئادرىسىنى ئۆچۈرۋىتىڭ، يەنى  خەت نۇسخىسىنىڭ بۇ خەتنىڭ ئالدىدىكى ئادرىسنى ئۆچۈرۋىتىڭ /wp-content/languages/UKIJTuT.eot

فونت نىڭ بۇ خەتنىڭ ئالدىدىكىنى ئۆچۈرۋىتىڭ. /wp-content/languages/UKIJTuT.eot

( دىققەت بۇ يەردە كۆرسەتكىنىم ھەر گىزمۇ بۇ يەرگە يازغان ماۋۇ خەتلەرنى ئۆچۈرۈڭ دىگىنىم ئەمەس جۇمۇ، بەلكى مۇشۇ يەرگە ئاشۇ بىر سىزىق توربەت ئادرىسىدىن مۇشۇ خەتلەرنى ئۆچۈرمەي قالغان ئادرىسلارنى ئۆچۈرۈڭ دىگىنىم )

ئاندىن ساقلىۋەتسىڭىزلا چەتئەل تورىدىن ئۇلانمىنى ئۈزىۋەتكەن بولسىز بۇ خەت نۇسخىلىرى بوشلۇقىڭىزدىكى خەت نۇسخىلىرىغا ئۇلانغان بولىدۇ، بلوگىڭىز بىلەن تەڭ ئىچىلىپ سۈرتى تىزلىشىدۇ، بۇ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى چوقۇم قىلىڭ بلوگىڭىزنىڭ سۈرتىنىڭ تىزلىشىشى ئۈچۈن!

2- بلوگىمىز باش بىتىگە باشقىلارنىڭ سۈرەتلىك ئۇلانمىسىنى چىقىرىش

ئادەتتە بلوگ يىزىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۆز ئارا بلوگىنى ئۇلانما قىلىۋالىدۇ، بۇ ئۆز ئارا بلوگ تەشۋىق قىلىشتىكى ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، لىكىن بۇ نىڭمۇ بلوگقا نىسبەتەن ئىچىلىش سۈرتىگە مەلۇم دائىردە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى سىز ئۇلانما قىلىۋالغان كىشىنىڭ توربىتى ياكى بلوگىنىڭ ئىچىلىش سۈرتى ئاستا بولسا سىز ئۇلانما قىلغاندا ئىشلەتكەن شۇ كىشىنىڭ توربىتىنىڭ تۇغ ئادرىسىمۇ شۇنچىلىك تەستە ئىچىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شۇ بلوگنىڭ ئۇلانمىسى ئىچىلىپ بولغىچە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىچىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ، شۇ ئۇلانما رەسىمى ئىچىلىپ بولغىچە بلوگىڭىزدىكى مەلۇم مەزمۇنلار ياكى ئورۇنلار ئىچىلىپ بولالماي بلوگنىڭ سۈرتىنى ئاستىلىتىۋەتكەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ،

ھەل قىلىش ئۇسۇلى:

شۇ ئۇلانما قىلغۇچىنىڭ تۇغ ئادرىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ ئۇلانما قىلىڭ، بۇنداق بولغاندا بۇ رەسىممۇ بلوگىڭىز ئىچىلغاندا تەڭ ئىچىلىپ بلوگنىڭ ئىچىلىش سۈرتىگە تەسىر يەتكەزمەيدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى:  ئۇيغۇر بەگنىڭ بلوگىدىكى تۇغ ئۇلانمىسىنىڭ ئادرىسىغا قاراپ بىقىڭ، ھەممە تۇغ رەسىم ئۆز بوشلۇقىغا يوللانغان. ( كاللىسى ئىشلەيدىغان بالىدە ئۇ بەگ  ھى ھى ! )

3- باشقا توربەتلەردىن يازمىغا ياكى باش بەتكە شۇ توربەتنىڭ رەسىم ئادرىسىنى كۆچۈرۈپلا رەسىم ئۇلانما قىلىش

بۇ مەسىلىمۇ خۇددى يۇقارقى تۇغ ئۇلانمىسىغا ئوخشاش مەسىلە، سىز يازمىغا ياكى باش بەتكە ئۇلانما قىلغان رەسىم توربىتىنىڭ ئىچىلىش سۈرتى ئاستا بولسا ياكى شۇ رەسىمنى بوشلۇقىدىن يۇيۇۋەتكەن بولسا شۇ رەسىم ئىچىلىپ بولغىچە ياكى بوشلۇقتىن يۇيۇلغىنىنى دەلىللەپ بولغىچە بلوگنىڭ ئىچىلىش سۈرتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھەل قىلىش ئۇسۇلى:

رەسىمنى ئۆز بوشۇقىڭىزغا يوللاڭ، ئەگەر رەسىم كۆپ بولۇپ رەسىم سىغىمى چوڭ بولۇپ قالسا باشقا توربەتكە يوللاڭ، لىكىن باش بەتكە ئامال بار ئۆز بوشلۇقىڭىزنىڭ رەسىمىنى چىقىرىڭ، يازمىغا باشقا توربىكەتلەرگە يوللىغان رەسىملەرنى چىقارسىڭىز بلوگنىڭ ئىچىلىش سۈرتىگە نىسبەتەن بەك چوڭ تەسىرىمۇ بولمايدۇ.

4- بلوگقا بەك كۆپ قىستۇرما قاچىلىۋىتىش ۋە ئىشلەتمەيدىغان ياكى زۆرۈر بولمىغان ئارتۇقچە كودلارنى قويۇۋىلىش.

قىستۇرمىنى كۆپ قاچىلىۋىتىش دىسەم بەلكىم بەزەن دوستلىرىمىز ئەمىسە سىز نىمىشقا قىستۇرمىنى كۆپ تونۇشتۇرسىز دىيىشى مۇمكىن، توغرا! مەن قىستۇرمىنى  كۆپ تونۇشتۇرۋاتىمەن ۋە بۇندىن كىيىنمۇ يەنە تونۇشتۇرىمەن، لىكىن يوللىغىنىمنىڭ ھەممىسىنى قاچىلىۋىلىڭ دىگىنىم ئەمەس، بەزەن كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بىر قىسىم قىستۇرمىلار زۆرر بولۇپ قالىدۇ يەنە بەزەن كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس، شۇڭا بۇ يەردە ياكى ئۇيغۇربەگنىڭ ياكى باشقا ئورۇنلاردا تونۇشتۇرلىۋاتقان قىستۇرمىلارنىڭ ھەممىنى قاچىلىۋىلىش شەرت ئەمەس، بەلكى  مۇشۇنداق بىر قىستۇرمىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىۋىلىش، لازىم بولغاندا قاچىلاپ پايدىلىنىپ زۆرۆر بولمىغاندا يۇيۇۋىتىش، بۇ قىستۇرمىلار قىچىپ كەتمەيدۇ ياكى تور دۇنياسىدىن يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ ، شۇڭا لازىملىق قىستۇرمىنى قاچىلاڭ، زۆرر بولمىغىنىنى ۋاقتىدا يۇيۇۋىتىڭ.

ۋە ئارتۇقچە زۆر بولمىغان كودلارنىمۇ يۇيۇۋىتىڭ.

ھازىرچە بايقىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىكەن، يەنە بايقاپ قالسام مۇشۇ يازمىغا تەھرىرلەپ كىرگۈزۈپ قويىمەن، بۇ يازمىغا پات پات نەزىرىڭىزنى تاشلاپ تۇرۇڭ!

ئەگەر مۇشۇنداق بلوگنىڭ ئىچىلىش سۈرتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى بايقىغان دوستلار بولسا باشقا دوستلار بىلەنمۇ تەڭ ئورتاقلاشسا دىگەن ئۈمىدتە مەن، ئەگەر بايقىغان ياكى بىلىدىغان دوستلار بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويسا ياكى مەن بىلەن ئالاقىلاشسا شۇ كىشىنىڭ نامىدا يازمىغا كىرگۈزۈپ قويىمەن.

ئاخىردا دوستلار ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقانلارنىڭ ئەجرىگە ئىلان چىكىپ قوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! قوللىغان ۋە قوللاشنى خالىمىغان دوستلارغا رەھمەت!



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:2511.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 10 پارچە ئىنكاس بار!
  1. ئۇزۇق  ( 2011.10.18 10:26 ) : -14-قەۋەت

    بۇلىدىغان ئۇسۇلكەن. يان ستوننى كود بىلەنلا ھەل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تورنى ئاستىلىتىۋېتىدىغان ئامىللار يوقكەن مەندە…..

    جاۋاب
  2. ئاغىنىلەر  ( 2011.10.18 16:02 ) : -13-قەۋەت

    دىققەت قىلغۇدەك مەسىللەركەن بۇ

    جاۋاب
  3. ئۆزقان  ( 2011.10.19 22:10 ) : -12-قەۋەت

    بىرىنچى تۈرنى قىلىپ كۆرەي دېسەم سەل قورقۇپ تۇرىمىنا…

    جاۋاب
  4. ۋارس  ( 2011.10.20 10:05 ) : -11-قەۋەت

    ئەسلى مۇنداقكەن ھە `
    مەنمۇ بۇ لارنى ئوڭشىۋەتسەم بولغۇدەك،
    رەخمەت سىز گە ئەلشاتجان :smile:

    جاۋاب
  5. تۇران تېكىن  ( 2011.10.20 11:09 ) : -10-قەۋەت

    بلوگ تەجرىبىلىرىڭىز بارغانچە موللىشىپ كىتىپ بارىدۇ جۇمۇ! رەھمەتتىن باشقا نىمىمۇ دىيەلەيمىز ئەمدى؟

    جاۋاب
  6. ئۆزقان  ( 2011.10.22 00:42 ) : -9-قەۋەت

    راست، ئۆچۈرىۋېتىپ كۆرۈۋېدىم، تېزلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

    جاۋاب
  7. نۇھ  ( 2011.10.22 02:37 ) : -8-قەۋەت

    بلوگېرلارغا پايدىلىق يازما ئىكەن، رەخمەت!

    جاۋاب
  8. چەۋەندازلار  ( 2011.10.22 13:10 ) : -7-قەۋەت

    بۇ نوقتىلارغا مەنمۇ ئىلگىرى دىققەت قىلغان ئىدىم بولۇپمۇ تۇغنى ئۇلاشتا ئۆزۈمنىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ ئاندىن چىقىراتتىم. بۇ ئىنتايىن ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

    جاۋاب
  9. jurat888  ( 2011.12.12 00:08 ) : -6-قەۋەت

    NEMANDAK QEKEDU HAT

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif