ئورنىڭىز » باش بەت » ئۇقتۇرۇش » دۇنيادىكى 100چوڭ بىلوگ ئىچىدە 49ى WordPress نى ئىشلىتىدىكەن

دۇنيادىكى 100چوڭ بىلوگ ئىچىدە 49ى WordPress نى ئىشلىتىدىكەن

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇقتۇرۇش | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل04-ئاي14-كۈنى |1,239 قىتىم

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

شىۋىتسارىيە ئىنتېرنېت تەتقىقات شىركىتى Royal Pingdom نىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا،يەرشارىدىكى 100چوڭ بىلوگ ئىچىدە 49 پىرسەنتى WordPressسىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ،بۇ نىسبەت ئۈچ يىل بۇرۇنقى 32پىرسەنتتىن خىلىلا ئاشقان.

WordPress بولسا دۇنياغا داڭلىق بىلوگ سىستېمىسى شۇنداقلا باشقا تۈردىكى توربېكەتلەرنى تارقىتىش سۇپىسى،Royal Pingdom نىڭ بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا،ئامېرىكىدىكى بىلوگ ئىزدەش ماتورى Technorati باھالاپ چىققان ئالدىنقى 100چوڭ بىلوگ ئىچىدە 32پىرسەنتى WordPress نى ئىشلىتىدىكەن.

ھالبۇكى،بۇ يىلقى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە،ئالدىنقى 100چوڭ بىلوگ ئىچىدىكى WordPress بىلوگ سۇپىسىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئاللىقاچان ئېشىپ 49 پىرسەنتكە يەتكەن،بۇندىن باشقا،ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن:
WordPress سۇپىسىنى ئىشلەتكەن49 توربېكەت ئىچىدە،WordPress.com ۋە WordPress VIP SaaS قاتارلىقلاردا ھاۋالە قىلىنغان بىلوگ سانى 9 غا يەتكەن،WordPress VIP Self-Hosted قاتارلىق مۇستەقىل سۇپىلاردا ھاۋالە قىلىنغان بىلوگ سانى بولسا 40 قا يەتكەن؛

TypePad بىلوگ سۇپىسىنى ئىشلىتىدىغان توربېكەت سانى 16دىن تۆۋەنلەپ 2گە چۈشۈپ قالغان؛

Movable Type بىلوگ سۇپىسىنى ئىشلىتىدىغان توربېكەت سانى تۆۋەنلەپ5گە چۈشۈپ قالغان؛

Drupal بىلوگ سۇپىسىنى ئىشلىتىدىغان توربېكەتتىن ئىككىسى كۆپەيگەن؛

نەشىرىيات سودىگەرلىرىگە قارىتىلغان بىلوگ سۇپىسىغا نىسبەتەن،Gawker نى ئىشلىتىدىغانلاردىن ئۈچى كېمەيگەن،BlogSmith نى ئىشلىتىدىغانلاردىن بولسا 10ى كېمەيگەن؛

Tumblr بىلوگ سۇپىسى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان،ھەمدە بىر بېكەتكە قوللىنىلغان؛

گۇگېلنىڭ Blogger بىلوگ سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان بېكەتتىن بىرسى ئازلاپ،ئىككىسىلا قالغان؛

پەقەت Scoop دىن ئىبارەت بىرلا توربېكەت Daily Kos بىلوگ سۇپىسىنى ئىشلەتكەن؛

ئالدىنقى بۇ 100داڭلىق بىلوگ ئىچىدە،Expression Engine ۋەBricolage بىلوگ سىستېمىسىنى ئىشلەتكەنلەر قالمىغان.

 

 

مەنبە: نۇر تورى

 

ئەلشات سۆزى:

دىمەك wordpress نىڭ ئىشلىتىشچانلىقى كۈندىن كۈنگە ئىشىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىرغىچە blogbus دەك قوتۇر ئاپتۇبۇسقا چىقىپ يۈرۈۋاتقانلار ئەمدى wordpress دەك BRT لارغا چىقىپ بلوگنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭلار، wordpress سىزنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللىشىڭىز!



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../3723.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 6 پارچە ئىنكاس بار!
  1. ئۇدۇن  ( 2012.04.14 11:54 ) : -14-قەۋەت

    :roll: بىزنىڭ بلوگلار ھەم ۋوردپرەس!!!

    جاۋاب
  2. ئىزتىل  ( 2012.04.14 13:23 ) : -13-قەۋەت

    مەنچىمۇ بۇ ۋوردپرەس سۇپىسى بلوگگىرلار ئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانە تاللاش .

    جاۋاب
  3. سەھرالىق  ( 2012.04.15 01:07 ) : -12-قەۋەت

    مەن يېڭى بلوگ سۇپىسىنى ئۆزەم يارىتىمەن… :idea:

    جاۋاب
  4. يولۋاسباي  ( 2012.04.15 09:14 ) : -11-قەۋەت

    راس ۋوردىپىرەس بىلوگ سۇپىسى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش

    جاۋاب
  5. kaliptax  ( 2012.04.18 19:11 ) : -10-قەۋەت

    ئەلشات ئەپەندى ئاۋۇ تاۋبا دۇكان سىلىنىڭما ئۇيغۇرچە قىلسىڭىز بولماسمۇ

    جاۋاب
  6. kaliptax  ( 2012.04.18 19:14 ) : -9-قەۋەت

    ئە راست ماۋۇ مىنىڭ تور كۆورگۇچۇمدە ie7 ie8 دە ئىنكاس يېزىۋاتقاندىكى خەت بىلەن ئىنكاس يوللاش دىگن خەت نورمەل كۈرۈنمىدى ، ئوڭشىۋىلاسىز

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif