ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-04-30 17:44 كۆرۈلۈشى:408 قېتىم
بۈگۈن بىر ئايالنىڭ يىغىسى يۈرۈكۈمنى ئەزدى. ھالغا يىتەي دىسەم كۈزۈم تازا يەتمىدى. قېنى بىر ئورتاقلىشىپ باقايلى.
بىمارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى: بىمار 10 ياش، ئوغول، 8 يىل بۇرۇن يەنى 2 ياش ۋاختىدا يىقىلىپ چۈشۈپ شۈك ئالامىتى كۈرۈلگەن بۇلۇپ ئاتا-ئانىسى سەلقاراپ تەكشۈرتمىگەن. 7 ئايدىن كىيىن بالىدا تارتىشىش، ھەس – ھۇشىنى يۇقۇتۇش ئالامىتى كۈرۈلگەن بۇلۇپ ھەرقايسى دەرجىلىك دوختۇرخاندا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش نەتىجىسىدە ياخشىلانغاندەك بولغان. لىكىن ئىقتىساد مەسلسى تۈپەيلىدىن داۋالىتالماي قالغان. بالا گەرچە 10 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لىكىن ئەقلى ئىقتىدارى شۇ 2 ياشلىق بادەك بۇلۇپ ئانا، دادا دىگەن گەپتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. تۇمۇرنى تۇتقاندا بالنىڭ مىزاجى سەۋدانى ئاساس قىلغان، لىكىن ئاغزىدىن شۇلگەي ئېقىپ تۇرىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ‹ مىڭە قانتۇمۇرلىرى تارايغان ھەم بىر غول قانتۇمۇر چاپلىشىپ قالغان› دىيىلگەن. ئىقتىساد تۈپەيلى بۈگۈنگە قەدەر داۋالنالمىغان بالنىڭ ئانىسى يېقىندا مەن داۋالغان بىر بىمار ئارقىلىق مىنى ئىزلەپ كىلىپ بالسنى داۋالاتقۇسى بارلىقنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. ‹ مۇمكىن بولسا داۋالاپ بەرسىڭىز، بۆرىكىمنى سېتىپ بولسىمۇ بۇ بالامنى ساقايتسام دەيمەن› بۇ بىر ئانىنىڭ بالغا بولغان مىھرى يىغىنچاقلانغان سۆز بولسا كىرەك.
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-04-27 12:59 كۆرۈلۈشى:188 قېتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىللىرىدىن بىرى بولغان گۈلقەنىتلەرنىڭ ياسلىشى توغرىسىدا توختىلىمىز.
گۈلقەنتلەر:بۇ، گۈل چېچەكلەرنىڭ بىر ھەسسىسىگە3-4ھەسسە شېكەر ياكى ھەسەل قۇشۇپ ئاپتاپتا قويۇپ تەييارلانغان دورا ياسالمىسغا قارىتىلغان.گۈلقەنتلەر تەمى تاتلىق بولۇپ ئىستىمال قىلىش ئوڭاي، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلشىغا باب كېلىدۇ.
ھالقىلىق سۆز:
گۈلقەنت | تۈرى:
ئاساسى نەزىرىيە,
تىبابەت | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-04-26 06:33 كۆرۈلۈشى:134 قېتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىللىرىدىن بىرى بولغان خېمىر دورىلارنىڭ ياسلىشى توغرىسىدا توختىلىمىز.
خېمىرلار -دورا ياسالمىسى تەركىبىدىكى بىرقىسىم دورىلارنىڭ قاينىتىلما سۈيى بىلەن، يەنە بىر قىسىم دورا تالقانلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ شېكەر ياكى ناۋات قىيامىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەئجۈنغا قارىغاندا يۇمشاقراق ياسىلدىغان بىر خىل دورا ياسالمىسغا قارىتىلغان.
1) نۇسخىدا قاينىتىش لازىم دەپ كۆرسىتىلگەن دورىلارنىڭ قاتتىقلىرىنى چالا سوقۇپ،بىر كېچە قايناقسۇغا چىلاپ، ئاندىن بوش ئوتتا3/1سۈيى قالغىچە قاينىتىپ سۈزۈلىدۇ.
ھالقىلىق سۆز:
خېمىر | تۈرى:
ئاساسى نەزىرىيە,
تىبابەت | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-04-22 01:44 كۆرۈلۈشى:163 قېتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياسالمىللىرىدىن بىرى بولغان تەرياق‹زەھەر قايتۇرغۇچى› دورىلارنى ياسلىشى توغرىسىدا توختىلىمىز.
تەرياقلار
تەرياق(زەھەر قايتۇرغۇچى)لار – تەركىبىگە زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار چۈشكەن قۇيۇق دورا ياسالمىللىرىغا قارتىلغان.
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-04-19 13:40 كۆرۈلۈشى:197 قېتىم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
بۈگۈن ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى دورا ياسالمىللىرى يەنى ياسلىش شەكلى توغرىسىدا توختىلىپ ئوتماكچىمەن.
ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلدىغان دورا ياسالمىلىرى دورىلارنىڭ تەبىئيتى ۋە داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن،مۇئەييەن تەييارلاش قائىدە-ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ھەرخىل شەكىلدە تەييارلانغان دوراياسالمىلىرىغا قارىتىلغان. ئۇ، دورا شەكىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1.قۇيۇق دورا ياسالمىلىرى 2.قاتتىق دورا ياسالمىلىرى 3.سۇيۇق دورا ياسالمىلىرى 4.تالقان دورا ياسالمىلىرى
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-04-18 11:38 كۆرۈلۈشى:519 قېتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟
بۇ ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت منبىرىدىكى ئالىم ئەپەندىنىڭ يازمىسى بۇلۇپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇش ئۈچۈن يۆتكەپ كەلدىم. قېنى ئۇقۇپ بېقىڭ.
<<ئىپار>> نى قىسقىچە تۇنۇش
ئوردۇچە نامى: كىستورى
ئەرەپچە نامى: مىسكى
پارىسچەنامى: مىشكى
خەنزۇچەنامى: 麝香
ئىنگىلىزچە نامى: Forest musk
ھالقىلىق سۆز:
ئىپار، دورا | تۈرى:
تىبابەت | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
ئەلسىھەت يوللانغان ۋاقتى 2012-04-16 13:29 كۆرۈلۈشى:151 قېتىم
بۆرەك مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلىنى داۋالاش لاھىيەسى
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت بىلوگىنىڭ ئەزىزى ئۇقۇرمەنلىرى . كەلگەم قەدىمىڭلارغا مەرھابا!
ئالدىنقى يازىمىمىزدا جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلى توغرىسىدا توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى يازمىمىزدا قەنىت سىيش كىسللىكنىڭ بىر تۈرى بولغان بۆرەك مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسەللىكنى تۇنۇش ۋە داۋالاش توغرىسىدا توختىلىمىز. قېنى يازمىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن ئاستى ئۈستىدىكى ئىلانلارنى بىر چىكىۋىتىڭ.
بۆرەك مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلدىمۇ قەنىت سىيىش كىسىللىكدىكى 3 كۆپ 1 ئاز ئالامىتى كۈرلىدۇ. قاندىكى قەنىت مىقدارى يۇقۇرى چىقىدۇ. سۈيدۈكتىن قەنىت ماددىسى كۈرلىدۇ. جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسەللىكدىن پارقلىنىدىغان ئالامىتى بىماردا كۆپ سىيىش بۇرۇن باشلىنىپ ئاندىن كۆپ ئىچىش ئالامىتى كۈرلىدۇ. ئۇسۇلۇق بەك ئېغىر بولمايدۇ. تىلى نېپىز، قىزىل، تىلدا توغرىسىغا، بويىغا يېرىلغان سىزىقچىلار پەيدا بۇلۇپ ئېغىز تەمى ئاچچىق، ئېغىزى قۇرۇش، كۆپ ئۇسساش، باش قېيىش، كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش، كۆپ يىيىش، كۆپ سىيىش، كۆپ تەرلەش، قەۋزىيەتلىك، بەل ۋە قول- پۇت تېلىپ ئاغرىش، دائىم ھارغىنلىق ھىس قىلىش،