پەچەت خەت نۇسخىلىرى چۈشۈرۋىلىڭ
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: چۈشۈرۈلمىلەر | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل06-ئاي01-كۈنى |3,213 قىتىم
قاراپ باقسام بۇنداق نەرسىلەرگە دوستلىرىمىز خىلى قىزىقىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇنداقلا ياخشى خەت لايىھەسى بولغان بىلەنمۇ ياخشى خەت نۇسخىسى بولمىسا يەنە پەچەت لايىھە لاھىيلەپ چىققىلى بولمايدىكەن شۇڭا ئالدىنقى تىمىنىڭ چالىسى سۈپىتىدە خەت نۇسخىلىرى يوللاپ قويدۇم چۈشۈرۋىلىڭلار. چوقۇم 迅雷 چۈشۈرگۈچنى ئىشلىتىڭ
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈپ بولۇپ پىرىستىن يىشىڭ ئادىن ئۇنى كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ C:\WINDOWS\Fonts بۇ قىسمىغا كۆچۈرۈپ چاپلىۋىتىڭ ئەمدى لاھىيلەش دىتالىنى ئىچىپ ئىشلىتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
ئاخىردا يىڭى لاھىيەلىگۈچى دوستلىرىمىزغا ئازراق ئۆزۈمنىڭ تەكلىپىنى بىرىپ قوياي: تۇغ لاھىيلىگەندە چوقۇم تۇغ ئادرىسىڭىزدىكى بىرەر خەتنى چوقۇم باشقا خەتتىن پەرىق لىنىدىغان قىلىپ لاھىيلەڭ، بۇنداق بولغاندا بۇ تۇغ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ، يەنە بىرسىگە سىز تۇغ لاھىيلىگەندە ئاساسلىق بلوگ ياكى توربەت ئادرىسىڭىزنىڭ ئىسمىنى لاھىيلىگەندە ھەممە خەتنى ئوخشاش قىلىۋىلىڭ دىگەن ئۆلچەم يوق بىرەر ھەرىپىنى ۋەكىل خاراكتىرلىك باشقىچىراق خەت نۇسخىسىدا لاھىيلەڭ. بۇمىنىڭ پەقەت شەخسى كۆز قارشىم.
يەنە لازىم بولسا تارتىنماي ئىنكاس يىزىڭلار كىيىن يەنىمۇ پەچەت خەت نۇسخىلىرىنى يوللىشىم مۇمكىن
يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:688.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
ۋاھ ! نېمە دىگەن ئېسىل !
رەھمەت جۇمۇ ! ئەلشات قارى !
چۈشۈرۋالدىم !
دېۋان ماڭا قاپتۇدە ، رەھمەت سىلىگە ئەلشات ئەپەندى .
سەل كىچىكىپ قاپسىز ئەمەسمۇ؟
دىۋاندا ئولتۇرغىلى بولمايدىغان بۇلۇپ قالدى دىسە! باللا چاققان جۇمۇ!!!!
بۇنى رەتلەپ ناھايىتى ياخشى قىلىپلا جۇمۇ ئەلشات ئەپەندى ! بىر گرافىك لايىھە ئۈچۈن خەت نۇسخىسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ! ياخشى بولغان خەت نۇسخىسى لايىھىنى بىراقلا جانلاندۇرالايدۇ ! خۇدا بۇيرىسا مەن كېيىن چوقۇم بلوگىمدا مۇشۇ توغرىسىدا تېمىلارنى تۆكۈپ تاشلايمەن ! ھا…ھا…
ئۆتكەندە ئۇيغۇر بەگ ئالىيلىرى تەمىنلىگەن نۇسخىلاردىن ئاران 3 نى چۈشۈرەلىگەنتىم ،قېنى بىر سىناپ باقاي ،رەھمەت
گۈلىستان قىز ، باش سۈرەتلەر قاملىشىپ كىتىپتۇ ، بىكارغا ئىش قىلماپتۇق ھە !!مۇبارەك بولسۇن!!!
پىچەت باش سۈرەتلەر بولسا تاپقاچ تۇرالا ، يەنە ئۇلايمىز!!!
تۈزۈت قىلماي چۈشۈرۈۋەردىم، قۇرۇق بولسىمۇ رەخمەت سىزگە!!!
ئۆيگە قايتىپلا چۈشۈرىمەن ، ماۋۇ لا دەششەتكەن … رەخمەت جۇمۇ ئەمما …